خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى باستۇرۇشلىرىدىن قول يىغىدىغان ۋاقتى كەلدى

خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى نىفىت بايلىقى مول بولغان شىنجاڭ رايونىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر مەسىلىسى بار. بۇ مەسىلە ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش چارە – تەدبىرلىرى ئېلىنماستىن داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

شىنجاڭ مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان رايون بولۇپ، بېيجىڭغا قارىغاندا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمان جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئورتاقلىقلارغا ئىگە. خىتاي 18- ئەسىردىن باشلاپ بۇ رايونغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان، لېكىن بۇ رايوننى ئۇزۇن مەزگىل رۇسىيەنىڭ غەربتىن بېسىپ كىرىشىگە قارشى مۇداپىئە بازىسى دەپ قارىغان. قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى بولغان بۇ رايوننىڭ  ئاساسلىق ئاھالىسى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدۇر.  ئىككى ئەسىرىدىن بۇيان، بۇ رايوننىڭ ئىدارە ئىشلىرى يەرلىكلەرگە قويۇلغان. 

مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىنكى ئىقتىسادنىڭ يۈكسىلىشى بىلەن خىتاي ئەركىن قويۇۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. تىبەتتىكىگە ئوخشاشلا، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بۇ رايونغا كىرىشىگە ئىلھام بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئۇرۇندى. كومپارتىيە ھاكىمىيىتىگە خىرىس قىلىدىغان ئامىللار قاتارىدا ئىسلامنى چەتكە قېقىشقا باشلىدى، ئىماملار ۋە مەسچىتلەرنى خاتا ھالدا دۆلەتكە قارشى ئۆكتىچىلەرنىڭ بازىسى دەپ قاراپ باستۇردى. مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدىكى قارشىلىق كۈنسايىن كۈچىيىشكە باشلىدى.

ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ ئەسىرنىڭ باشلىنىشى بىلەن تەڭ، بارغانسىرى كۆپ غەزىپى تاشقان ئۇيغۇر نامايىشچىلار كوممۇنست دائىرىلىرى تەرىپىدىن مىسلىسىز زوراۋانلىقلار بىلەن باستۇرۇلدى. خىتاي كۆچمەنلەر بىلەن يەرلىك خەلق ئارىسىدىكى دۈشمەنلىك كەيپىياتى كۈچەيدى. نۆۋەتتە رايون ئىقتىسادى خىتايلار تەرىپىدىن كونترول قىلىندۇ، ئۇنىڭ تەبئىي بايلىقلىرى يىراقتىكى بېيجىڭغا جايلاشقان كارخانىلار   تەرىپىدىن زور مىقداردا ئېكسپالاتاتسىيە قىلىنىدۇ. نەتىجىدە نۇرغۇن ئۇيغۇر ئۆزىنى ئۆز ۋەتىنىدىكى يات كىشىلەردەك ھېس قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ نەپرىتى خىتاي كوچمەنلىرىنىڭ يەرلىك خەلققە قاراتقان كەمسىتىشلىرى سەۋەبلىك كۈچىيىدۇ. خىتاينىڭ يىپەك يولىنى جانلاندۇرۇپ رۇسىيە بىلەن يېڭى بىر ئىقتىسادىي كارىدور قۇرۇشنى پىلانلىشى ۋە غەربنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ۋە تاشيوللار بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى پەقەتلا بۆلۈنۈش ۋە جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدۇ.

نۆۋەتتە، 11 مىليون ئۇيغۇرغا بولغان كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە، بېيجىڭ بارلىق ئۇيغۇرلاردىن پاسپورتلىرىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.  دائىرىلەر بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى "جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاش" ئۈچۈن دەپ كۆرسەتتى. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ قاتتىق تەدبىرنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنى كۈلتۈرۈپ چىقىرىشتىن باشقا بىر ئىشقا يارايدىغانلىقىغا كۆز ئىلمەيدۇ.

خىتاينىڭ چېگرا رايوندا مۇقىم بولغان بىر ئۆلكە بولۇشىنى ئويلىشى چۈشىنىشلىك. لېكىن تىبەتتە يولغا قويۇلغان باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى تەكرارلاش ئارقىلىق بۇ مەقسەتكە ئېنىقلا يەتكلى بولمايدۇ. قىزىقارلىق يېرى، بېيجىڭنىڭ       خەلقئارالىق ساياھەتچىلەرگە قاراتقان تەشۋىقاتى بۇ ئادەتتىن تاشقىرى دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك ۋە ئېتنىك كۆپ خىللىقى ئۈستىگە قۇرۇلغان. خىتايمۇ ھىندىستانغا ئوخشاش كىشىنى ھەيران قالدۇرۇدىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ تارىخى بىرىكمىسى، تائاملىرىنىڭ كۆپ خللىقىلا بۇنى ئىسپاتلايدۇ. لېكىن خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىدا ھىندىستاندىكىگە ئوخشاش ئوخشىماسلىقلاردىن مۇقىم بىر پۈتۈنلۈك ھاسىل قىلىش تالانتى كەمچىل.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈشتىن قول يىغىش ۋاقتى كېلىپ قالدى،  تېخىمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ، چۈنكى ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ مەغلۇبىيىتى ئىنتايىن روشەن ئىپادىلەندى. نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ئاڭ سان سۇكى رەھبەرلىكىدىكى بېرما نۆۋەتتە بۇ دۆلەتتىكى روھىڭيا مۇسۇلمانلىرى ئۇچرىغان كىشىنى چۆچۈتىدىغان مۇئامىلىلەر سەۋەبلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا. ئوخشاشلا، ئەگەر خىتايمۇ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەمسىتىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇنىڭ دۇنيادىكى يېڭى ئورنى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. بېيجىڭ يۇقىرى قاتلام دائىرىلىرىنىڭ كەڭ دائىرىلىك ۋە ئومۇمىيۈزلۈك قايتا ئويلىنىش قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز!

مەنبە: سەئۇدى گېزىتى(Saudi Gazette)