2016- يىللىق دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى: بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ھەرىكەتلىنەيلى!

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى(UHRP) شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلىدۇ. ب د ت نىڭ 2016- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدىكى "كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەتلىنەيلى" دېگەن چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى ئالاقىدار شەخس ۋە ئورگانلارنى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇراجىئەت قىلىدۇ.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ مۇدىرى ئالىم سېيتوف باياناتىدا مۇنداق دېدى: "كىشىلىك ھوقۇق كۈنى نەزىرىمىزنى ھەق – ھوقۇقلىرى ئېغىر تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان ئاجىز  خەلقلەرگە ئاغدۇرۇدىغان بىر پۇرسەت. بۇ يىل، ب د ت خەلقئارا جەمئىيەتنى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ھوقۇقلىرى تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان خەلقلەرنىڭ ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىشقا چاقىرىق قىلدى. شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد، سۆز ئەركىنلىكى ۋە ئەركىن سەپەر قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھوقۇقلىرى كۈنسايىن ناچارلاشتى."

ئالىم سېيتوف:"بۇ سەۋەبتىن، بىز مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن گەپ قىلىشىنى ئۈمىدى قىلىمىز. مەيلى سىز ۋىجدان مەھبۇسى ئۈچۈن بىر مۇراجىئەت خېتى تارقىتىڭ ياكى دۆلەت مەجلىسى ۋەكىللىرىگە تېلېفون قىلىڭ ۋە ياكى ئاممىۋى تاراتقۇلاردا كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقلىرىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تارقىتىڭ، يىغىپ ئېيتقاندا، بىز مۇناسىۋەتلىك شەخس ۋە ئورگانلارنىڭ 2016- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن گەپ قىلىشىنى ئۆتۈنىمىز." دېدى.

تاراتقۇلارنىڭ يېقىندىن بۇيانقى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا پاسپورت يىغىۋېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ – كىرىشىگە چەكلىمە قويۇشتەك بىر سىياسەتنى يولغا قويغان. ئۇنىڭدىن باشقا، پۈتكۈل رايوننى قاپلىغان تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ۋە قاراۋۇلخانىلار ئۇيغۇرلارنىڭ رايون ئىچىدە ئەركىن سەپەر قىلىشى ۋە يۆتكىلىشىگە ئېغىر قولايسىزلىق كەلتۈرگەن. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن سەپەر قىلىشىغا چەكلىمە قويۇش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئايرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يغىلىش ۋە ئۇيۇشۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. ئۇيغۇرلار چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىدىن پاناھلىق تىلىگەن ئەھۋالدىمۇ، خىتاي قايتۇرۇپ بەرمەسلىك پرىنسىپىغا خىلاپ ھالدا ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا. تايلاندتا خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقى بار بولغان 70 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇساپىر كۆپچىكنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج. 2015- يىلى تايلاند ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي ھالدا خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن 100 دىن كۆپ ئۇيغۇرغا قارايدىغان بولساق، ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ئىز – دېرىكى يوق. تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ 2011- يىلىدىكى ياۋروپادىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ھەققىدىكى دوكلاتى ۋە 2013- يىلىدىكى پاسپورت يىغىۋېلىشقا ئالاقىدار قىسقىچە دوكلاتىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

ئىسلام ئېتىقادى ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ئۇل تېشى. خىتاي دىنغا ئالاقىدار بىر قاتار قانۇنلارنى ماقۇللاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويدى. بۇ قانۇنلاردا كىملەرنىڭ روزا تۇتسا بولىدىغانلىقى، كىملەرنىڭ مەسچىتكە بارسا بولىدىغانلىقى بەلگىلەندى. خۇسۇسىي دىنىي تەربىيە يىللار بۇرۇنلا چەكلىمە نىشانى بولغان ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا، خىتاي دائىرىلىرى پەرزەنتلەردىن بالىلارنى دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىلھاملاندۇرغان ئاتا – ئانىلارنى مەلۇم قىلىش تەلەپ قىلىنغان بىر بەلگىلىمىنى ماقۇللىدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى 2014 ۋە 2015- يىللىرى ئېلان قىلغان ئىككى دوكلاتتا ئۇيغۇر ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ دىلوللىرى خاتىرىلەنگەن. خىتايدا، ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز ئەركىنلىكى ۋە ئادىل مۇئامىلىگە ئۇچرىشىنى تەلەپ قىلغان كىشى داڭلىق پروفېسسور ئىلھام توختىدۇر. ئۇ دائىم ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىنىڭ كۈنسايىن يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى نەقىل قىلىش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىدىن گۇمانلانغان. پروفېسسور ئىلھام توختى 17- سېنتەبىر باشلىنىپ، ئاران ئىككى كۈن داۋام قىلغان سوتتىن كېيىن، 2014- يىلى 23- سېنتەبىر بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

2014- يىلى 22- ئاپرېلدىن 1- مايغىچە ئۆتكۈزۈلگەن خالىغانچە قاماپ قويۇش مەسىلىسى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ 69- نۆۋەتلىك يىغىنىدا، بەش نەپەر كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسىسىدىن تۈزۈلگەن بىر كىچىك گۇرۇپپا، ئىلھام توختىتىنىڭ 2014- يىلى 15- يانۋاردىن بۇيان ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنىپ تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنى خالىغانچە قاماپ قويۇشنى شەكىللەندۈرىدۇ دەپ بېكىتتى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2016- يىلى قانات يايدۇرغان ھوقۇق ئۈچۈن يېزىش پائالىيتىى ئىلھام توختىنى باش پېرسوناژ قىلغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى سىزنىڭ 2016- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى قوللىغانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىدۇ. بىز باشتىن – ئاخىر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دېموكراتىك يول بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدۇق. بىز ئوخشاش نۇقتىئىنەزەردىكى شەخس ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ "خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى" دە بەلگىلەنگەن ئاساسىي ھوقۇقلارغا ئېرىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى

2016- يىلى 7- دېكابىر