ئەللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ «شەرقىي تۇركىستان»غا بولغان قارىشى ۋە پاكىستان سىياسەتچىلىرىنىڭ خىيانىتى (02)

(مىركامىل كاشغەرى)

 PDF نۇسخىسى ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ.

 

ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، ژۇرنىلىمىزنىڭ ئالدىنقى سانىدا ئەللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ پىكىر - قاراشلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈيۈك مۇجاھىد رەھبىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەزرىتىمنىڭ ئەللامە مۇھەممەد ئىقبال بىلەن لاھۇردا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى ھەمدە 1958 - يىلى 4 - ئايدا لاھۇردا ئۆتكۈزۈلگەن «مۇھەممەد ئىقبالنى خاتىرىلەش يىغىنى»غا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىغا ئۇرۇن بەرگەن ئىدۇق.

ماقالىمىزنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزگە ئوخشاش ئىسلام بىلەن مۇجەسسەملەشكەن تۈرك سۆيگۈسى، بولۇپمۇ ئۆممەتنىڭ ئىجتىمائىي تەۋھىدى ۋە ئىسلامىي ۋەھدىتى (بىرلىكى)نى قايتىدىن بەرپا قىلىش ئۈچۈن كېچە - كۈندۈز يۈرەك - باغرى ئوت بولۇپ يېنىپ تۇرىدىغان ئۇستاز مۇھەمەد ئىقبالنىڭ قارىشىچە، تېمۇرنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن ئوسمانلىنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ ئوخشاشلا ئىسلام دۇنياسىدىن ئىبارەت چوڭ ئائىلىنىڭ ئىككى بۈيۈك قەھرىمان بايراقدارلىرى ئىدى. شۇڭا ئەللامە مۇھەممەد ئىقبال ئەنگلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى ھىندى قىتئەسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئازادلىق كۈرۈشى داۋاملىشىۋاتقان قېيىن مەزگىللەردە، بىر تەرەپتىن «ئىسلام دۇنياسىنىڭ غەربتىكى ئاخىرقى قەلئەسى» دەپ قارىغان تۈركىيەنىڭ چاناققەلئە ئۇرۇشى ئۈچۈن سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، ئوخشاش بولمىغان شەھەرلەردە چاقىرغان كونفېرانسلار نەتىجىسىدە، بىر يېرىم مىليون فوندسىتېرلىن توپلاپ، تۈركىيەگە ئەۋەتكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن «ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ شەرقىدىكى مۇھىم قەلئەسى» دەپ بىلىدىغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى. شىئېرلىرى ۋە ئەسەرلىرىدە شەرقىي تۈركىستانغا بولغان سۆيگۈسىنى ئىپادىلىگەنگە ئوخشاش پات - پات ئېلان قىلىپ تۇرىدىغان باياناتلىرىدىمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلگۈسى ۋە مۇستەقىللىقىنىڭ ئىسلام ئۈممىتىگە قانداق چوڭ كۈچ قوشىدىغانلىقى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئۇتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ئەللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ چاناققەلئە ئۇرۇشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن لاھۇردىكى ئۇچۇق مەيداندا 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزگەن چوڭ كونفېرانسىدا ئىنتايىن تەسىرلىك بىر ۋەقە يۈز بېرىدۇ. چاناققەلئە ئۇرۇشىنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا بولغان ئەھمىيىتى توغرۇلۇق ئەللامە ئىقبالنىڭ سۆزلىگەن نۇتقىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن بىر نامرات ئايال ياردەم قىلاي دېسە پۇلى بولمىغانلىقتىن، قوچىقىدىكى 3 ياشلىق ئوغلىنى سېتىش قارارىغا كېلىدۇ. دەرھال يېغىن مەيدانىدىن ئايرىلىپ، ئۆزى تونۇيدىغان بىر باينىڭ ئۆيىگە بارىدۇ ۋە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، بالىسىنى ئۇ كىشىگە ساتماقچى ئىكەنلىكىنى ۋە پۇلىنى چاناققەلئە ئۇرۇشىغا ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. باي ھەيران قېلىپ، ئاتا - ئانىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى پەرزەنتىنى ياخشى تەربىيەلەش ۋە قوغداش ئىكەنلىكىنى، پەرزەنتىنى خورلاش ۋە يېتىملىككە مەھكۇم قىلىشنىڭ ئېغىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئايال ھېچ ئىككىلەنمەستىن، «بىلەمسەن؟! ئەگەر مۇسۇلمانلار چاناققەلئە ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولسا، خەلىپىلىك يىقىلىدۇ ۋە يالغۇز مېنىڭ بالاملا ئەمەس، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى، پۈتۈن ئۈممەت يېتىم قالىدۇ. مەن ئۈممەتنى بۇ يېتىملىكتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا 1 بالام ئەمەس، 10 بالام بولسىمۇ پىدا قىلىشقا تەييارمەن» دەيدۇ. باي قاتتىق تەسىرلىنىپ ئايالنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدۇ، بالىنى ئېلىپ قىلىپ، تەلەپ قىلىنغان پۇلنى ئايالغا بېرىدۇ. ئەمما «ئالداۋاتقان بولمىسۇن» دېگەن گۇمان بىلەن ئايالنىڭ ئارقىسىغا ئادەم سېلىپ قويىدۇ. ئايال پۇلنى ياغلىققا ئۇراپ ئۇدۇل يېغىن مەيدانىغا يۈگرەيدۇ. بىر تېيىننىمۇ ئېلىپ قالماستىن ھەممە پولنى ئىئانە قىلىدۇ. باينىڭ ئادەملىرى بۇ ئەھۋالنى بايغا يەتكۈزىدۇ. بايمۇ كېچىكمەستىن يېغىن مەيدانىغا بالىنى ئېلىپ كېلىپ، ئانىسىغا قايتۇرىدۇ. ئاندىن ئۆيىدىن  ئېلىپ كەلگەن ئالتۇن - كۈمۈش، پۇل - پىچەكلەرنىڭ ھەممىنى چاناققەلئە ئۇرۇشىغا ئىئانە قىلىدۇ. شۇ قېتىم لاھۇردىكى يېغىنغا قاتناشقان كىشىلەر ئارىسىدا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ياردەم سەپەرۋەرلىكى باشلىنىپ كېتىدۇ. پولى بارلار پۇل، يوقلار ئۇزۇك - ھالقىلىرىنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ قايتىدۇ. ئەللامە ئىقبالنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەھەرلەردە ئۆتكۈزگەن بۇ خىل يېغىنلىرى نەتىجىسىدە جەمئىي بىر يېرىم مىليون فوند سىتىرلېن توپلىنىدۇ. بۇ پۇل تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەندە چاناققەلئە ئۇرۇشى ئاللاھنىڭ نۇسرىتى ۋە مۇجاھىدلارنىڭ مىسلىسىز پىداكارلىقى بىلەن غەلىبىلىك ئاخىرلىشىپ بولغان بولۇپ، پۇلنىڭ بىر قسمى بىلەن تۈركىيە «ئىش بانكىسى» (سودا سانائەت بانكىسى) قۇرۇلىدۇ، ئاساسلىق كۆپ قىسمى خەلىپىلىك ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كېتىدۇ. 

شەرقىي تۈركىسىتاننىڭ ئۇنتۇلماس مۇجاھىد رەھبىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەزرىتىم 1958 - يىلى 25 - ئاپرىلدا پاكىستاننىڭ سىيالكوت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىقبالنى خاتىرىلەش يىغىنىغىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ۋە سۆزلىگەن ئوردۇچە نۇتقىدا ئۇستاز ئىقبالنىڭ شەرقىي تۇركىستانغا بولغان قاراشلىرى، تەۋسىيە ۋە نەسىھەتلىرىنى تىلغا ئالغان ئىدى. 

