بورالتان كۆۋرۈكى شەرمەندىچىلىكى قايتا يۈز بېرەمدۇ - قانداق؟!

مىركامىل كاشغەرى

2016- 10- 15

 

تۈركىيەنىڭ ۋىجدان يارىسى، تۈرك تارىخىنىڭ يۈز قارىسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ شەرمەندىلىك گۇۋاھنامىسى بولغان «بورالتان كۆۋرۈكى پاجىئەسى[1]»نىڭ يەنە بىر ئوخشىشى ئەمدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمىتى دەۋرىدە، قاراڭغۇ كۈچلەرنىڭ ئېزىقتۇرىشى بىلەن قايتا مەيدانغا چىقىرىلماقچى بولماقتا. توغرىسىنى ئېيتقاندا، تۈركىيەدە بىر نامەلۇم قول ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، تۈركىيە دۆلىتىنى ئۆز قېرىندىشى ۋە ئۈممەتنىڭ قانلىق يارىسى بولغان شەرقىي تۈركىستانلىق ئېزىلگۈچىلەر ھەققىدە بىر خاتالىققا سۆرەش ئۈچۈن تېپىرلىماقتا.

بورالتان بىر كۆۋرۈك، ئاراس دەرياسىدىن ئۆتىدۇ

چىقماس يۈزۈڭ قارىسى، ئاراس سۈيىدە يۇساڭمۇ

ئالدىغا سېلىپ ماڭدى، دۈشمەن كۈتىدۇ ئۇدۇلدا

قېرىندىشىم ساتتى مېنى، قانخۇرلارنىڭ بازىرىدا

قايرىلىپ نىدا قىلدىم، شەپقەتسىزنىڭ بىرسىگە

"ماڭا ئوقنى سەن ئاتساڭ، شۇ كاپىرنىڭ ئورنىغا"

دەپ ئوقۇلۇپ كېلىۋاتقان بۇ يۈرەكلەرنى زىدە قىلغۇچى مەرسىيەنى خىتاي زۇلمىدا ئېزىلگەن شەرقىي تۇركىستانلىقلارغىمۇ تەكرارلىتىش ئۈچۈن ئالاھىدە ئۇرۇنىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە.

دەرۋەقە، 2001 - يىلىدىن بېرى ئىستانبۇلدا پاناھلانغۇچى سالاھىيىتى بىلەن ياشاۋاتقان ۋە شەرقى تۈركىستاندىكى شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى ئارىسىدا سۆيۈلىدىغان ئالاھىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان، خىتاينىڭ ئويدۇرما بوھتانلىرى بىلەن 2002 - يىلى خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشى تۈپەيلى ئارىدىن شۇنچە ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن «ئىستانبۇل باكىركۆي مۇرەسسە قىلىش ۋە جازالاش مەھكىمىسى» تەرىپىدىن سوتلىنىپ، مالتەپە جازا ئىجرا قىلىش تۈرمىسىگە تاشلاندى. بۇ ئابدۇل قادىر ياپچانغا نىسبەتەن تۈنجى ئەمەس - ئەلۋەتتە. ئۇ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان 15 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئاساسسىز شىكايەت قىلىشى سەۋەبىدىن بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ 2002 -يىلىدا 1 قېتىم، 2008 - يىلىدا 1 قېتىم ۋە 2016 - يىلىدا 2 قېتىم بولۇپ، جەمئىي 4 قېتىم قولغا ئېلىنغان ۋە ھەر 4 قېتىمدا يېتەرلىك دەلىل - پاكىت بولمىغانلىقى ئۈچۈن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. 

بولۇپمۇ يېقىنقى 2 ئاي ئىچىدە، «ئىستانبۇل باكىركۆي مۇرەسسە قىلىش ۋە جازالاش مەھكىمىسى» تەرىپىدىن 2 قېتىم قويۇپ بېرىش قارارى چىققان بولۇشىغا قارىماي، ھەر ئىككى قېتىمدا تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دەرھال قارارغا ئېتىراز بىلدۈرۈشى تۈپەيلى قارارنىڭ بېكار قىلىنىشى شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرىقى قېتىمدا، تۇتۇپ تۇرۇش مۇددىتى 40 كۈندىن ئاشماسلىق ۋە مۇددەت توشقاندىن كېيىن كېرەكلىك ماتېرىياللارنى تولۇقلاپ سۇنۇش شەرتى بىلەن مالتاپە تۈرمىسىگە يوللىنىشى ھەممەيلەننى تەئەججۈپلەندۈرمەكتە.

«ئەجىبا بۇنىڭ ئارقىسىدا بىرەر سىرلىق قول بارمۇ- قانداق؟» دەپ ئويلانغىنىمىزدا، تۈنجى بولۇپ، ھېلە-نەيرەڭ ۋە ساماننىڭ ئاستىدىن سۇ قويۇپ بېرىشتە شەيتانغا دەرس ئۆتەلەيدىغان ئىشغالىيەتچى خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنداقلا ئۇنىڭ تۈركىيەنىڭ دۈمبىسىگە سانچىغان زەھەرلىك خەنجەرلىرى ۋە ئاكتىپ لوبىلىرى ھېسابلىنىدىغان ماۋزىدۇڭچىلار، كومۇنېستلار ھەمدە باشقا قانۇنسىز مەخپىي گۇرۇپپىلار ئەقلىمىزغا كېلىدۇ. گويا «بىز تۈركىيەنىڭ يۈزىگە بورالتان كۆۋرۈكى شەرمەندىچىلىكىنىڭ قارىسىنى يوقتۇرغان ئىدۇق، ئەمدى سىلەرمۇ يوقتۇرۇپ بېقىڭلار» دېگەن ئوي بىلەن ئۆزلىرىنىڭ شەرمەندىچىلىك داغلىرىنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ يۈزىگىمۇ سۈرتمەچى بولۇۋاتقانلار باردەك تۇيىلىدۇ. چۈنكى يېقىنكى ئايلاردىن بۇيان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتارلىق ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىر قانچە قېتىملىق يېغىنلاردا بورالتان كۆۋرۈكى شەرمەندىچىلىكىنى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ يۈزىگە بولۇشىغا ئۇرغان ئىدى.

