خوتەندە ئۈچ كىشى ئېتىۋېتىلدى

خىتاي ۋە بىر قىسىم چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدە ئۈچ كىشى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن "تېرورلۇق" گۇماندارلىرى دەپ ئېتىۋېتىلگەن.

خىتاي "يەرشارى ۋاقت گېزىتى"نىڭ 9- يانۋار "تەڭرىتاغ تورى"دىن نەقىل قىلىپ بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 8- چېسلا سائەت 20 دە، خوتەن ج خ دائىرىلىرى 2015- يىلى گۇمىدا يۈز بەرگەن "22- ئاپرېل" ۋەقەسى "زوراۋانلىق شايكىسى"نىڭ قېچىپ يۈرگەن ئۈچ نەپەر ئەزاسىنى قوغلاپ تۇتۇۋاتقاندا ئۇلارنىڭ قارشىلىق قىلىىشغا ئۇچرىغان، ئۈچ نەپەر "زوراۋان ئۇنسۇر" ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن. ساقچى تەرەپتىن ئۆلۈش يارىلىنىش كۆرۈلمىگەن.

خەۋەردە، ئېتىۋېتىلگەنلەرنىڭ سالاھىيىتى، مىللىتى، جىنسى ۋە قايەردە قانداق قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق تەپسىلات بېرىلمىگەن. گۇما ناھىيەسىدە يۈز بەرنلىكى تىلغا ئېلىنغان ۋەقە ۋە ئاتالمىش "زوراۋانلىق شايكىسى" ھەققىدىمۇ مەلۇمات يوق.

"جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى"نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، رايوننىڭ پارتكوم سېكرىتارى چېن چۈەنگو ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مانىۋېرىدا قورال كۈچىنى كەڭ كۆلەمدە كۆز – كۆز قىلغان.

چېن چۈەنگو بۇندىن بۇرۇن  تىبەتتە خىزمەت قىلغان بولۇپ قاتتىق قوللۇق بىلەن نام چىقارغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ قاتتىق قول سىياسەتلىرىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا مۇقىمسىزلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

تۈركىستان ۋاقتى خەۋىرى