فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى: 2014- يىلىدىكى يەكەن زوراۋانلىق ۋەقەسىدە ئۆلگەن – يارىلانغانلارنىڭ سانى ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن خېلىلا كۆپ بولۇشى مۇمكىن

گېرمانىيە ئاۋازى خىتايچە تورى، 2015- يىلى 4- ئاينىڭ 29- كۈنى

ۋېن شەن(فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى)

ئۆتكەن يىلى 7- ئايدا، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيىسى ئېلىشقۇ بازىرىدا زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەردى. خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ ۋەقەنىڭ جەمئىي `59 نەپەر ۋەقە سادىر قىلغۇچى ۋە 37 نەپەر بىگۇناھ ئامما` نىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلدى. فرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى يېقىندا يەكەن ناھىيىسىنىڭ يەرلىك ئاھالىلىرى بىلەن ئۇچىراشتى ۋە نەچچە يۈز نەپەر كۈچ كۆرسەتكۈچىنىڭ رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

فرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ دوكلاتىدا ماخمۇت ئىسىملىك بىر يەرلىك كىشىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن، ئەينى ۋاقىتتا، ئۇمۇمەن كۈچ كۆرسەتكۈچى ئاممىنىڭ سېپىگە قوشۇلغانلىكى كىشلەر ئۆلمىگەن بولسىلا تۈرمىدە يېتىۋاتىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇلارنىڭ ئىز – دېرىكىنى ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىدى، ھەم ئۇلارنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيمىز.

ئۆتكەن يىلى 7- ئايدا يۈز بەرگەن يەكەن زوراۋانلىق ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۆلۈش – يارىلىنىش سانلىق مەلۇماتلىرى ھەققىدە ھەرخىل كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا چىققان. فرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى، يەكەن ناھىيىسىنىڭ يەرلىك ئەھۋالى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىشەنچىلىك ئۈچىنجى تەرەپنىڭ دەلىللىشىدىن ئۆتكۈزۈش قىيىن، فرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى بولسا يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن ئۇچىراشقان تۇنجى چەتئەل ئاخبارات ۋاستىسى. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندە، تەخمىنەن 500 دەك كىشى پىچاق، پالتا قاتارلىق يېزا – ئىگىلىك سايمانلىرىنى ئىگىز كۆتۈرگىنىچە كوچىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىگەن، ئاخىرىدا ئاپتومات بىلەن قوراللانغان بىر گۇرۇپ ئارمىيە – ساقچىغا يولۇققان. ماخمۇتنىڭ ئېتىشىچە، ئۇ ساقچىلارنىڭ ئاۋۋال ئاممىغا چېكىنىڭلار دەپ يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىغىىنى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئوق ئاۋازىنىڭ ئۈزۈلمەي داۋام قىلغانلىقىنى، شۇنىڭدىن كېيىن، ئوق ئاۋازلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ – ئۈزۈلۈپ بىرەر سائەتتەك داۋاملاشقانلىقىنى ئاڭلىغان.

يۈسۈپ ئىسىملىك يەنە بىر نەپەر يەرلىك دېھقاننىڭ بىلدۈرىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا كۈچ كۆرسىتىشكە قاتناشقان كىشىلەر ھازىرغىچە قايتىپ كەلمىگەن، ئۇنىڭ مۆلچەرىچە تەخمىنەن 1000 كىشى يوقاپ كەتكەن.

چەتئەلدىكى سۈرگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر بولسا، يەكەن ۋەقەسىدە ئەڭ ئاز دېگەندە 2000 مىڭ كىشىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغانلىقىنى ئېيتقان.

ۋەقەدىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بولسا ئۇمۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ ۋەقەنىڭ 37 نەپەر گۇناھسىز ئاممىنىڭ ئۆلۈشىنى(35 نەپەر خىتاي، 2 نەپەر ئۇيغۇر)، 13 نەپىرىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى. 31 ئاپتوموبىلنىڭ ئۇرۇپ چېقىلغانلىقى، ئۇنىڭ ئىچىدە 6 ئاپتوموبىلنىڭ كۆيدۈرىۋېتىلگەنلىكىنى. ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، 59 نەپەر ۋەقە سادىر قىلغۇچىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك 215 نەپەر كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، جىھاد بايرىقى ۋە ئۇزۇن پىچاق، پالتا قاتارلىق ۋەقە سادىر قىلىش قوراللىرىنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ تېلېۋىزىيە قانىلىدا كۆيۈۋاتقان ئاپتوموبىل ۋە نەق مەيداندىكى نۇرغۇن ئارمىيە – ساقچىلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلگەن.

لېكىن يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ فرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، بۇ توقۇنۇشنىڭ ئوت پىلتىسى بولسا، رامىزان ئېيى مەزگىلىدە، دائىرىلەر ئىبادەتلەرگە قارشىلىقنى كۈچەيتكەن، ھەمدە بىر قىسىم يىغىلىشلارنى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت دەپ ئاتىغان؛ ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، دائىرىلەر ئاياللارنىڭ رۇزا ھېيتلىق يىغىلشقا تەييارلىق قىلىشىغا توسقۇلۇق قلىغان، ئاخىرىدا كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. لېكىن، كۈچ كۆرسەتكۈچى ئامما ساقچىلارغا بۇرۇن ھۇجۇم قىلدىمۇ – يوق، بۇ ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. ئەينى ۋاقىتتىكى ئارمىيە ۋە ساقچى كۈچلىرىنىڭ زادى ئازادلىق ئارمىيە ئەسكەرلىرى ياكى قوراللىق ساقچى قىسىم ئىكەنلىكىمۇ ئوخشاشلا نامەلۇم.

يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئېلىشقۇ بازىرىدىكى بارلىق ئامما 20 كۈن نەزەربەنت قىلىنغان، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى بىر – بىرلەپ ئاختۇرۇلغان. ھازىرغا قەدەر، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت ئەركىنلىكى يەنىلا چەكلىمىگە ئۇچىرىغان.

دېھقان يۈسۈپ مۇنداق دېدى، بارلىق ئاھالىلەر ھۆكۈمەت تەرەپتىن، سىرتتىن كەلگەن كۈچلەر ساقچىلارغا ھۇجۇم قوزغىدى، دېيىشىكە مەجبۇرلاندى. لېكىن، توقۇنۇشقا سۆرەپ كېرىلگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئېلىشقۇ بازىرىدىن، سىرتتىن كەلگەنلەر يوق.

ۋەقە يۈز بېرىپ تەخمىنەن ئىككى ئايدىن كېيىن، خىتاي ئەدلىيە دائىرىلىرى 12 كىشىنى ئۆلۈم جازاسىغا، 15 كىشىنى ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجىرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى، يەنە 29 نەپەر كىشىنىڭ مۇددىتى ئوخشاش بولمىغان مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

فرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى يەكەن ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلاشقان، لېكىن بۇ بۆلۈمنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قلىغان.

تەرجىمىدە: ئاتلان

http://www.dw.de/法新社2014年莎车暴力事件死伤人数或远超官方数据/a-18419809