تۆۋەندە مۇھەمممەد ئەمىن بۇغرا ھەزرىتىمنىڭ سىيالكوتتىكى يىغىندا سۆزلىگەن ئوردۇچە نۇتقىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئۆز پېتى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

 

*** ** *** ** ***** *** ****

 

سىيالكوت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىقبالنى خاتىرىلەش يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتۇقۇم[1]

 

ھۆرمەتلىك رەئىس ۋە ئەزىز يېغىن ئىشتىراكچىلىرى! ئەللامە ئىقبالنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشقانلىقىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلانماقتىمەن. ماڭا بۇ قىممەتلىك پۇرسەتنى سۇنغان دوستلىرىمغا سەمىمىي رەھمىتىمنى ئېيتىمەن.

مەرھۇم ئەللامە ئىقبالنىڭ ھەممەيلەنگە قوياشتەك روشەن پەزىلەتلىرىنى مېنىڭ بايان قىلىشىمنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، مەن شۇنى دېمەكچى؛ ئۇستاز ئىقبال ھەم نەزىرىيەسى ھەم ئەمەلىي پائالىيەتلىرى جەھەتتىن ھېچ قاچان ھىندى قىتئەسى مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرى دائىرىسىدە چەكلىنىپ قالغىنى يوق. بەلكى بۇ بۈيۈك قىتئە گويا ئۇنىڭ ئوكيانۇسقا ئوخشاش پايانسىز ئىمان تېررىتورىيەسى ئىچىدىكى سان - ساناقسىز ئاراللارنىڭ بىرسىلا ئىدى. چۈنكى ئەللامە ئىقبالنىڭ نەزىرىيەسى، ئىسلام دىنىنىڭ پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدا قايتىدىن ئەڭ سۈزۈك ۋە ئەڭ پارلاق شەكىلدە بەرپا بولۇشى لازىملىقىنى، بۇنىڭ پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ نىجاتلىقىنىڭ بىردىنبىر چارىسى ئىكەنلىكىنى مەركەز قىلاتتى. ئۇنىڭ ئەمەلىي پائالىيەتلىرى بولسا، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى ۋە سائادىتىنى نىشان قىلاتتى. شۇڭا قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ۋەتەن، مىللەت ۋە دۆلەت ئايرىپ ئولتۇرماستىن، پۈتۈن مۇسۇلمان مىللەتلەرگە سۇنۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ غىمىنى يەيتتى. پۈتۈن مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ئازادلىققا ۋە سائادەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئەڭ توغرا پىكىرلەرگە ئىگە ئىدى. بۇ ئېيتقانلىرىمنىڭ دەلىلى ۋە مىسالى سۈپىتىدە شەرقىي تۈركىستاندا 1931 - يىلىدىن  1934 - يىلىغىچە مەيدانغا كەلگەن ئىنقىلابلار ھەققىدە ئەللامە ئىقبالنىڭ ئېلان قىلغان باياناتلىرىدىن بەزىلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنماقچىىمەن:

ئەللامە ئىقبال بىر قېتىم ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن ئىدى:

«تۈركىستان ئىنتايىن كەڭ بىر زېمىن بولۇپ، ھازىر ئۈچكە بۆلۈنۈپ كەتكەن ئەھۋالدا تۇرماقتا. بىرىنچىسى رۇسيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى غەربىي تۈركىستان، ئىككىنچىسى ئافغانىستاننىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى جەنۇبىي تۈركىستان، ئۈچىنچىسى خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان. 1912 - يىلى شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ھۆكۈمرانلارنىڭ تەيىنلىنىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پۈتۈن نوپۇسى مۇسۇلمان بولغان بۇ خەلققە خىتاي تىلىنى مەجبۇرلاپ تېڭىشى، ھەتتا بۇنىڭ ئۈچۈن زوراۋانلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئېغىر بىئاراملىقلارنىڭ ئومۇملىشىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.»

ئەللامە مۇھەممەد ئىقبال يەنە بىر باياناتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنقىلابلارنى مۇنداق خۇلاسىلەپ بەرگەن ئىدى:

«بۇنىڭ ئەسلى سەۋەبىنىڭ دىنىي ئەسەبىيەت ئەمەسلىكىگە قايىلمەن. گەرچە بۇ خىل ھەرىكەتلەردە رەھبەرلەر خەلقنىڭ ھەر تۈرلۈك ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇشقا ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، ئەمما ھەقىقىي سەۋەبنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ئىكەنلىكى رۇشەندۇر.»

مەرھۇم ئەللامە ئىقبال يەنە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق ئىنقىلابىدا تۇتۇشقا تېگىشلىك يول ۋە ھەرىكەتلەرگە دائىر كۆز قاراشلىرىنى مۇنداق ئىپادىلەپ بەرگەن ئىدى:

«بۈگۈنكى دۇنيادا ھەممە نەرسە قويۇق مىللەتچىلىك (ئىرقچىلىق) ئەتراپىدا ئايلانماقتا. مەن بۇ خىل نەزەرىيەلەرنى دەۋرىمىز مەدەنىيىتىنىڭ يۈزىگە چۈشگەن يىرگىنىشلىك داغ دەپ قارايمەن. مېنىڭ ئەندىشە قىلىدىغىنىم، ئاسىيانىڭ قانداقلا يېرىدە تار مىللەتچىلىك مەيدانغا چىقىپ قالىدىكەن، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نۆۋەتتىكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ دىننى ھىمايە قىلغان ئاساستا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مۇھىم ۋەزىپىسى مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئەگەر ئاسىيا دۆلەتلىرىنى نۆۋەتتىكى ناچار ۋەزىيەتتىن قۇتقۇزۇشنى خالايدىغان بولساق، بۇنىڭ پەقەت بىرلا يولى بار. ئۇ بولسىمۇ ئىسلام نەزەرىيەسىنى قوبۇل قىلىش، مىللىي ۋە ئىرقىي ئۈستۈنلۈك قاراشلىرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئىسنانىيەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىنى كۆز ئالدىمىزدا تۇتىشىمىز لازىم. مەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ بۈيۈك تۇرانچىلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

ئەللامە ئىقبال بۇلارنى تەكىتلەپ بولغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق ئىقنىلابى ئەگەر تۇرانچىلىققا ئايلىنىپ قالغان تەقدىردە ئافغانىستانغىمۇ يامان تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن ئافغانىستاندا مەيدانغا كېلىش ئېھتىمالى بولغان ئېغىر مەسلىلەردىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

ھۆرمەتلىك ئەپەندىلەر! بۇ يەردە شۇنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتەيكى، مەرھۇم ئەللامە ئىقبالنىڭ بۇ تەدبىرلىك قاراشلىرى، بىزنىڭ ئازادلىق ئىنقىلابىمىزنىڭ پىكىر ئاساسلىرىنىڭ بىرىنى تەشكىل قىلاتتى. بىزنىڭ ئىقىلابنى باشلىغان چاغدىكى پىرىنسىپال قارارلىرىمىز مۇنداق ئىدى:

1 - تار مىللەتچىلىك (ئىرقۋازلىق)تىن ئۇزاق تۇرۇش. 

2 - دۆلىتىمىزنى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش.

3 - بارلىق ئىسلام ئەللىرى بىلەن سەمىمىي دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش.

شۇڭا بىز  ئىنقىلابىمىز باشلىنىپ 2 - يىلغا قەدەم قويغاندا ئافغانىستانغا ھەيئەت ئەۋەتىپ بارلىق گۇمان ۋە خاتا قاراشلارنى يوقىتىش، قېرىنداشلىق، قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىمىزنى كۈچلەندۈرۈش ئارزۇيىمىزنى بىلدۈردۇق ھەمدە بىر تۈركۈم يېنىك قورال تەلەپ قىلدۇق. بۇنىڭدىن ئىنتايىن ياخشى نەتىجە ئالغان ئىدۇق.