ياكى بۇ سىرلىق قول، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ قويۇرۇقچىلىقىنى قىلىۋاتقان، ھەتتا زامان گېزىتلىرى ۋە باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئۇيغۇرلارنى تېررورىست ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي قەتلىئامىغا قانۇنلۇق ئاساس يېرىتىپ بەرگەن فوتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكلاتىنىڭ مەخپىي قالدۇقلىرى بولىشى مۇمكىنمۇ؟

پۈتۈن دۇنيادىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارغا ئۈمىت بولۇۋاتقان، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت بايلىقى ۋە مىڭلىغان يىللىق تۈرك - ئىسلام قېرىنداشلىق ئېڭى ئاساسىدا ھېچقانداق ئايرىمچىلىق قىلماستىن، بارلىق ئېزىلگۈچىلەرگە قۇچاق ئېچىپ، دۇنياغا ئۈلگە بولۇۋاتقان تۈركىيەنىڭ، ياۋروئاسىيادىكى بولۇپمۇ تۈرك دۇنياسىدىكى ئوبرازىغا زىيان سېلىشنى قەست قىلغان، جۈملىدىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى زالىمغا مەزلۇمنى تاپشۇرۇپ بېرىشتەك بىر خاتالىققا سۆرىمەكچى بولغان ئەبلەخلەر بولىشىمۇ مۇمكىن.   

بىراق بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بەسىرەتلىك تۈركىيە دۆلىتى ۋە زالىمغا قارشى كۆكرەك كېرىشى بىلەن تونۇلغان نۆۋەتتىكى تۈركىيە ھۆكۈمىتى بونداق بىر خاتالىقنىڭ يۈز بېرىشىگە شۇنداقلا ئېزىلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ئۈمىت بايلىقىنىڭ سورۇلۇپ  توزۇپ كېتىشگە قەتئىي يول قويمايدۇ.

قېنى خالىسىڭىز بىر ئاز ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىغا چۆكەيلى!

ئىشغالىيەتچى خىتاي ھۆكۈمىتى، دۆلەتنى بۆلۈپ پارچىلاش بىلەن ئەيىبلەپ، 2002 - يىلى چىقارغان خەلقئارا تۇتۇش بۇيرۇقىنى داۋاملىق يېڭى بوھتانلار بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ھازىرغىچە پىيىگە چۈشۈشنى توختاتمىغان بۇ ئابدۇل قادىر ياپچان زادى كىم؟ 

ئۇ، شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسىنىڭ ساغلام ئەقىل ۋە قانۇنلۇق مۇھىت ئىچىدە، ئوتتۇراھال يولدا ئېلىپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن... تېخىمۇ مۇھىمى ياشلارنى خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن ئۇزاق تۇتۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن كۈرەش قىلغان.... ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي قىممەت قارىشىغا مەھكەم ئېسىلىشىنى، تۈرك - ئىسلام مەدەنىيىتى كىملىكىنى قوغداش ئاساسىدا، خەلقنىڭ ئاڭ ۋە ۋىجدانىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان ياشلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن... ئۈممەتنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر پارچىسى ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنى خىتاينىڭ ئاسىملاتسىيە سىياسىتىگە قارشى رىغبەتلەندۈرۈشنى ھاياتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىگە ئايلاندۇرغان... شۇڭلاشقا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى ئارىسىدا ئاقساقال جامائەت ئەربابى سۈپتىدە ئالاھىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر زاتتۇر.

يېقىنقى 15 يىلدىن بۇيان ئىستانبۇلدا پاناھلانغۇچى سالاھىيىتى بىلەن ياشاۋاتقان 58 ياشلىق ئابدۇقادىر ياپچان،  1958 - يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق يېڭى شەھەر ناھىيەسىنىڭ ياپچان يېزىسىدا دۇنياغا كېلىدۇ، ئۇ 1973 - يىلى 8 - نويابىردا ئەمدى تېخى 15 يېشىغا قەدەم قويغان چېغىدا، ئۇتتۇرا مەكتەپ  ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن تەشكىلات قۇرۇش جىنايىتى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.  كېيىنچە قىزىل خىتاينىڭ دېكتاتور دۆلەت رەئىسى ماۋزىدۇڭ ئۆلگەندىن كېيىن، 1979 - يىلى 8 - ئۆكتەبىردە جازىسى يېنىكلىتىلىپ قويۇل بېرىلىدۇ. ئوقۇش يېشى تۈرمىدە ئۆتۈپ كەتكەن ئابدۇلقادىر ياپچان تۈرمىدىكى چېغىدا ئاتاغلىق دىنىي ئالىم رەھمەتلىك ئابدۇل ھەكىم مەخسۇم بىلەن تۇنۇشقان بولۇپ، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن مەخسۇمنىڭ قاغىلىقتىكى مەدرىسىسىگە بېرىپ، دىنىي تەلىم ئالغاچ ئىسلامىي تەبلىغ خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

ئابدۇلقادىر ياپچان بارىن ئىنقىلابىنىڭ باشلامچىسى شېھىت زەيدىن يۈسۈپ بىلەن كونا تونۇشلۇقى بولغانلىقى سەۋەبىدىنلا 1990 - يىلى قايتا قولغا ئېلىنىپ، 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئارقىدىن 1993 - يىلىدا بولسا، ئۇستازى مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ جانازە مۇرىسىمىغا قېتىلىش جىنايىتى بىلەنمۇ ئەيىبلىنىپ، يەنە 3 يىللىق قاماق جازاسىغا دۇچ كېلىدۇ.

بۇ خىل يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن داۋاملىق قولغا ئېلىنىشتىن جاق تويغان ئابدۇل قادىر ياپچان ئاخىرى قاماق جازاسىنى تۈگۈتۈپ،  ھەجكە بېرىش مۇناسىۋىتى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ كېتىش قارارىغا كېلىدۇ. 1996 - يىلى 25 - دېكابىردا قانۇنلۇق ھالدا چەتئەلگە چىقىپ، قىرغىزىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەربىستانلاردا مەلۇم مەزگىل تۇرۇپ قالىدۇ. ئارقىدىن مىسىر ئارقىلىق 2001 - يىلى 2 - ۋەتىنى بولغان تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ. 

