جەيمىس مىللۋارد ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرى ئۈستىدە توختالدى

2015-5-15, ئەركىن ئاسىيا ردىيوسى

يېقىندا خوتەننىڭ ئاقتاش يېزىسىدا دۇكانلار ھاراق، تاماكا سېتىش بۇيرۇق قىلىنغان ئۇقتۇرۇش ئاشكارىلانغاندىن كېيىن خەلقئارادىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. نۇرغۇن داڭلىق مەتبۇئاتلار بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر بېرىپ، مۇتەخەسسسىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان پىكىرلىرىنى ئېلان قىلماقتا. ئامېرىكىلىق خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى، تارىخچى جەيمىس مىللۋارد ئەپەندى بۇ ھەقتە گېرمانىيە ئاۋازىغا بەرگەن سۆھبىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىشىنى خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كەلگۈسى ئۈچۈن پايدىلىق ئەمەس، دەپ كۆرسەتكەن.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئاقتاش يېزىسىدا چىقىرىلغان بۇ ئۇقتۇرۇش ھەققىدە «گېرمانىيە ئاۋازى» رادىئوسى ناھايىتى تەپسىلىي بىر خەۋەر ئىشلىگەن بولۇپ، پروگراممىدا خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى، تارىخچى جەيمىس مىللۋارد ئەپەندىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي بېسىم سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى ئېلان قىلىنغان. جەيمىس مىللۋارد ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا بىر قانچە يىلدىن بۇيان ھىجاپلىنىشنى، ھەتتا بەزى ئەھۋاللاردا ياغلىق چېگىشنىمۇ چەكلەيدىغان، ئەرلەرنىڭ ساقال - بۇرۇتىغا ئارىلىشىدىغان، دىنىي يوسۇندىكى كىيىم - كېچەكلەرنى كىيىشنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە دۆلەت ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ رامىزان مەزگىلىدە روزا تۇتۇشىنى چەكلەيدىغان، دىنىي يىغىلىشلارنى، ناماز ۋە باشقا خىل دىنىي پائالىيەتلەرنى تەقىب قىلىدىغان سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا بۇ ھاراق، تاماكا سېتىش ئۇقتۇرۇشىنىمۇ مانا بۇ خىل سىياسەتلەرنىڭ داۋامى، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ، يۇقىرىقىدەك سىياسەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان جايلاردا ئىجرا قىلىنىش دەرىجىسىنىڭمۇ ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھاراق، تاماكىنى مەجبۇرىي سېتىشنىمۇ بەلكىم بۇ يېزىدا سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇپ، ئۇنىڭ نەتىجسىنى كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنى باشقا جايلارغا ئومۇملاشتۇرۇشنى ئويلاشقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

جەيمىس مىللۋارد ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرىنى چەكلەيدىغان سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشىدىكى سەۋەب ئۈستىدە توختىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق قىلساق ئۇيغۇرلاردىكى دىندارلىقنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە پارتىيىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىگە بولغان قارشىلىقىنى يوقىتالايمىز، دېگەنگە ئىشىنىدۇ» دېگەن. ئۇ،خىتاينىڭ قاتتىق زەربە بېرىش ۋە ياكى دىنىي ئۆرپ - ئادەتلەرگە ھۇجۇم قىلىدىغان سىياسەتلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىكى سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن :

- سىرتتىكى بىرسى ئۈچۈن ئەلۋەتتە بۇنىڭ تەسىرلىرى ئۈستىدە سۆزلەش قېيىن. بىراق مەن ۋە ماڭا ئوخشاش چەتئەللەردىكى نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر ۋە ھەتتا خىتاينىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ تىنچلىقپەرۋەر ئامىللىرىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ. مەسىلەن، خۇددى ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشنى، ياغلىق چېگىش، بۇرۇت قويۇشنى چەكلىگىنىدەك. بۇلار ھەممىىسى ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىغان ئىشلار. بۇ خىل ئىشلار ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلىدۇ. بۇ ئۇيغۇرلار تېررورلۇقنى ياكى سىياسىي ئىسلامنى قوللايدىغان كىشىلەر ئەمەس. بۇنداق سىياسەتلەر ئەكسىچە «ئەل - قائىدە» ۋە «ئىسلام دۆلىتى» گە ئوخشاش تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينى «ئىسلامغا قارشى دۆلەت» دەپ ئەيىبلىشىنى ۋە ھەتتا بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزىگە ئەزا يىغىنىشىنىمۇ ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. دىنىي سىمۋوللارنى چەكلەش بۈگۈنگىچە ھېچقانداق يەردە نەتىجە بېرىپ باققان ئەمەس، ئۇ ئەكسىچە دۆلەتلەردىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۋېتىدۇ.