ئەللامە مۇھەمەد ئىقبال باياناتىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، شەرقىي تۇركىستان ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى ۋە غەلىبە قىلغان تەقدىردە ئىسلام دۇنياسىغا قانداق پايدىسى بولىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى:

«بۇ ھەرىكەت غەلىبىگە ئېرىشسە مۇنداق پايدىسى بولىدۇ. نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %99 ى مۇسۇلمان بولغان شەرقىي تۈركىستاندا باياشات ۋە كۈچلۈك بىر ئىسلام دۆلىتى قۇرۇلغان بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان باشتىن كەچۈرىۋاتقان ئىشغالىيەتچى خىتاينىڭ زۇلۇم - ئىستىبداتلىقىدىن قۇتۇلغان بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستان تەبىئىي بايلىقلىرى ئىنتايىن مول بىر دۆلەت. لېكىن خىتاينىڭ زۇلۇم ۋە ئىستىبداتلىرى، قانۇنسىزلىقى ۋە زوراۋانلىقى يۈزىسىدىن تېرىشقا بولىدىغان زېمىننىڭ ئاران %51 ى ئىشلىتىلمەكتە. ھىندىستان، خىتاي ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا بىر ئىسلام دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشى بىلەن خىتاي فاشىزىمى، بولشىۋىزم، ئاتىئېزىم ۋە دىنسىزلىقنىڭ خەۋپلىرى گەرچە ئوتتۇرا ئاسىيادىن پۈتۈنلەي تازىلىنىپ كېتەلمىگەن تەقدىردىمۇ ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ چېگراسىدىن تېخىمۇ ئۇزاقلاشقان بولىدىغانلىقى بىر روشەن ھەقىقەت.»

ھۆرمەتلىك ئەپەندىلەر! ئەللامە ئىقبالنىڭ بۇ ئارزۇ - ئارمانلىرى سۇغا چېلاشقىنى يوق. ھازىرمۇ ئۆز پېتى داۋاملاشماقتا. شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى بۇنىڭدىن 27 يىل ئىلگىرى باشلىغان ئازادلىق كۈرەشلىرىنى ھازىزغىچە داۋاملاشتۇرماقتا. ئەللامە ئىقبال خۇش خەۋەر بەرگەن باياشاتلىق ۋە كۈچلۈك بىر ئىسلام دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىمانىي قۇۋۋىتىنى قوغداپ كەلمەكتە. مانا ھازىر شەرقىي تۈركىستان خەلقى كوممۇنىست خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دىنىي زۇلۇملىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن كۈرەش قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، غەربىي تۈركىستان، ئىدىل - ئۇرال، قىرىم ۋە كاۋكاز مۇسۇلمانلىرىمۇ بولشىۋىك رۇسىيەنىڭ ئىستىلاسىغا قارشى كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئەللامە مۇھەممەد ئىقبال بىر قېتىم «چېڭگىزخان، تېمۇر ۋە بابۇرلارنى يېتىشتۇرۇپ چىققان بۇ دىيارلار ھازىرمۇ ئالىي دەرىجىلىك قەھرىمان قوماندانلارنى يېتىشتۇرۇپ چىقالايدۇ» دېگەن ئىدى.

توغرا ئۇنىڭ دېگىنىگە ئوخشاش تۈركىستان تۈركلىرى ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان قەھرىمانلىق داستانلىرىنى يازغۇسى ۋە پات يېقىندا مۇقەددەس بايرىقىنى شەھىدلىرىنىڭ قەبرىستانلىقلىرى ئۈستىگە تىككۈسى. ئاللاھ مەرھۇم ئەللامە ئىقبالغا رەھمەت ۋە پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا نۇسرەت ئاتا قىلسۇن! ۋەسسسالام.

1958 - يىلى 25 - ئاپرىل

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا

*** *** ** ** *** ** ** **** ****

 

مۇھەممەد ئىقبالدىن كېيىنكى پاكىستان رەھبەرلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان

 

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتاقلىق مۇجاھىد رەھبىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەزرىتىمنىڭ ئەللامە ئىقبال ۋە شەرقىي تۇركىستانغا بولغان كۆز قاراشلىرى ھەققىدىكى بۇ نۇتقىدىن كۆرگىنىمىزگە ئوخشاش ئىسلام مىللىتىنىڭ بەرپا قىلىنىشى، پۈتۈن ئۈممەتنىڭ بىرلىكى ۋە قايتىدىن تېرىلىشى ئۈچۈن ئىقبالنىڭ قەلبىدە يانغان ئۇ ئۇلۇغۋار يالقۇن يالغۇز ئىقبال بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان ئىدى. بۇ كۈرەش يولىدىكى ئۇنىڭ سەپداشلىرى ۋە كېيىنكى پاكىستان رھبەرلىرىمۇ ئۆز سەۋىيەسى ۋە ئىمكانلىرى دائىرىسىدە ئىقبالنىڭ قاراشلىرىغا ۋارىسلىق قىلغان، جۈملىدىن ئۈممەتنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ھېسابلىنىدىغان زۇلۇم ئاستىدىكى شەرقىي تۇركىستان مۇسۇلمانلىرىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى.

 

ئىيسا يۈسۈپ ئالىپكتېكىننىڭ  مۇھەممەد ئەلى جىنناھ  بىلەن ئۇچرىشىشى

 

مەسىلەن: شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتاقلىق رەھبەرلىرىدىن مەرھۇم ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن[2]مۇ 1938 - يىلى ئۆكتەبىردە بومبايغا كېلە - كەلمەيلا مۇھەممەد ئەلى جىنناھ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىدى. مۇھەممەد ئەلى جىنناھ ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن (يەنى ئەينى چاغدىكى ھىندىستاندا ھەممىگە مەشھۇر ئىسمى بىلەن ‹چىن تۈركىستانى›دىن) كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن سۆيۈنگەن ۋە يېنىدىكى خىتاي ھەيئىتىنى كۆرسىتىپ: «ھە، ئەمدى چۈشەندىم، سىزنىڭ بۇلارغا نېمە ئۈچۈن ئوخشىمايدىغانلىقىڭىزنى» دېگەن  ھەمدە شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىغان، «مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندىن باشقا دوستى يوق»لۇقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىندىن قانداق ياردەمدە بولالايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دىنىي زاتلىرى بىلەن تونۇشۇش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتقان. مۇھەممەد ئەلى جىنناھ: «بۇ جەھەتتە مەن سىزگە ياردەمچى بولالايمەن، دىنىي زاتلارغا سىزنى تونۇشتۇرۇپ خەت يازاي» دېگەن. ئاندىن باش كاتىپىنى چاقىرىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى دىنىي رەھبەرلەردىن بىر قانچىسىگە ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئەپەندىنى تونۇشتۇرۇپ مەكتۇپ يېزىشقا بۇيرىغان. ھەتتا لەكنۇدا ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانغان ئەينى چاغدىكى مۇسۇلمان بىرلەشمىسى پارتىيەسىنىڭ چوڭ قۇرۇلتىيىغا ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىنى مەخسۇس دەۋەت قىلغان[3].

1938 - يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئۇچرىشتا يەنە مۇھەممەد ئەلى جىنناھ خىتاي - ياپونىيە ئۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئاجايىپ ئالدىن كۆرەرلىكىنى نامايان قىلغان. ئۇ: «خىتاي مىللىيەتچى (گومىنداڭ) ھۆكۈمىتى ياپونىيە بىلەن ئۇرۇش قىلماستىن مەسىلىنى ئۈستەل ئۈستىدە ھەل قىلىشى لازىم. ئەگەر ئۇرۇش قىلسا، خىتاي مىللىيەتچى (گومىنداڭ) ھۆكۈمىتى مەغلۇپ بولىدۇ ۋە ئاقىۋەتتە خىتاي كوممۇنىستلىرى دۆلەتكە ھۆكۈمران بولىدۇ. ئەڭ خەتەرلىك تەرىپى مانا بۇ» دېگەن ئىدى. [4] مانا بۇ نۇقتىدىن قارايدىغان بولساق، شەرقىي تۇركىستان مەسىلىسىدە گويا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ يالاقچىسىغا ئايلانغان ھازىرقى پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قۇرغۇچى داھىلىرىنىڭ قىممەت قاراشلىرى بىلەن قانچىلىك دەرىجىدە زىتلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

 

مۇھەممەد ئەلى جىنناھتىن كېيىنكى پاكىستان رەھبەرلىرىنىڭ شەرقىي تۇكىستانغا تۇتقان پوزىتسىيەسى

 