قىسقىسى، ئابدۇل قادىر ياپچان مۇھاجىرەتتىكى 20 يىللىق ھاياتى بويىچە، خىتاينىڭ ياشلارنى تېررورلۇققا يۈزلەندۈرۈش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى قەتلىئامىغا قانۇنلۇق ئاساس يارىتىش نەيرىڭىنى كۆرۈپ يەتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسىنى خەلقئارالىق تېررورىزىمغا مىلەش ۋە بۇ ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانىڭ سىياسىي ساھەدىكى قوللىشىدىن مەھرۇم قىلىشتەك مەخپىي پىلانى ۋە ئىپلاس نىشانىنى ياشلارغا ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپ كەلگەن كىشى ئىدى. ئۇ تۈركىيە قانۇنىدا بېرىلگەن ئىمكانىيەتلەر دائىرىسىدە، ھەر قېتىملىق نۇتۇقىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ھاۋزىسىدا كۆمۈلۈپ ياتقان مىڭلىغان يىللىق تۈرك - ئىسلام كۈلتۈرىنىڭ مەنىۋى جەۋھەرىلىرىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش ئارقىلىق ياشلارنىڭ يولىغا چىراق ياققان ئىدى. زالىم خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە پىسخىئولوگىيەلىك بېسىم قىلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى 84 ياشلىق ئانىسىنى تۈرمىگە تاشلىغان بولسىمۇ،  يەنىلا ئۈنى زۇلۇمغا، ناھەقچىلىككە ۋە ئىشغالىيەتكە قارشى كۈرەش قىلىشتىن ۋاز كەچۈرەلمىدى.

بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، خىتاينى ھەقىقىي بېئارام قىلىۋاتقان ئىش، قانداقتۇر خىتاي ئىلگىرى سۈرىۋاتقاندەك ئابدۇل قادىر ياپچاننىڭ ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى بولغانلىقى ئەمەس، بەلكى دەل ئەكسىچە ئەزاسى بولمىغانلىقىدۇر. پاكىستاندىكى چېغىدا ئۇيغۇر ياشلارنى خىتاي بىلەن تالىباننىڭ مەخپىي تىل بېرىكتۈرگەنلىكى ھەققىدە قانداق ئاگاھلاندۇرغان بولسا، تۈركىيەدە تۇرۇش جەريانىدىمۇ خىتاينىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدە قورغان تېرروررلۇق توزاقلىرىدىن ئاگاھلاندۈرۈپ كەلگەنلىكىدۇر.

ناۋادا ئۇنداق بولماي، ئابدۇقادىر ياپچان تېررورلۇققا مېلەنگەن بولسا ئىدى ۋە ياشلارنى ئاگاھلاندۈرۈشنى توختاتقان  بولسا ئىدى، خىتاينى راسا خاتىرجەم قىلغان بولاتتى. ئۇ چاغدا خىتاي خۇددى تالىبانغا، پ ك ك غا، دائېشقا، پ ي د گە ۋە د ھ ك پ ج (ئىنقىلاپچى خەلق ئازادلىق پارتىيەسى ئالدىنقى فرۇنتى) تېررولۇق تەشكىلاتلىرىغا شۇنداقلا تۈركىيەدىكى ماۋزىدۇڭچىلارغا ۋە سولچى كومۇنىستلارغا مەخپىي، ۋاستىلىق يوللار بىلەن ماددى (پۇل، قورال- ياراق) مەنىۋىي (ئىدولوگىيە) ۋە پارتىزان يارىدىمى قىلغانغا ئوخشاش ئابدۇل قادىر ياپچانغىمۇ ئۆزىگە سەزدۈرمەستىن ئاستىرىتتىن ياردەم قىلىشنى باشلىۋەتكەن بولاتتى.

دەرۋەقە، ئىشغالىيەتچى خىتاينىڭ رەھىمسىزلەرچە يۈرگۈزىۋاتقان شەرقىي تۇركىسانلىقلارنى پۈتۈنلەي ئاسېمىلاتسىيە قىلىش ياكى تېررورغا يۈزلەندۈرۈش سىياسىتىنى پاش قىلغان ۋە ئىنسانىيەتكە خىلاپ زۇلۇم - سېتەملىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشقان ھەر بىر ھەرىكەتنى «تېررولۇق»، ھەمدە ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغانلارنى بولسا، «تېررورىست» دەپ قارىلاپ يۈرىشى نە تۈنجى ئىش، نە ئاخىرىقى ئىشىمۇ ئەمەس. شۇڭا ھېلىگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانچىلىغان يىللاردىن بېرى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلغار شەخسلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان قانۇنسىز قارىلاش سەپەرۋەرلىكى نە ياۋروپا ئىتتىپاقى، نە ئامېرىكا، نە باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەردە ئېتبارغا ئېلىنىپ باقمىدى.

مەسىلەن؛ ئىشغالىيەتچى خىتاي ئابدۇل قادىر ياپچانغا ئوخشاش ئامېرىكىدىن ئۇيغۇر رەھبەر رابىيە قادىر خانىم، گېرمانىيەدىن دۇلقۇن ئەيسا، تۈركىيەدىن ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە سىيىت تۈمتۈرك قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسىنى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلىرى دائىرىسىدە، رەسمىي قانۇنلۇق ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئونلىغان رەھبەرلەرنى تېررورلۇق تىزىملىكىنىڭ بېشىغا تېزىۋېلىپ، پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئالاقىدار دۆلەتلەرگە شىكايەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۈپ كەلدى. بىراق دېموكراتىيەدە ئارقىدا قالغان بەزى ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن باشقا ھېچقانداق دۆلەت بۇ شىكايەتلەرگە پىسەنتمۇ قىلمىدى. ئۇلارغا چاپلىنىۋاتقان جىنايەت ۋە ئۇ ئاتالمىش جىنايەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش شەكىللىرىنىڭ ئەدلىيە ئۆلچەملىرىگە چۈشمەيدىغانلىقى ھەمدە يېتەرلىك دەلىل - پاكىتىنىڭمۇ بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ھەر قېتىمدا رەددىيە بېرىلدى.

ئامېرىكا پالاتاسى تېخى يېقىندىلا (2016 - يىلى دېكابىردا) ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ تېررورىزمغا بولغان ئىنكاسى[2]» ناملىق دوكلاتىدىمۇ خىتاينىڭ تېررورلۇق ئۇقۇمىدا ئېغىر مەسىلە بارلىقى، قايتۇرۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇلارنى خەلقئارانىڭ بۇ ئۇقۇم دائىرىسىدە «تېررروچى» دەپ قوبۇل قىلالىشىنىڭ ئىنتايىن قېيىن ئىكەنلىكى ھەمدە ئۇيغۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىشكە بولمايدىغانلىقى بايان قىلىنىپلا قالماستىن، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىگە قارىتا ئامېرىكىدا قايغۇرۇشلارنىڭ بارلىقى، شۇڭلاشقا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا بولمايدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ئىدى. (بۇ دوكلات ئۆز نۆۋىتىدە يەنە 40 كۈندىن كېيىن ئىستانبۇلدا سوت قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئابدۇل قادىر ياپچان مەسلىسىگە نىسبەتەنمۇ مۇھىم ئۈلگە بولالىشى مۇمكىن)

قېنى ئەمدى مەسىلىنىڭ قانۇنىي قىسمىغا قاراپ باقايلى!