جەيمىس مىللۋارد ئەپەندى مۇلاھىزىسىدە دىنىي چەكلىمىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىمسىزلىققا سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللار ئىچىدىكى پەقەتلا بىرسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن :

- بۇنىڭ باشقا سەۋەبلىرى تارىخقا مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇلارنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى سالاھىيىتىگە ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا مىللەتچىلىككە باغلىق. يەنى ئۇيغۇرلاردىكى خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقانچە قىلىپمۇ جۇڭگولۇق دېگەندىن ئىبارەت بىر چوڭ كۈنلۈكنىڭ ئاستىغا كىرىشكە قايىل قىلالمايۋاتقان ئاشۇ مىللىي تۇيغۇ سەۋەب بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كارخانىلىرى ئۈزلۈكسز ھالدا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى. چۈنكى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى ئاساسەن يەنىلا خىتايلارغا مەنپەئەت بەرمەكتە. يەنە باشقا سەۋەبلەر بولسا، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىپ كېتىشى، ئۇيغۇرلارغا ئائىت قەدىمىي قۇرۇلۇشلارنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، لوپنوردىكى يادرو سىنىقى، سۇ مەنبەلىرىنىڭ شىددەت بىلەن ئىشلىتىلىشى، كەمبەغەللىكنىڭ ئاياقلاشماسلىقى ۋە ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ تەرەققىياتتىن ئۇزاق قېلىشىغا ئوخشاش نۇرغۇن ئامىللاردىن تەشكىل تاپقان.

جەيمىس مىللۋارد ئەپەندى سۆزىنىڭ داۋامىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئۆرپ - ئادەتلىرىگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇنداق كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى سىياسەتلىرىنىڭ ئۇنىڭ تاشقى سىياسىتى ئۈچۈنمۇ زىيانلىقلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ سۆزىدە «بۇنداق سىياسەتلەر يالغۇز ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ تەنقىد قىلىشىغا ئۇچراپلا قالماي، بەلكى خىتاينىڭ خەلقئارادا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاكتىپ دىپلوماتىيىسىگىمۇ، ئوتتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ۋە شەرقىي ئافرىقىغا تۇتۇشىدىغان يېڭى يېپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى سىياسىتىگىمۇ زىيانلىق. خىتاينىڭ ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسى ئەلۋەتتە سىرتقا يېيىلىدۇ ۋە بۇ، خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچ سىياسىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.

گېرمان ئاۋازى رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى سۆھبەت داۋامىدا جەيمىس ئەپەندىدىن ئۇيغۇر ئېلىدا بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ۋە شىددەتلىنىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ ئارقىسىدا كىم بار، دەپ سورىغان. جەيمىس مىللۋارد بۇ مەسىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەرنىڭ خاراكتېرىنى ئايرىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت تۈپەيلى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق تېررورلۇق ۋاستىلىرىنى قوبۇل قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، بىراق ئۇيغۇرلار بىلەن ساقچى ۋە قوراللىق قىسىملار ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ كەينىدە ئاساسەن خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي بېسىم، چىرىكلىك، پارىخورلۇق ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەت توقۇنۇشلىرىغا ئوخشاش سەۋەبلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە ئەسكەرتىپ «ھەر قېتىملىق ۋەقەدە ئەڭ زور ئادەم چىقىمىغا پۈتۈنلەي خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ نامايىشچىلارغا ۋە ياكى توپىلاڭچىلارغا ئوق چىقىرىشى سەۋەب بولىۋاتىدۇ... خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا بۇنداق ھۆكۈمەتكە نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كۈندە دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇرسىمۇ، ئۇ تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەنمەيدۇ. ئەمما ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە يۈز بەردىمۇ ئۇ داۋاملىق قانلىق ئاياقلىشىدۇ» دېگەن.

مۇخبىر يەنە جەيمىس مىللۋاردتىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ كەلگۈسىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپ مۇرەسسە قىلىش ئېھتىمالى بار - يوقلۇقىنى سورىغان.

جەيمىس مىللۋارد بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ : -

- ھەر ئىككى تەرەپتىن بىرەسى مۇرەسسە قىلىشنى خالامدۇ، دېگەن بۇ سوئال بۇ يەردە بىر مەسىلە يارىتىدۇ. چۈنكى بۇنىڭ ئىچىدە «ئىككى تەرەپ» دەيدىغان بىر نەرسە يوق. گەرچە چەتئەللەردە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسىمۇ، ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىپ بولالمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئەسلا ئۇلار بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرمايدۇ. خىتاي تەرەپ مۇرەسسە قىلىدىغان ھېچبىر تەرەپ يوق. چۈنكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەرنىڭ كەينىدە ھېچقانداق بىر تەشكىلات يوق... ھازىر بارلىق ۋەقەلەردە ئىشلىتىلىۋاتقان بىرلا سۆز بار. ئۇ بولسىمۇ تېررورلۇق ۋە بىز ئۇنى يوقىتىشىمىز كېرەك. مانا بۇ پەردە، ئەمەلدارلارنىڭ ھەممە گۇناھنى تېررورلۇققا ئارتىپلا قۇتۇلۇشىغا يول ئېچىپ بېرىۋاتىدۇ، - دەپ جاۋاب بەرگەن.