مۇھەممەد ئەلى جىنناھتىن كېيىنكى پاكىستان رەھبەرلىرىمۇ خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مۇئەييەن دەرىجىدە كۆڭەل بۆلگەن ئىدى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتاقلىق رەھبىرى مەرھۇم ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئۆز قولى بىلەن تەربىيەلەپ يېتىشتۇرۇپ چىققان ئوغلى ۋە بىلىم سەۋىيەسى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى رەھبەرلىرىدىن بىرسىگە ئايلانغان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى دادىسىنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە پاكىستان باش مىنىستىرى مۇھمەد ئەلى بۇغرا ۋە پاكىستان پىرېزىدېنتى گېنېرال ئەيۇب خان تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

«مەرھۇم دادام پاكىستان باش مىنىستىرى مۇھەممەد ئەلى بۇغرا بىلەن 1955 - يىلى پايتەخت كاراچىدا ۋە پاكىستان پىرېزىدېنتى ئەييۇب خان بىلەن 1966 - يىلى راۋالپىندىدا كۆرۈشكەن ئىدى. دادام پاكىستان پىرېزىدېنتى ۋە باش منسىتىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ھەر ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا پاكىستان قۇرۇلغاندىن بۇيان بۇ يەرگە كەلگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا ۋە يەرلەشكەن كۆچمەنلەرگە پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يارىتىپ بەرگەن قولايلىقىلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقان ئىدى. سىلەرگىمۇ مەلۇمكى، 1930 - يىلى شەرقىي تۇركىستاندا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭدىن كېيىن 1937 - يىلى پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىگە كېلىپ ئۇرۇنلاشقان قازاق قېرىنداشلىرىمىز بار ئىدى. ئۇلار دادامغا 1952 - يىلى 1 - ئىيۇلدىن باشلاپ توختىماي مەكتۇپ يېزىپ، پاكىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىزنى ۋەتەنگە قايتىپ كېتىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بالدۇرراق تۈركىيەگە كېتىش قارارىغا كەلگەنلىكلىرىنى ھەمدە بۇ جەھەتتە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا ئىدى. ئاخىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئەپەندىم بىلەن دادامنىڭ قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق قېرىنداشلىرىمىزمۇ تۈركىيەگە كېلىپ ئۇرۇنلاشتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ زۇلۇم - سىتەملىرىنى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن خىتاي بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرىق قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. پاكىستاننىڭ ھەر ئىككى رەھبىرى دادامغا بۇ مەسىلىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىلىرىنى ئېيتقان ئىدى. ھىندىستاندىن قورقۇپ خىتايغا يېپىشقان پاكىشتاننىڭ دادامغا  باشقىچە پەۋقۇلئاددە جاۋاپ بېرىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى - ئەلۋەتتە.»

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئېيتقاندەك پاكىستان پىرېزىدېنتى گېنېرال ئەييۇبخان ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستاندىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارغا يارىتىپ بەرگەن ئاسانلىقلىرى تاكى 1963 - يىلى خىتاي بىلەن چېگرا سىزىقى بەلگىلەش كېلىشمى تۈزگەنگە قەدەر ئىنتايىن ياخشى داۋاملاشتى. پىشاۋۇر شەھىرىدە «ئەنجۇمەنى شەرقىي تۇركىستان قازاق مۇھاجىرلار جەمئىيىتى» قۇرۇلغانغا ئوخشاش كاراچى ۋە راۋالپىندى شەھەرلىرىدىمۇ ھەر خىل جەمئىيەتلەر قۇرۇلدى. خىتاي زۇلمىدىن قېچىپ ئافغانىستان ۋە كەشمىر ئارقىلىق پاكىستانغا كەلگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە كېتىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىلدى. ھەتتا پاكىستان دۆلەت رادىئوسىنىڭ تۈركىستان بۆلۈمىدە 1962 - يىلى ئاتاقلىق تارىخشۇناس ۋە يازغۇچى مۇھەممەد رۇھى ئۇيغۇرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلار باشلىنىپ، ئارىدىن 6 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمى تۈپەيلى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش توختىتىلغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە ئۆزبېكچە ئاڭلىتىش داۋاملاشماقتا.

   

ھىندى قىتئەسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا كۆچۈشلەر

 

ھىندى قىتئەسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا كۆچۈشلەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئىككى رايون خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى مىڭلىغان يىللىق ئىسلامىي قېرىنداشلىق ۋە چوڭقۇر ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كۆرۈۋالالايمىز. يېپەك يولىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ داۋاملاشقان بۇ كۆچۈشلەر سەئىدىيە خاندانلىقى دەۋرىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىدى. ياركەنت خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچسى سەئىدخان نەسەب جەھەتتىن چاغاتاي خاننىڭ 12 - ئەۋلاد نەۋرىسى ۋە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، تېمۇر لەڭنىڭ 5 ئەۋلاد نەۋرىسى شۇنداقلا ھىندىستاندا بۈيۈك ئىمپېرىيە قۇرغان بابۇر خاننىڭ ئانا تەرەپ تاغىسى ئەھمەت ئالجا خاننىڭ ئوغلى ئىدى[5]. يەنى بابۇر خاننىڭ بىر نەرۋە ئىنىسى ھېسابلىنىدىغان سەئىدخان ئۇزۇن مەزگىلگىچە بابۇرخان بىلەن ئۆزئارا ھەمكارلاشقان ۋە بابۇرخان ھىندىستاندا ئالەمشۇمۇل ئىمېىراتورلۇقىنى قورغان بولسا، سەئىدخانمۇ كاشغەر ياركەنت، خۇتەن ۋە ھەتتا كەشمىرنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا 1514 - يىلى ياركەنت خانىدانلىقىنى قۇرغان ئىدى. ياركەنت سەئىدىيە خاندانلىقى دەۋرىدە (مىلادى 1514- 1680) لاداخ، بالتى، كەشمىر، بەدەخشان قاتارلىق جايلار خېلى مەزگىلگىچە ياركەنت سەئىدىيە خاندانلىقىغا قارىغان ئىدى[6].

بۇ ئىككى خانىدانلىق ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق سايىسىدا ھەر قايسى جەھەتتىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش كۈچەيگەن، ئۆزئارا تىجارەت ۋە كۆچۈشلەر يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىدى.

مىلادى 17 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ياركەنت خاندانلىقىغا ساياھەتكە بارغان پورتوگالىيەلىك بېندىك گوس ياركەنت ۋە كاشغەر شەھەرلىرىدە كابۇل، كەشمىر ۋە ھىندىستاندىن كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ توپ - توپ بولۇپ سودا قىلىدىغانلىقىنى كۆرگەن[7].

19 - ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن تارىخشۇناش موللا مۇسا سايرامىيمۇ «تارىخى ھەمىدىيە» ناملىق ئەسىرىدە، ئەينى چاغدىكى ياركەنت توغرۇلۇق مۇنداق دەپ يازغان:

«ياركەنت خەلقى بىچارە سۈپەت، كەمتەر ۋە ئۆز ئىشلىرىغا پۇختا، ئىشان -ھەزىرەتلەر، سۇپى - خەلپەتلەر راۋاج تاپقان كەشمىر، ھىندى ئافغان، بەدەخشان قاتارلىق مۇساپىر تائىپىلەرمۇ كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەھەردۇر.»