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە ئابدۇل قادىر ياپچاننى قايتۇرۇپ بېرىشكە بولامدۇ؟

1 - شۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەككى، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى يوق[3]. شۇڭا تۈركىيەنىڭ ئابدۇل قادىر ياپچاننى قايتۇرۇپ بېرىش مەسئۇلىيىتىمۇ يوق.

2 - ئابدۇل قادىر ياپچان تۈركىيەگە كېلىپلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پاناھلانغۇچىلار ئالىي كومىسسارلىقىغا پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنغان بولۇپ، بۇ ئىلتىماس بىر قانچە ئون قېتىملىق سۆھبەتتىن كېيىن 2002 - يىلىدا رەسمىي قوبۇل قىلىنغان ۋە ئابدۇل قادىر ياپچانغا پاناھلانغۇچى سالاھىيىتى بېرىلگەن ئىدى. قولىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پاناھلانغۇچى سالاھىيەت كېنىشكىسى بولغان ۋە تۈركىيەدە شۇ سالاھىيەت بىلەن 14 يىلدىن بۇيان ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان بىر كىشىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشى ياكى تۈرمىگە تاشلىنىشى، ھەم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق باياننامىسىغا، ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆلچەملىرىگە، ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئالدىدا تۇرغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېموكراتىك، مىللىي ۋە مەنىۋىي قىممەت قاراشلىرىغا پۈتۈنلەي زىتتۇر.

شۇنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پاناھلانغۇچىلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ ئۆز ھىمايىسىگە ئالغان پاناھلانغۇچىلارنى تۈرمىدىن چىقىرىش ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتى بار تۇرۇغلۇق، ئابدۇل قادىر ياپچان مەسلىسىگە كەلگەندە جىم تۇرىۋالغانلىقى، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۈستىدىكى بېسىمىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى ياكى تۈركلەرگە ۋە ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ۋىرۇسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىمۇ قاپلاپ كەتكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەرمەكتە.

3 - تۈركىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ساقچى مەسئۇلىدىن ئىگىلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەلۇماتتا بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي ئابدۇل قادىر ياپچان ھەققىدە تۈركىيەگە 16 توم ھۆججەت يوللىغان. بۇ ھۆججەتلەردە ئابدۇل قادىر ياپچاننىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى چېغىدا جازاسىنى تۈرمىدە تۇلۇق تاماملاپ بولغان كونا جىنايەتلىرى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۆھتان تەكرارلىنىش بىلەن بىرگە يېڭى جىنايەت سوپىتىدە، ئابدۇل قادىر ياپچاننىڭ بىر كىشىگە پۇل بەرگەنلىكى ۋە ئۇ كىشىنىڭ پۇلنى شەرقىي تۇركىستاندا خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرگە ئىشلەتكەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇنىڭغا دەلىل - پاكىت سۈپىتىدە قانچىلىغان يىللار ئىلگىرى خىتاي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ۋە بەزىلىرى ھازىر تۈرمىدە يېتىۋاتقان 3-4 مەھبۇسنىڭ بايانلىرى سۇنۇلغان. ھەمدە سېسىق نامى دۇنياغا پۇر كەتكەن «خىتاي ئىشكەنجىسى» ئارقىلىق خالىغان شەكىلدە ئېلىنغان ئويدۇرما ئېتىراپلار قوشۇمچە قىلىنغان. بىراق شۇنىسى ئېنىقكى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار قانۇنىدا ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقى ۋە ئىشكەنچە (قېيىن - قىستاق) ئارقىلىق مەجبۇرىي ئېلىنغان ئېتىراپلار پاكىت ھېسابلانمايدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ بۇ 3-4 ئاتالمىش شاھىتلىرى ۋە ئېتراپچىلىرىغا قارشى چەت ئەللەردىكى 70 تىن ئارتۇق شەرقىي تۇركىستان جەمئىيەتلىرى ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ بارلىق مەسئۇللىرى ئابدۇل قادىر ياپچاننىڭ مەزكۇر جىنايەتلەر بىلەن ياكى ئاتالمىش ئىسلام پارتىيەسى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقىغا دائىر سوتتا گۇۋاھلىق بېرىشكە ۋە كاپالەت بولۇشقا تۇلۇق تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئاخبارات ئېلان قىلغاندىن سىرت، ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان دۆلەتلەردىن تۈركىيەنىڭ مەسئۇل ئورگانلىرىغا ئىلتىماسلارنى يوللىدى. شۇنداق بولغاندا ئابدۇل قادىر ياپچاننىڭ جىنايىتى ھەرقانچە بولسا، ئىدىئولوگىيەلىك جىنايەت ياكى سىياسىي جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ دەل تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا بىنائەن قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان جىنايەتلەر تۈرىگە كېرىدۇ.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى(پارلامېنتى) تەرىپىدىن 2016 - يىلى 23 - ئاپرېلدا رەسمىي قوبۇل قىلىنىپ ئىجرا قىلىنىۋاتقان 6706 - نومۇرلۇق «جىنايى ئىشلاردا خەلقئارالىق ئەدلىيە ھەمكارلىقى قانۇنى»نىڭ ئەدلىيە ئىشلىرىدا ئۆزئارا ياردەملىشىش بۆلىمىنىڭ 11 - ماددىسىدە بۇ خۇسۇسلار ئىنتايىن ئوچۇق ۋە كونكېرت شەكىلدە تۆۋەندىكىچە بەلگىلەنگەن[4]؛

11 - ماددە

(1) تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپى قوبۇل قىلىنمايدۇ؛

(ئا) خەلقئارا جىنايى ئىشلار دىۋانىغا تەرەپ بولۇشتىن تۇغۇلغان مەسئۇلىيەتتىن سىرت،  قايتۇرۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان كىشى تۈركىيە گېراژدانى بولغان ئەھۋالدا قايتۇرۇلمايدۇ.

