كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ب د ت نى خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئۆمىكى قۇرۇشقا چاقىردى

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى 4- فېۋرال بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى قارار ماقۇللاپ، خەلقئارالىق ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، خىتاينىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنى خالىغانچە قاماپ قويۇش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى.

ئامېرىكا ئاۋازى، 2019- يىلى 4- فېۋرال

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 25- فېۋرالدىن 22- مارتقىچە يىغىن چاقىرىپ، ب د ت ئۆتكەن يىلى 11- ئايدا باھالىغان «خىتاينىڭ ئومۇمىيۈزلۈك قەرەللىك باھالاش نەتىجىسى دوكلاتى»غا قاراپ چىقىدۇ. ئەينى ۋاقتتا خىتاي ئەمەلدارلىرى شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلغان.

«كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى» دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمەت جەمئىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىى ئورتاق ئىمزا قويۇپ ئېلان قىلغان بۇ باياناتنىڭ كۆپلىگەن رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكى تەكىتلىدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مۇتەخەسىسلىرى، تەتقىقاتچى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ مۆلچەرىچە، بىر مىليون ئۇيغۇر شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يۈزلىگەن «قايتا تەربىيلەش لاگىرلىرى»غا قامالغان، ئۇنىڭدىن باشقا تەخمىنەن ئىككى مىليون كىشى لاگىرلاردا تۈرلۈك شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مېڭە يۇيۇش تەربىيىسى قوبۇل قىلماقتا.

ب د ت مۇتەخەسىسلىرى، ئەھدى ئورگانلىرى ۋە كىشلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى بۇندىن رايوننىڭ ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رايوننى ئەركىن  كىرىپ - چىقىشقا ئېچىۋېتىشكە چاقىرغان ئىدى. خىتاي دەسلەپتە بۇ لاگىرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلدى، ئۆتكەن يىلى 12- ئايدىن باشلاپ بىر قىسىم مۇخبىر ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش «كەسپىي تېخنىكا تەربىيلەش مەركەزلىرى»نى زىيارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ باياناتىدا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ قارارىدا رايونغا ئېلىپ بېرىلىدىغان زىيارەتلەرنىڭ مۇستەقىل بولۇشى، چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقى ۋە تەقىب قىلىنماسلىقىنى تەكىتلىشى چاقىرىق قىلىندى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى كۇمى نايدو مۇنداق دېدى:«خىتاي شۇنى تونۇپ يېتىشى كېرەككى، پەقەت خەلقئارالىق ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىلا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاپ چىقالايدۇ، پىتنە - ئىغۋالارنى يوقىتىپ، ئادىل خاتىرە قالدۇرالايدۇ.»

ئەركىن تىبەت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمەت جەمئىيىتى قاتارلىق 40 تىن ئارتۇق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى 30- يانۋار ئورتاق ئىمزالىق ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ خالىغانچا قاماپ قويۇش ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق  تاجاۋۇزچىلىقلىرىغا قارشى قارارنى قوللاشقا دەۋەت قىلغان.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمەت جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى فىلىپ لىنچ مۇنداق دېدى: «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىشى ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر مەسىلە، لېكىن ھازىر ھالىقىلق باسقۇچقا كېلىپ قالدى. دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر دۆلەت ئەگەر مىليونلىغان خەلقنى  خالىغانچە قاماپ قويسا، بۇنى مەيلىگە قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ.»