ئەنگلىيەلىك ئارخېئولوگ ئاۋرىل سىتەيىن 1900 - يىلىدىن 1901 - يىللىرىغىچە شەرقىي تۇركىستاندا كەڭ كۆلەمدە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان. بۇ جەرياندا يەرلىك خەلقلنىڭ تۈرلۈك ئۆرپ - ئادەتلىرى ھەققىدىمۇ قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى توپلىغان. ئۇ ياركەنت توغرۇلۇق مۇنداق دەپ يازغان:

«ئىشەنسىڭىز ياركەنت ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر كۆپ بولۇشتەك ئالاھىلىككە ئىگە بىر جاي ئىكەن. بۇ يەردىكى مۇھاجىرلار ۋاخان، سىغنان، بەدەخشان، شۇنداقلا باشقا غەربتىكى ئىران تىلىدا سۆزلىشىدىغان رايونلاردىن كەلگەنلەر بولۇپ، كەشمىر ۋە لاداختىن كەلگەنلەر ئەڭ كۆپ، ھەتتا ناھايىتى كىچىك بولغان بالتىستاندىنمۇ بۇ جايغا كەلگەن بىر قىسىم كۆچمەنلەر بار ئىدى.... ھەرخىل ئۆمەكلەرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا ئۆزەمنى يەنە بىر قېتىم ھىندىستانغا ھەم ئۇنىڭ چېگرالىرىدىكى جايلارغا بېرىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. شىمالىي ھىندىستان يېزىلىرىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى جايلارغا تامامەن ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ جايدا، ھەر كۈنى دېگۈدەك كەشمىر تىلى، پەنجاپ تىلى ۋە پوشتۇ تىلىدا سۆزلىشىش ۋە بۇ خىل تىللارنى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئاڭلاپ تۇرۇش مېنى خۇددى ھىندىستان توپرىقىدا تۇرغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈردى. ئەينى چاغدا ياۋروپا يوسۇنلىرى ئاسىيانىڭ چېتىدىكى بۇ كىچىك زېمىنغا تېخى تەسىر كۆرسەتمىگەن ئىدى. بۇ يەردە ۋاقىت خۇددى ئارقىغا كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. مۇھاجىرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئوخشاشمىغان كۆچمەنلەر ئەلۋەتتە تۈركىي تىلىنى ئاساس قىلىپ سۆزلىشەتتى. بولۇپمۇ بۇ كىشىلەر دائىم ئۆز يۈرتلىرىدىن خوتۇنلىرىنى ئېلىپ كېلەلمەي يەرلىك ئاياللار بىلەن تۇرمۇش قۇراتتى. نەتىجىدە ئىككىنچى ئەۋلاد، ئۈچىنچى ئەۋلادلارغا بارغاندا ئاتا تەرەپنىڭ تىلى ئاللىقاچان يوقىلىپ كېتەتتى. بىراق تەن قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىك ئۇنداق ئاسان يوقىلىپ كەتمەيتتى. كۆزەتكۈچىلەر بازاردا ئايلىنىپ يۈرگەندە، ياركەنتلىكلەرنىڭ نۇرغۇن چەت ئەللىكلەر بىلەن، بولۇپمۇ ئىران قان تىپىدىكىلەر بىلەن كۆپرەك ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ[8]

شەرقىي تۈركىستاندىن پاكىستان ۋە ھىندىستانغا كۆچكەنلەر

 

بۇنىڭدىن باشقا يەنە شەرقىي تۈركىستاندىن پاكىستانغا كۆچۈپ چىققان چوڭلىرىمىزدىن بىرسىنىڭ گىلگىت شەھىرىدىن تېلېفون بىلەن ماڭا ئېيتىپ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا كۆرە، 1878 - يىلى يۈز بەرگەن خىتاي ئىشغالىيىتىنىڭ ئالدى كەينىدە نۇرغۇن ساندا كەشمىرلىكلەر، پوشتۇنلار، ئافغان ۋە بالتىستانلىق مۇسۇلمانلار سودا - تىجارەت ۋە ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كاپىرلىرىغا قارشى ئازادلىق كۈرەشلىرىگە ياردەم بېرىش دېگەندەك ئوخشاش بولمىغان مەقسەتلەر بىلەن شەرقىي تۇركىستانغا بېرىپ يەرلىشىپ قالغان. ئۇلار ئۇيغۇلار بىلەن ئۆي - ئوچاقلىق بولۇپ، قېرىنداشلىق رىشتىسىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرگەن. 1933 - يىلىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قايتىدىن خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن مۇستەقەللىق كۈرىشگە قاتناشقان يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە سىرتتىن كەلگەن مۇھاجىرلارنىمۇ جىددىي تەكشۈرۈش ۋە قاماققا ئېلىش باشلىنىپ كەتكەن.

خىتاي زۇلمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئافغانىستان ۋە ھىندىستانغا كۆچۈش دولقۇنى تۈنجى بولۇپ دەل مۇشۇ مەزگىلدە يۇقىرى پەللىگە چىققان. تېگى كەشمىرلىك، پوشتۇن، ئافغانىستانلىق ياكى بالتىستانلىق مۇسۇلمانلاردىن كۆچۈشنى خالىمايدىغان كىشىلەر كاشغەردىكى ئەنگلىيە كونسۇلىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ھىندىستان (پاكىستان) ۋە ئافغانىستاندىن كەلگەن كۆچمەنلەر ئىكەنلىكلىرىگە دائىر رەسمىي ھۆججەت ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، ئەينى چاغدىكى ئەگلىيە كونسۇلىنىڭ ئىشغالىيەتچى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋالىيسى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرى سايىسىدا، قولغا ئېلىنىشتىن ساقلىنىپ قالغان ۋە بىر قىسمى بەزى يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە كۆچۈشكە ئاتلانغان. 1944 - يىلى قايتىدىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئارىدىن 5 يىل ئۆتكەندە 1949 - يىلى قايتىدىن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشغالىيىتىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن 1951 - يىلى باشلانغان يەر ئىسلاھاتى باھانىسى بىلەن بارلىق دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى مۇسادىرە قىلىنىشقا باشلانغاندا شەرقىي تۈركىستان ھايات كەچۈرۈش مۇمكىن بولمايدىغان جەھەننەمگە ئايلىنىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن قولىدا چەت ئەللىك مۇھاجىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججەتلىرى بولغان كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتىپ كېتىش تەلىپىنى سۇنغان. بۇ تەلەپ بېيجىڭدىكى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەستىقلانغاندىن كېيىن 1957 - ۋە 1962 - يىللىرى ئارىسىدا چوڭ كارۋان شەكلىدە پاكىستانغا كۆچۈش باشلانغان. پاكىستان ھۆكۈمىتىمۇ بۇ كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دەرھال گىلگىتكە تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتكەن. پاكىستان تەكشۈرۈش ھەيئىتى گىلگىتتا شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ كىملىك ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرۈشلىرىنى بىر قانچە ھەپتە داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، تېگى پاكىستانلىق ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان 200 گە يېقىن كۆچمەنگە گىلگىتنىڭ 30 كېلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى جەنۇبىي شەرقىگە جايلاشقان  «پەرى» دېگەن يېزىسىدا ھەر بىر كىشىگە  50 گېگتاردىن زېمىن ئاجرىتىپ بېرىپ ئورۇنلاشتۇرغان. قالغان كۆچمەنلەرنى بولسا، پاكىستاننىڭ باشقا شەھەرلىرىگە كېتىپ، ئۆز مەسىلىسىگە ئۆزىنىڭ چارە تېپىشىغا يول قويغان ئىدى. «پەرى» دېگەن يېزا شۇنىڭدىن كېيىن تا ھازىرغىچە  «كاشغەر پەرى» ياكى «كاشغەر كالونى» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.

 

پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى قوربان قىلىشقا يۈزلىنىشى

 

پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى قوربان قىلىشقا يۈزلىنىشى تۈنجى بولۇپ، گېنېرال ئەييۇبخاننىڭ دەۋرىدە باشلانغان ئىدى. بىر تەرەپتىن جاممۇ- كەشمىر مەسىلىسىدە ھىندىستان بىلەن بارغانچە ئەۋجىگە چىقىۋاتقان چۈشىنىشمەسلىك، يەنە بىر تەرەپتىن 1962 - يىلىدا يۈز بەرگەن خىتاي - ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى يېرىكچىلىكلەر جەريانىدا، ئامېرىكىنىڭ ھىندىستاننى قايتىدىن قوراللاندۇرۇشقا باشلىشى، گېنېرال ئەييۇبخاننى خىتايغا يۈزلىنىشكە مەجبۇرلىغان ۋە خىتاي بىلەن ئورنىتىلغان يېقىن مۇناسىۋەتلەر سايىسىدا، پاكىستان خىتايدىن كۆرۈنەرلىك مىقداردا قورال ياردىمى ئالغان ئىدى. خىتاي بىلەن چېگرا سېزىقى بەلگىلەش مۇزاكىرىلىرى 1962 - يىلى 13 - ئۆكتەبىردە باشلىنىپ، 1963 - يىلى 2 - مارتتا ئاخىرلاشتى. خىتاي - پاكىستان جېگرا سېزىقى كېلىشىمى ئەينى چاغدىكى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چەن يى ۋە پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زۇلفىقار ئەلى بۇتتۇ تەرىپىدىن رەسمىي ئىمزالاندى[9]. بۇ كېلىشىمگە بىنائەن پاكىستان ئۆز ھاكمىىيىتى ئاستىدىكى كەشمىرنىڭ بىر قىسىمى بولغان «shaksgam valley» «شاكىسگام ۋادىسى»نى ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسدىكى كەشمىر مەسىلىسى ھەل بولغانغا قەدەر خىتاينىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇرۇش شەرتى بىلەن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەردى[10].