(دېمەك: بىرىنجىدىن، خىتاي خەلقئارا جىنايى ئىشلار دىۋانىغا «تەرەپ» ئەزا ئەمەس. شۇڭا خىتاي بۇ مەسىلىنى خەلقئارا سوتنىڭ قانۇن - بەلگىلىمىرى بويىچە ھەل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغىمۇ ئىگە ئەمەس. ئىككىنجىدىن، ئابدۇل قادىر ياپچاننىڭ ئايالى ۋە قىزى تۈركىيە پۇقراسى، ئەگەر ئابدۇل قادىر ياپچان قايتۇرۇپ بېرىلگەن تەقدىردە ئائىلىسى ئورنىنى تولدۇرىۋېلىش مۇمكىن بولمايدىغان ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولىدۇ)

(ب) قايتۇرۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان كىشىنىڭ ئىرقى، ئىرقىي مەنسۇبىيىتى، دىنى، گېراژدانلىقى، مەلۇم بىر ئىجتىمائىي گۇرۇپپىغا ئەزا بولغانلىقى ياكى سىياسىي قاراشلىرى تۈپەيلىدىن سوتلىنىش ۋە تەپتىش قىلىشقا دۇچار بولىدىغانلىقىغا ۋە ياكى جازاغا تارتىلىدىغانلىقىغا، قېيىن - قىستاق ۋە ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغانلىقىغا دائىر كۈچلۈك گۇمان بولغان ئەھۋاللاردا قايتۇرۇلمايدۇ.

(بۇ نۇقتىدا، پاكىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، نېپال، ۋېيىتنام، تايلاند، مالايشىيا ۋە ھىندونېزىيەدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان پاناھلانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا دۇچ كەلگەنلىكى، يەنە بەزىلىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ جامائەتچىلىكتىن مەخپىي تۇتۇلىۋاتقانلىقى خەلقئاراغا مەلۇملۇق بىر ھەقىقەتكى، بۇمۇ ئابدۇل قادىر ياپچان قايتۇرۇپ بېرىلگەن تەقدىردە تېخىمۇ خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.)

(ج) قايتۇرۇپ بېرىلىشىگە ئاساس قىلىنغان جىنايەتلەر،  بىرىنچىدىن ئىدىئولوگىيەلىك جىنايەت ياكى سىياسىي جىنايەت ۋە ياكى سىياسىي جىنايەتكە چېتىشلىق بىرەر جىنايەت تۇرى بولغان ئەھۋالدا قايتۇرۇلمايدۇ.

(ئابدۇل قادىر ياپچاننىڭ جىنايىتى ھەرقانچە بولغاندا، ئىدىئولوگىيەلىك جىنايەت ياكى سىياسىي جىنايەت تۈرىگە كېرىدۇ)

ئىككىنچىدىن، پەقەتلا ھەربىي جىنايەت بولغان ئەھۋالدا قايتۇرۇلمايدۇ.

ئۈچىنچىدىن، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قارشى، تۈركىيە دۆلىتىگە ياكى تۈركىيە پۇقراسىغا ۋەياكى تۈركىيە قانۇنىغا بىنائەن قۇرۇلغان بىرەر ئورگانغا زىيان يەتكۈزىدىغان جىنايەت بولغان ئەھۋالدا قايتۇرۇلمايدۇ.

تۆتىنچىدىن، تۈركىيەنىڭ سوتلاش ۋە جازالاش دائىرىسىگە كىرىدىغان جىنايەت بولغان ئەھۋالدا قايتۇرۇلمايدۇ.

بەشىنجىدىن، ئىناۋەتلىك مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن (يەنى كونىراپ كەتكەن) ياكى ئەپۇ قىلىنغان جىنايەت بولغان ئەھۋالدا قايتۇرۇلمايدۇ.

(بۇ يەردە ئابدۇل قادىر ياپچانغا ئارتىلغان جىنايەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئونلىغان يىل ئىلگىرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ۋە تۈركىيە ئەدلىيەسىنىڭ ئابدۇل قادىر ياپچاننى جەمئىي 4 قېتىم قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېتىبارغا ئېلىش مۇمكىن)

(د) قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپى، ئۆلۈم جاسىغا دۇچار قىلىدىغان ياكى ئىنساننىڭ غۇرۇرى دەپسەندە قىلىنىدىغان تۈردىكى جازالارغا دۇچار قىلىدىغان جىنايەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەھۋالدا قوبۇل قىلىنمايدۇ.

(بۇ يەردە شۇنى قايتىدىن تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ ئالاقىدار قانۇنلىرى، قايتۇرۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان كىشىنىڭ دىنىي ئېتىقادى، سىياسىي قاراشلىرى ۋە ياكى ئىدىئولوگىيەسى سەۋەبىدىن قايتۇرۇلغان دۆلەتتە ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغانلىقىغا دائىر كۈچلۈك گۇمان شەكىللەنگەن تەقدىردە مەزكۇر كىشىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويماقتا. خىتاي دۆلىتى بولسا، پۈتۈن دۇنياغا مەلۇمكى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئارخىپى ئىنتتايىن ئېغىر، داۋاملىق دېگۈدەك قېيىن - قىستاققا ئالىدىغان ئىشلار ۋە قانۇنسىز خالغانچە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان ئەھۋاللار ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر دۆلەتتۇر.)

يەنە مۇشۇ قانۇننىڭ «ئەدلىيە ھەمكارلىقى تەلىپى رەت قىلىنىدىغان ئەھۋاللار»  ناملىق بۆلىمىنىڭ 4 - ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:

4 - ماددە:

چەت ئەللەرنىڭ ئەدلىيە ھەمكارلىق تەلىپى تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا رەت قىلىنىدۇ:

(ئا) تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇستەقىللىق ھەق - ھوقۇقىغا، دۆلەت مەنپەئەتىگە، جەمئىيەت تەرتىپىگە ۋەياكى  باشقا تۈپكى مەنپەئەتلىرىگە خىلاپلىق قىلىنغان ئەھۋالدا تەلەپ رەت قىلىنىدۇ.

(ب) تەلەپكە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت، پەقەتلا ھەربىي جىنايەت، ئىدىئولوگىيەلىك جىنايەت ياكى سىياسىي جىنايەت ۋە ياكى سىياسىي جىنايەتكە چېتىشلىق بىرەر جىنايەت تۇرى بولغان ئەھۋالدا تەلەپ رەت قىلىنىدۇ.

(ج) تەلەپكە مۇناسىۋەتلىك كىشىنىڭ  ئىرقى، ئىرقىي مەنسۇبىيىتى، دىنى، گېراژدانلىقى، مەلۇم بىر ئىجتىمائىي گۇرۇپپىغا ئەزا بولغانلىقى ياكى سىياسىي قاراشلىرى تۈپەيلىدىن سوتلىنىش ۋە تەپتىش قىلىشقا دۇچار بولىدىغانلىقىغا ۋە ياكى جازاغا تارتىلىدىغانلىقىغا، قېيىن - قىستاق ۋە ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغانلىقىغا دائىر قايىل قىلارلىق سەۋەبلەر  بولغان ئەھۋاللاردا تەلەپ رەت قىلىنىدۇ.

(چ) تەلەپ قىلغان دۆلەتتە، تەلەپ قىلىنغان كىشىنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ۋە قوغداش ھەق - ھوقۇھىغا دائىر ئەقەللىي كاپالىتى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ تەلەپنى رەت قىلىشقا بولىدۇ.

خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا، شۇ نەتىجە ئىنتايىن كونكېرت ۋە رەشەنكى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا بىنائەن ئابدۇل قادىر ياپچاننىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى ئاساسەن دېگۈدەك مۇمكىن ئەمەس. بۇ نۇقتىنى خىتاينىڭ بىلمەي قېلىشىمۇ نا مۇمكىن. شۇنداق تۇرۇغلۇق خىتاينىڭ يۇزى قېلىنلىق بىلەن قانۇنسىز تەلەپتە چىڭ تۇرۇۋېلىشىنىشىنىڭ ئارقىسىدىكى ئىپلاس نېيىتىنى تۆۋەندىكىچە رەتكە تېزىشقا بولىدۇ؛

1 - ئابدۇل قادىر ياپچان مەسلىسىنى قەستەن يوغانتىش ئارقىلىق تۈركىيەگە بېسىم ئىشلىتىش ۋاستىسىغا ئايلاندۇرۇۋېلىش ۋە ھېچ بولمىغاندا ۋاقىتلىق قولغا ئېلىنىشىنى بولسىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق خىتايدا «تۈركىيەنى بويۇن ئەگدۈردۇق» دېگەن ئۇقۇمنى پەيدا قىلىش.

2 - شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسىنى پىسخىئولوگىيلىك بېسىم ئاستىدا تۇتۇش ۋە تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ھەم مىللىي، ھەم دىنىي قېرىنداشلىرىمىز بولغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى «ئەڭ ئىشەنچىلىك ئاخىرىقى پاناھجاي ۋە ئىككىنچى ۋەتىنى» دەپ قارايدىغان تۈركىيەدىمۇ بىئارام قىلىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ھەققانىي مۇجادىلىسىدىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئۈمىتلىرىنى ۋەيران قىلىش.

3 - ئىشغالىيەت ۋە زۇلۇم ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىچىدە «تۈركىيە سۆيگىسى ئىماننىڭ جۈملىسىدىن» دېگەن ئاڭ بىلەن بارغانچە يۇقۇرى كۆتۈرىلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ شۇنداقلا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ھۆرمەتلىك رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزۈش، تۈركىيەگە بولغان مىسلىسىز سۆيگۈ ۋە ھۆرمەتكە توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن ئابدۇل قادىر ياپچاننىڭ ۋاقىتلىق قولغا ئېلىنىشىنى سۇيىئىستېمال ۋە كۈشكۈرتۈش ئوبېكتىگە ئايلاندۇرۇۋېلىپ، ئۇيغۇر قېرىنداشلىمىز بىلەن تۈركىيەنىڭ ئارىسىنى بۇزۇش.

بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، 2016 - يىلى 1 - سىنتەبىردە ئابدۇل قادىر ياپچان تۈنجى قېتىم «باكىركۆي مۇرەسسە قىلىش ۋە جازالاش مەھكىمىسى»گە چىقىرىلغان كۈندىن تارتىپ ئىشغالىيەتچى خىتاي بىر تۈركۈم ساتقۇن، يالاقچى خائىنلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا كۈشكۈرتۈشنى باشلىدى. ئابدۇل قادىر ياپچاننىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانۇنسىز قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋىرىدىغان بولسا، تۇتقۇن قىلىش نۆۋىتى پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا كېلىدىغانلىقىنى، شۇڭا مىڭلىغان كىشى توپلىشىپ، سوت مەھكىمىسى ئالىدىغا چىقىشى كېرەكلىكى، تۈركىيە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا تۈركىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزىشى لازىملىقى ھەققىدە تەتۇر چاقىرىقلارنى قىلدۇردى. ھەتتا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈركىيەگە قارىتا نەپرەت پەيدا قىلىدىغان ماقالىلارنى ئېلان قىلدۇرۇشقا باشلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇلارغا پوپوزا قىلىش ئۈچۈن «مانا سۆزىمىزنى ئاڭلىمىغان ئابدۇل قادىر ياپچاننى شۇنچە ئىشىنىپ كەتكەن تۈركىيەنىڭ قولى بىلەن جازىلاتقۇزدۇق، سىلەرمۇ سۆزىمىزنى ئاڭلىمىساڭلار يەنە شۇ سىلەر ياخشى كۆرۈپ كەتكەن تۈركىيەنىڭ قولى بىلەن ئىككى پۇتۇڭلارنى بىر ئۆتەككە تىقتۇرىمىز» دېگەندەك تەھدىت خاراكتېرلىك ئۇچۇرلارنى تارقاتتى. بىراق ئۇيغۇر رەھبەرلەرنىڭ ساغلام ئەقلى ۋە پەقەتلا مۆئمىنلەرگە خاس بولغان پاراسىتى غالىپ كەلگەن بولغاچقا، خىتاينىڭ بۇ ئىپلاس ئۇيۇنلىرى ۋە تەتۇر تەشۋىقاتلىرى كارغا كەلمىدى.             