«شاكىسگام ۋادىسى»نىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان رايونلىرىنى قۇرۇغلۇقتىن بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولۈپ، بۇ ئىككى دۆلەت ئۈستىدىكى ئىشغالىيىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم ھالغا كەلتۈردى. كەشمىرگە تەۋە بۇ رايوننى كەشمىر خەلقىنىڭ رايىغا سۇنماستىنلا پاكىستاننىڭ ئۆز ئالدىغا چىقارغان قارارى بىلەن خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى ئىشغالىيىتىنى كۈچەيتىشىگە قوشقان چوك تۆھپە ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا نىسبەتەن دىنىي قېرىندىشى تەرىپىدىن ئۇرۇلغان ئەڭ شىددەتلىك زەربە بولۇپ قالدى. خىتاي بۇ رايوننى ئالقىنىغا كىرگۈزگەندىن كېيىن ھىندىستانغا ئۇرۇش ئېچىپ، تالاش - تارتىشلىق ئاقسايچىن رايونىنى ئىشغال قىلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى قەتلىئاملىرىنى قورقماستىن تېز سۈرئەت بىلەن داۋاملاتۇرۇشقا باشلىدى. چېگرا رايونلاردىكى ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى يۇقىرى جايلارنى ھەر تۈرلۈك ھىيلە - نەيرەڭلەر بىلەن قولغا چۈشۈرۈپ، سىرتتىن كېلىدىغان تەھدىتلەرگە قارشى ئۆزىنى تولۇق مۇداپىئە ئاستىغا ئالالىغانلىقىدىن خاتىرجەم بولغان ئىشغالىيەتچى خىتاي ھۆكۈمىتى 1950 - يىلىدىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن چېگرالىرىنى تاقاپ، دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىدى. تاكى 1983 - يىلى پاكىستان چېگراسى ئېچىلغانغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمانلارغا قاراتقان ۋەھشىلەرچە قەتلىئام، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى خاتىرجەم ھالدا داۋالامشتۇردى.

 

گېنېرال زىيائۇل ھەقنىڭ شەرقىي تۈركىستان سۆيگۈسى

 

پاكىستاننىڭ  1973 - يىلىدىن 1977 - يىلىغىچە بولغان زۇلفىقار ئەلى بوتتۇ[11] ھاكىمىيىتى دەۋرى خىتاينىڭ، بولۇپمۇ دېكتاتور ماۋزىدۇڭنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان دەۋر بولۇپ، ئۇ ھەتتا ماۋزىدۇڭنىڭ شەپكىسىنى كەيمەي تۇرۇپ، ھېچ قانداق يىغىنغا قاتناشمايدىغان بولۇپ قالغان ۋە پاكىستاننى كوممۇنىست بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن  ئىدى. زۇلفىقار ئەلى بوتتۇ ھاكىمىيىتىنى قان تۆكمەستىن ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ تاشلىغان گېنېرال زىيائۇل ھەق 1978 -يىلى پاكىستان پىرېزىدېنتى بولغاندىن كېيىن، خىتايمۇ شەرقىي تۈركىستاندا ئويلىشىپراق ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى ۋە 1980 - يىلى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىبادەت ئەركىنلىكىگە يول قويدى. جامەلەر ئېچىلىپ ھەتتا 1983 - يىلى پاكىستان چېگراسىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ پاكىستان ئارقىلىق توپ - توپ بولۇپ، ھەجگە بېرىشىغا قولايلىق يارىتىلغان ئىدى. كوممۇنىست خىتاي ئىشغالىيىتىگە ئۇچراپ ئارىدىن 34 يىل ئۆتكەندىن كېيىن چەت ئەلگە چېقىش ۋە ھەج قىلىش پۇرسىتىگە سازاۋەر بولغان تۈنجى ھاجىلار كارۋېنىنى پاكىستان پىرېزىدېنتى گېنېرال زىيائۇل ھەق ئۆزى بىۋاسىتە چېگرادا قارشى ئالغان، ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي مېھمانلىرى سۈپىتىدە ساھىبخانلىق قىلغان ۋە ھەجگە يولغا سالغان ئىدى. زىيائۇل ھەقنىڭ ئالاھىدە بۇيرۇقى بىلەن ئۇزۇن يىل خىتاينىڭ زۇلمىدا بولۇشىغا ئېزىلگەن شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھاجىلار كارۋىنى پاكىستاننىڭ سۇست چېگرا ئېغىزىدىن ئىسلامئابادقىچە قەدەر بولغان 660 كېلومېتىرلىق يول بويىچە ھەقسىز قاتناش ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى. ھەقسىز مېھمانخانا، ھەقسىز تاماق خىزمەتلىرى سۇنۇلدى. كېيىنكى چاغدا كېلىۋاتقان ھاجىلارنىڭ سانى ئاشقاندا،  زىيائۇل ھەقنىڭ سۆزى بويىچە «ئاللاھنىڭ مېھمانلىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈممەتنىڭ ئەڭ ئىگە - چاقىسىز قالغان مەزلۇملىرى» ھېسابلىنىدىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن پايتەخت ئىسلامئاباد ۋە راۋالپىندى شەھىرىدە مەخسۇس ھاجىلار لاگېرى قۇرۇپ بەردى ھەمدە پەقەت شەرقىي تۈركىستانلىق ھاجىلارلا بىرلىكتە ئېلىپ كەلگەن ماللىرىنى ساتالايدىغان «ھاجىلار بازىرى» ئېچىپ بەرگەن ئىدى.

زىيالئۇل ھەقنىڭ ئېزىلگەن شەرقىي تۇركىستان مۇسۇلمانلىرىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىگە تەبىئىيكى ئاتاقلىق رەھبەر ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ 1978 - يىلىدا كاراچىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام كونفېرانسىغا قاتنىشىپ، 1980 - يىلى مەككىدە خەلقئارا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالار مەجلىسىگە ئەزالىققا سايلىنىشى، ھەمدە ھەر قايسى يېغىن، كونفېرانسلاردا شەرقىي تۈركىستانغا ۋەكىللىك قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار قارارلارنىڭ ماقۇللىنىشىغا ۋەسىلە بولۇشى مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن دېيىشكە بولىدۇ[12].

قەلبىدە ئەللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ ئۈممەت قايغۇسى ئورۇن ئالغان ئىسلامىي سەزگۈرلۈكى ۋە زالىمغا قارشى تىك تۇرۇش بىلەن ئىسلام دۇنياسىدا ئۈلگىلىك رەھبەر بولۇپ ئالدىنقى ئورۇنغا چىققان زىيائۇل ھەق، خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدا ئىسلامىي مائارىپتىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆسمۈر ۋە ياشلارنىڭ پاكىستاندا تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن ئالاھىدە ياردەم ۋە رىغبەتلەندۈرۈشلەردە بولغان ئىدى. 1985 - يىلى شەرقىي تۈركىستاندىن ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن 25 كە يېقىن ياشنى راۋالپىندى شەھىرىدىن ئۆزى مىنىبۇس بىلەن بىرلىكتە لاھۇرغا ئېلىپ بېرىپ مەدرىسىگە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.