ھەتتا 2016 - يىلى 1 - سىنتەبىردىكى سوتقا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي كونسولخانا مەسئۇللىرى باكىركۆي سوت مەھكىمىسىگە كېرىپ، ئادىل سوت قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشتەك ئىپلاس قىلمىشلارنى سادىر قىلىشتىنمۇ يانمىغان. باش مۇپەتتىشتىن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغاندا، باش مۇپەتتىش: «سەنلەرنىڭ سۆزلىشىدىغان ئادىمىڭلار مەن ئەمەس، مېڭىش، تاشقى ئىشلار مېنىستىرلىقى بىلەن كۆرۈش» دەپ تېتىغۇدەك كەسكىن جاۋاپ قايتۇرغان. (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئابدۇلقادىر ياپچان مەسىلىسى ھەققىدە تۈركىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كەلگەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيەتلىرى ۋەكىللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ھەتتا باش مىنىستىرلىقى ۋە باشقا ئالاقىدار مېنىستىرلىقلىرىمۇ تۈركىيە رەھبەرلىرىگە ئالاھىدە تېلېفون قىلىپ، ئابدۇل قادىر ياپچاننىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن قانۇنسىز ئىلتىجالاردا بولغان. 

بىز شۇنىڭغىمۇ ئىشنىمىزكى، خىتاي كونسولى ۋە خىتاي دۆلىتى مەسئۇللىرىنىڭ بۇ خىل ھەددىدىن ئاشقان نۇمۇسسىزلارچە قانۇنسىزلىقلىرىغا قارىتا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىسىرلىقىنىڭمۇ چۇقۇم تېگىشلىك رەددىيە بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. 

قىسقىسى، شۇنىسى بىر ھەقىقەتكى، ئابدۇل قادىر ياپچاننىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە  40 كۈن ئىچىدە خىتاينىڭ سوتقا قوشۇمچە پاكىت ۋە ھۆجججەتلەرنى سۇنۇش ئالىدىدا تۇرۇشى، شەرقى تۈركىستان مۇجادىلىسىنى قوللايدىغان پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى بولۇپمۇ ھەر دائىم تۈركىيەنىڭ كۈچىيىشىگە ۋە ماۋجۇتلۇقىغا جاينامازلىرىنى كۆز يېشى بىلەن نەم قىلغان ھالدا دۇئا  قىلىۋاتقان مىليونلارچە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى چوڭقۇر ئەندىشە ۋە ئازابلىنىشقا دۇچار قىلماقتا.

دەر ھەقىقەت، تۈركلەر ئاتا يۈرتلىرىنى تاشلاپ ئانادولۇغا كۆچكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يوقلۇقىنى ئەڭ چوڭقۇر ھېس قىلغان، ئازابلىق سېغىنىشلار بىلەن ئاھ چەككەن، بىز بىلەن قەلب رىشتىسى، ئېتىقاد ۋە كۈلتۈر بىردەكلىكى بولغان ئاتا دىيارىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى يېتىم قالغان ۋەزىيىتىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگىنىمىزدە، ئابدۇل قادىر ياپچان مەسلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئانچە قېيىن ئەمەسلىكىنى ئاسانلا ھېس قىلالايمىز.

پىقىر قەلەمكەش بۇ جەھەتتە ناقىس ئەقلىمگە كەلگەن ھەل قىلىش چارىلىرىمنى قىستۇرۇپ ئۆتەي:

1 - خىتاينىڭ ھېچقانداق ئەدلىيە ئۆلچەملىرىگە چۈشمەيدىغان ناھەق ئەيىبلەشلىرىنى ۋە تۈركىيەنىڭ غۇرۇرنى ئۆز پۇتى بىلەن دەپسەندە قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنىشىلىرىنى، مىڭلىغان يىللىق تارىخىي دۆلەت ئەنئەنىسىگە ئىگە دېموكراتىك، قانۇن دۆلىتى بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقىرىقى قانۇن ماددىلىرى ئارقىلىق چۈرۈتۈپ تاشلاپ، ئابدۇل قادىر ياپچاننى تۇلۇق ئاقلاپ چىقىش، ئۇنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلاش ۋە چىدىغۇسىز ئازابلار بىلەن ھاياتىنىڭ خازانىغا قەدەم قويغان بۇ مۇيسىپىتىمىزنى ئەمدى بولسىمۇ ھەقىقىي ئىنساندەك ھۆر، قورقۇمسىز، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىش.

2 - خىتاينىڭ ناھەق سىياسىي بېسىملىرىغا كۆكرەك كېرىپ، غۇرۇرلۇق، مەردانە بىر پوزىتسىيە بىلەن ئابدۇل قادىر ياپچاننىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان توڭلىتىپ قويۇلغان گېرەژدانلىق ئىلتىماسىنى دەرھال قوبۇل قىلىش. ئەگەر بۇ جەھەتتە بىرەر سىياسىي مەسىلە بولسا، ئايالى ۋە قىزىنىڭ تۈركىيە پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئاساس قىلىش، خەلقئارا گېراژدانلىق قانۇنىغا بىنائەن ئايالى ۋە قىزىنىڭ تۈركىيە گېراژدانلىقىغا چېتىلغان ھالدا تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

3 -  تۈركىيە خىتاي بىلەن بولغان ئۆزئارا، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردە چارىسىز قالغۇدەك دەرىجىدە بېسىمغا دۈچ كېلىۋاتقان بىرەر مەسىلە بولسا، ئابدۇل قادىر ياپچانغا پاناھلاغۇچى سالاھىيىتى بەرگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پاناھلانغۇچىلار ئالىي كومېسسارلىقىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش. ئەگەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پاناھلانغۇچىلار ئالىي كومېسسارلىقىمۇ خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان بولسا، خۇددى ئامېرىكىغا ئوخشاش قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىك شەرتى بىلەن  ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ئاساسىدا ئۈچىنچى بىر دۆلەتنىڭ گېراژدانلىقىغا قوبۇل قىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

چۈنكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ گۇئانتانامو لاگېرىدىكى 25 ئۇيغۇر مەھبۇسنى خىتاينىڭ شۇنچە قاتتىق تەلەپ قىلىشى ۋە ھەتتا ئۇرۇش تەھدىتىلىرىگىمۇ پىسەنت قىلماستىن، كىشى بېشىغا 1 مىليون دوللار ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئالبانىيە ۋە پالائۇغا ئوخشاش بىر قانچىلىغان دۆلەتلەرنىڭ گېراژدانلىقىغا ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۇ ئىش تۈركىيەگىمۇ ئۆرنەك بولالايدۇ. دېمىسىمۇ ئېزىلگەن ھەم مىللىي، ھەم دىنىي نۇقتىدىن ئۆز قېرىندىشىمىز بولغان بىرسىنىڭ ھاياتىنى پۇل بىلەن ئەمەس، ئىمانىي قىممەت قاراشلار بىلەن ئۆلچەش ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئەڭ مۇقەددەس ئەخلاقىي مىراسلىرىدۇر.

ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۆزى بويىچە، «دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدىكى ئېزىلگۈچىلەرگە تۈركىيەنىڭ ماۋجۇتلۇقىنى ۋە كۈچ - قۇدرىتىنى ھېس قىلدۇرىدىغان، قاناۋاتقان يارىسىغا مەرھەم، كۆز يىشىغا ياغلىق، غىرىپلارغا قول - قانات، سۇسىزلارغا بۇلاق، كۆزى يوقلارغا كۆز، قاراڭغۇلۇققا نۇر، زالىملارغا دۈشمەن، مەزلۇملارغا دوست بولىدىغان» ئۇلۇغ ئەجداتلىرىمىزغا ۋە شانلىق تارىخىمىزغا يارىشىملىق، مىللىي ۋە يۈزدە يۈز يەرلىك، 2023 - يىلىغا ۋە پۈتۈن تۈرك - ئىسلام دۇنياسىغا قارىتىلغان غۇرۇرلۇق سىياسىتىمىزمۇ دەل مۇشۇنى تەقەززا قىلىدۇ.

ھېچ بىر زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى "ماڭا ئوقنى سەن ئاتساڭ، شۇ كاپىرنىڭ ئورنىغا" دەپ قايتا ئاھ ئۇرمايدىغان، باياشات، كۈچ - قۇدرەتلىك، ھەر دائىم زالىمغا قارشى تىك تۇرۇپ، زۇلۇمغا ئۇچرىغىچىلارغا شەپقەتلىك باغرىنى ئاچىدىغان «يېڭى تۈركىيە» تېلىكى بىلەن ھەممىڭلارغا ئامانلىق تېلەيمىز.

مەنبە: «خەبەر ئاژاندا ژۇرنىلى»

 

 

 ئىزاھات:

[1]  بۇ ئىچىنىشلىق ۋەقە 1944 - يىلى ئەزەربەيجاننى رۇسلار ئىشغال قىلغان چاغدا يۈز بەرگەن ئىدى. دوختۇر، ئىنژىنېيېر، سودىيە ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان  146 نەپەر ئەزەربەيجان تۈركلىرى رۇسلارنىڭ ئىشغالىيىتىنى قوبۇل قىلماي، "ئىككىنچى ۋەتىنىمىز" دېگەن چۈشەنچە بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ پاناھلىق تىلىگەن ئىدى. قاتىل سىتالىننىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى سوۋىت كومۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ پېيىگە چۈشۈپ، تۇرۇۋاتقان يەرلىرىنى ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەينى چاغدىكى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت رەئىسى ئىسمەت ئېنۆنۆ ھېچ ئىكىلەنمەستىن ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن رايوندىكى ساقچى باشلىقىغا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. ساقچى باشلىقى قاتتىق تەئەججۇپلىنىپ، بۇنداق قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ۋە قارارنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈش كېرەكلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق ئارقىمۇ - ئارقىدىن كەلگەن بۇيرۇقلار ئالدىدا چارىسىز قالىدۇ. ئاخىرى ئامالىسز ئەزەربەيجانلىق 146 نەپەر پاناھلانغۇچىنى پويىزغا سېلىپ، قارس چېگراسىدىن ئۆتۈپ بورالتان كۆۋرۈكىدە رۇسلارغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىز قارستىن ئۆتۈۋاتقان ۋاقتىدا، پويىز ئىستانسىسىنىڭ ئىككى ياقىسىدا بۇ پاجىئەگە شاھىت بولۇۋاتقان خەلق ئاممىسىنى كۆرۈپ، يېنىدىكى كېيىم - كېچەكلىرى ۋە بارلىق قىممەتلىك نەرسىلىرىنى پويىزنىڭ دىرىزىسىدىن ئۇلارغا تاشلاپ بېرىدۇ. ئۇچىسىدا پەقەت بىر شىم ۋە بىر كۆينەك بىلەنلا قالىدۇ. سەۋەبىنى سورىغاندا ئۇلار: «بىز چېگرادىن ئۆتكەندىن كېيىن رۇسلار بىزنى ئۆلتۈرىدۇ. شۇڭا نەرسە - كېرەكلىرىمىز ئۇلارغا قالغاندىن كۆرە، تۈرك قېرىنداشلىرىمىزغا قالغىنى ياخشى» دېيىشىدۇ.

ئۇلار ھەققىدە يېزىلغان يەنە بىر مەرسىيەدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئۇلار پويىزدا ئۈنلۈك توۋلاشقان ھالدا:

بىزنى سىلەر ئۆلتۈرۈڭلار، بەرمەڭلار رۇسقا،

بۇ قانداقمۇ سىغسۇن شەرەپ - نۇمۇسقا؟!

دېگەن مىسرالارنى ئوقۇيدۇ. رۇسلار ئۇلارنى بورالتان كۆۋرۈكىدە تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن شۇ يەردىلا سەپكە تېزىپ، ئاپتومات بىلەن سىرىپ ئۆلتۈرىدۇ. بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ۋىجدان ئازابىغا چېدىيالمىغان ساقچى باشلىقى ئەتىسى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ.

 

[2]  http://origin.www.uscc.gov/sites/default/files/Research/Chinas%20Response%20to%20Terrorism_CNA061616.pdf

[3]  تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى 2000 - يىلى ئەينى چاغدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سادەتتىن تانتان تەرىپىدىن بېيجىڭدا ئىمزالانغان بولۇپ، بىراق بۇ كېلىشىم تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)دا تەسىقلانمىغان ئىدى. شۇنىڭدىن تارتىپ خىتاي ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشتا بۇ كېلىشىمنىڭ تەستىقلىنىشىنى جاھىللارچە تەلەپ قىلماقتا ۋە تۈركىيەگە تاڭماقچى بولماقتا.

 

[4]  http://www.adalet.gov.tr/Tasarilar/cezaikonulardauluslararasiadliisbiligikanunutasarisi.pdf

http://www.resmigazete.gov.tr/eskiler/2016/05/20160505-20.htm