زىيائۇل ھەقنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى ياردىمىدىن بەھىرىمەن بولغان ئۇيغۇر ياشلارنىڭ سانى 3 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكى، تەخمىنەن 300 گە يېقىن ئوقۇغۇچىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ساھەلەر بويىچە پاكىستاندا ئوقۇشىنى تاماملىغانلىقى، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە پاكىستاننى مائارىپ سەپىرى ئۈستىدىكى ئۆتكۈنچى دۆلەت ئورنىدا ئىشلەتكەن شەرقىي تۈركىستان ئوقۇغۇچىلىرى سانىنىڭ 5 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكى مەلۇم.

زىيائۇل ھەقنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن يولغا قويغان يۇقىرىقى بارلىق گۈزەل خىزمەتلىرى ئۇنىڭ شەھىد قىلىنىشى بىلەن تەڭ ئاخىرلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەتتا پاكىستاندا شەرقىي تۈركىستانلىق ھاجىلارنىڭ ماللىرىنى مۇسادىرە قىلىدىغان، يوللاردا پاكىستان ساقچىلىرى ھاجىلارنىڭ يېنىدىكى پۇللىرىنى تارتىۋالىدىغان ئىككى يۈزلىمىچىلىكلەر باشلىنىپ كەتتى.

دەرۋەقە، زىيائۇل ھەقنىڭ كىملەر تەرىپىدىن شەھىد قىلىنغانلىقىمۇ ھازىرغىچە يېشىلمىگەن سىرغا ئايلاندى. بۇ بىر شەخكە ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا قىلىنغان سۇيىقەست بولغان ئىدى. چۈنكى زىيالئۇل ھەق ئەينى چاغدا خۇددى ھازىرقى تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئوخشاشلا ئىسلام دۇنياسىدا ئۈممەتكە نىسبەتەن بىر ئۈلگە ۋە سىمۋوللۇق شەخس سۈپىتىدە ئالدىنقى پىلانغا چىققان ئىدى. ئۇ تۈركىيە، ئىران، ئافغانىستان، بىنگال ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بىرلىكتە يېڭى بىر ئىسلام  بىرلىكى (لاگېرى) قۇرۇپ چىقىشنى ئارۇز قىلاتتى. بۇ ئىسلام بىرلىكىنىڭ شەكىللىنىشىدىن غەرب دۇنياسى بىئارام بولغانغا ئوخشاش، رۇسىيە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ  قاتتىق ئەندىشە قىلاتتى. شۇڭلاشقا ئاللىبۇرۇن پىلانلانغان بىر سۇيىقەست ئارقىلىق شەھىد قىلىندى. زىيائۇل ھەق 1988 - يىلى 17 - ئاۋغۇستتا، ئامېرىكا باش ئەلچىسى ئارنولد راپھېل، پاكىستان ئارمىيە باش قوماندانى ۋە باشقا 27 كىشى ئولتۇرغان ئايروپىلان پارتىلىۋېتىلىشى نەتىجىسىدە، شاھادەتكە قۇچاق ئاچتى. ئۇنىڭ شەھىد قىلىنىشىغا قارىتا بىۋاستە ئەمەس، بەلكى ۋاسىتىلىق ھالدا ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە، ھىندىستان ۋە سوۋىت ئىتتىپاقى گۇمانلىق دەپ قارالدى. ئەمما ھىلىگەر خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بۇرۇنقىدەكلا پاكىستاننىڭ گۇمان قىلىشقا بولمايدىغان قوتقۇزغۇچى دوستىغا ئايلىنىشنى داۋاملاشتۇردى. زىيائۇل ھەق شەھىد قىلىنغاندىن كېيىن پاكىستاننىڭ ئىچكى سىياسىتى ئاجىزلاپ كەتتى. تاشقى سىياسەتتىمۇ ئىككى يۈزلىمىچى نەتىجىسىز ئويۇنلىرى سەۋەبىدىن پاكىستان يالغۇزلاشتى. بولۇپمۇ 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن پاكىستاننىڭ تالىبانغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ، ئەمەلىيەتتە تالىباننى ئامېرىكا ۋە غەرب كۈچلىرىگە قارشى بىر كۇزۇر قىلىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن ئورناتقان ھەمكارلىقى غەربنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئۇزاقلىشىشىغا ۋە تېخىمۇ بەك خىتايدىن ئاجرىيالماس ھالغا كېلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى. نەتىجىدە زىيائۇل ھەقتىن كېيىن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن پاكىستان رەھبەرلىرى خىتاي نېمە دېسە شۇنى قىلىدىغان قورچاق ھاكىمىيەت تۈسىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى.

 

تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ پاكىستانغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇر ياشلار

 

1997   - يىلىدا، پاكىستان سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن دېلوسى تەكشۈرۈلىۋاتقان ۋە تېخىچە سوتتىن ھېچ قانداق قارار چىقىرىلمىغان 17 - 23 ياش ئارىسىدىكى 12 نەپەر ئۇيغۇر پاناھلانغۇچى ياشنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشتەك چوڭ شەرمەندىچىلىك يۈز بەردى. سوت ئىشلىرى داۋاملىشىۋاتقان كىشىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى پاكىستان دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا پۈتۈنلەي خىلاپ  ئىكەنلىكىگە ۋە ئۆز دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنى ئۆزلىرى ئاياق ئاستى قىلغانلىق بولىدىغانلىقىغا قارىماستىن، خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان پاكىستان پىرېزىدېنتى فارۇق ئەھمەدخان لاغارىنىڭ بېيجىڭدىن تېلېفون بىلەن چۈشۈرگەن بۇيرUقىغا بىنائەن يۈز بەرگەن بۇ نۇمۇس قىلارلىق پاجىئەگە پۈتۈن پاكىستان خەلقى شاھىد بولدى.

ئەسلىدە 1994 - يىلىدىن 1997 - يىلىغىچە بولغان جەرياندا ئۇيغۇر ياشلار ئارىسىدا خىتاي زۇلمىدىن قىچىپ، قاراقۇرۇم، پامىر ۋە خونجىراپ تاغرلىرى ئارقىلىق پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى ھونزا، بالتىستان قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان چېگرا رايونلىرىغا پىيادە يېتىپ كېلىدىغان ئەھۋاللار كـۆرۈلۈشكە باشلىغان ئىدى.  بۇ ياشلاردىن بەزىلىرى يولدا شوغۇققا بەرداشلىق بېرەلمەي ۋاپات بولسا، بەزىلىرى ئاران دېگەندە يېتىپ كەلگەن جايلاردا قولغا ئېلىناتتى. بۇ خىل ياشلارنى قۇتقۇزۇش ئۇچۇن ھەرىكەتكە ئۆتكەن پاكىستانغا يەرلىك ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا گىلگىتلىك مۇھەمەد ئەمىن ھاجىم (بەگ) تارىخقا يېزىپ قالدۇرۇشقا تېگىشلىك نۇرغۇن پىداكارلىقلارنى كۆرسەتكەن ئىدى. قانچە ئونلىغان ئۇيغۇرلارنى تۈرمىدىن چىقىرىپ، مەكتەپلەرگە ئۇرۇنلاشتۇرۇش ياكى باشقا دۆلەتلەرگە يولغا سېلىش ئۇچۇن نەچچە يۈز مىڭلىغان رۇپىيە خىراجەت قىلغانلىقى مەلۇم. ھەتتا بۇ سەۋەبتىن بەزى مۇناپىقلارنىڭ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىكايەتلىرى تۈپەيلى پاكىستان دائىرىلىرى مۇھەمەد ئەمىن ھاجىم (بەگ)نى قاماققا ئېلىش، مال - مۈلكىنى ۋاقىتلىق توڭلىتىپ قويۇش دېگەندەك ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلەتكەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن قىلغان ۋەتەن مۇجادىلىسىدىن ھەرگىز ۋازكېچىپ باقمىدى. ئەڭ ئاخىرقى قېتىمدا 1997 - يىلى خىتاي زۇلمىدىن قېچىپ دىنىي تەلىم ئېلىش مەقسىتىدە پامىر تاغلىرىدىن پىيادە 2 ئاي يول يۈرۈش ئارقىلىق پاكىستاننىڭ ھونزا شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن 12 ئۇيغۇر ياش ھونزا چېگرا مۇداپىئە ئەترىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە مۇھەمەد ئەمىن ھاجىم (بەگ)نىڭ كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە، خىتايغا قايتۇرىۋېتىلمەستىن گىلگىت شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى رامىزان ئېيىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، گىلگىت تۈرمىسىدە ئۇيغۇر ياشلارنىڭ تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بولۇپ ئوقۇغانلىقى پۈتۈن گىلگىت خەلقىنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى. چۈنكى گىلگىت تۈرمىسى ياسالغاندىن بويانقى تارىخىدا جىنايەتچىلەر تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بولۇپ ئوقۇيدىغان ئىش قەتئىي كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى. يەنە كېلىپ، ئىسلامىي تەلىم - تەربىيە پۈتۈنلەي چەكلەنگەن كوممۇنىست بىر دۆلەتتىن كەلگەن پاناھلانغۇچىلارنىڭ ئىسلامىي ئىبادەتكە بولغان بۇ ئۈلگىلىك پوزىتسىيەسى ھەممەيلەننى قاتتىق تەسىرلەندۈرۈپ، قىسقىغىنە ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ نامى پۈتۈن گىلگىت شەھىرىگە پۇر كەتتى. گىلگىتتە تۇرۇشلۇق ۋەتەن سۆيەر ئۇيغۇرلاردىن مۇھەمەد ئەمىن ھاجىم (بەگ) قاتارلىق ئىلغار زاتلارنىڭ سەپەرۋەرلىكىدە پۈتۈن گىلگىت خەلقى ئۇلارنى تۈرمىدە زىيارەت قىلىپ، بەس - بەس بىلەن تاماق ۋە باشقا ئېھتىياجلىرىدىن خەۋەر ئالدى. ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قېرىنداشلىق رىشتىسى بولغان شەرقىي تۇركىتسانلىقلارنىڭ بۇ پاجىئەلىك ئەھۋالى ئىسلام ئېتىقادىغا ۋە ئىنسانىي ۋىجدانىغىمۇ زىت كېلىدىغان بولغاچقا، گىلگىتتىكى  ۋىجدانلىق كىىشلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۆزئارا فوند توپلاپ، مەخسۇس ئادۋۇكات تۇتتى. گىلگىت سوت مەھكىمىسى ئاخىرى ئۇلارنى كاپالەتكە قويۇپ بېرىدىغان ۋە كاپالەت ئۈچۈن تېگى - تەكتى شەرقىي تۈركىستانلىق بولمىغان يەرلىك گىلگىت خەلقىنىڭ ھەر بىر ياشنىڭ كاپالىتىگە بىر ئۆينىڭ ئىگىلىك كېنىشكىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى. بۇ ئۇقتۇرۇش چىقىپ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي 12 ئۇيغۇر ياش ئۈچۈن يەرلىك گىلگىت خەلقى بەس - بەستە ئۆي كېنىشكىلىرىنى ئېلىپ كېلىشكە باشلىدى. شۇ قېتىمقى سەپەرۋەرلىكتە بىر كۈندىلا 27 كېنىشكە توپلانغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر ياشلار تۈرمىدىن چېقىرىلىپ، ئىسلامىي تەلىم -تەربىيە ئېلىشى ئۈچۈن بىر جامەدىكى مەدرىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يەنە بىر تەرەپتىن سوت ئىشلىرىمۇ داۋاملاشماقتا ئىدى. ھەممەيلەن بۇ ئىشتا قانۇن بويىچە تۇلۇق ئۇتۇققا ئېرىشدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. دەل شۇ پەيتتە بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان پاكىستان پىرېزىدېنتى فارۇق ئەھمەدخان لاغارىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇيغۇر ياشلار ئوقۇۋاتقان مەدرىسىدىن بىر كىچىدىلا تۇتۇپ كېتىلىپ يەنە تۈرمىگە ئېلىندى. بۇنىڭغا غەزەپلەنگەن خەلق ئاممىسى ھۆكۈمەتكە قارشى كوچىلارغا چېقىپ بىر ھەپتىگىچە نامايىش ئۆتكۈزدى. ساقچىلار خەلقنىڭ تۈرمىگە بېسىپ كىرىپ ئۇيغۇر ياشلارنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارنى ھونزاغا مەخپىي يۆتكىدى. خەلقنىڭ غەزىپىنىڭ بېسىقىشىنى ساق بىر ھەپتە كۈتتى. ھەر كۈنى نامازدىن يېنىپ گىلكىتتىكى چوڭ جامە ئالدىدا نامايىش قىلىۋاتقان خەلق ئاممىسىىنىڭ سانى بارغانسېرى ئازلاشقا باشلىغانلىقىنى پۇرسەت بىلگەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاخىرى ئۆز قانۇنلىرىنىمۇ ئاياق ئاستى قىلغان ھالدا 8 - كۈنى تۇيۇقسىزلا خىتايغا تاپشۇرۋېتىشتەك تارىخىي بىر شەرمەندىچلىكنى مەيدانغا چىقاردى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ تاغ يوللىرى ئارقىلىق قېچىپ كېلىدىغانلار ئازلىدى ياكى كەلگەن بولسىمۇ پاكىستان ئەسكەرلىرى مەخپىي ھالدا ۋاقتىدا خىتايغا قايتۇرۋىتىدىغان بولۇپ قالدى.

بۇ خىل نۇمۇسسۇزلارچە پوزىتسىيە، بىر تەرەپتىن پاكىستاننىڭ خىتايغا بولغان بېقىندىلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىۋەتكەن ئامىللارنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدىغان كەشمىر مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىغا پايدىسى بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، دەل ئەكسىچە مەسىلىنى تېخىمۇ چېگىشلەشتۈرۈۋەتكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن پاكىستان ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغىمۇ كۆرۈنەرلىك بىر ھەسسە قوشالمىدى. ھەم قۇرۇقلۇقتىن ھەم دېڭىز يولى ئارقىلىق ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق ماللىرى پاكىستاننىڭ كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى زاۋۇت - كارخانىلىرىنى ناھەق رىقابەتكە سۆرەپ، يۈزلىگەن زاۋۇتنىڭ تاقىلىپ كېتىشىگە ياكى مەجبۇرەن ئۆزگەرتىلىشىگە، شۇ تۈپەيلى يۈز مىڭلىغان كىشىنىڭ ئىشسىز قېلىشىغا سەۋەب بولدى ۋە ھازىرمۇ سەۋەب بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ پاكىستان ئىقتىسادىغا كۆرسەتكەن تەسىرى

 

پاكىستان ئىقتىسادىنىڭ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىشتىن ئىلگىرى يەنى 1960 - يىلىدىكى ئوتتۇرىچە تەرەققىيات نىسبىتى %6.8 بولغان بولسا، خىتاي بىلەن يېقىنلاشقاندىن كېيىن 1970 - يىللىرى %4.8 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالدى. زىيائۇل ھەق دەۋرىدە يەنى 1980 -يىلى قايتا يۈكسىلىپ، %6.8 كە چىققان بولسا، زىيائۇل ھەق شەھىد بولۇپ، پاكىستان خىتايغا بېقىندا بولۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، 1990 - يىلى %4.6 كە، 2000 - يىلىدا %4.8 كە چۈشتى. ئارقىدىن 2008 - يىلىدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىس سەۋەبىدىن بولۇشغا چېكىنگەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە سىياسىتى ۋە خەلقئار پۇل فوندى جەمئىيىتى بىلەن تۈزۈلگەن “stand-by” كېلىشىمى سايىسىدا، بىر ئاز ياخشىلىنىش كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بىراق 2010 - يىلى پاكىستان تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ سەل ئاپىتى يۈز بېرىپ، تېرولغۇ يەرلىرىنىڭ %20 پىرسەنتى دېگۈدەك سۇ ئاستىدا قالدى. 24 مىليون كىشى سەل ئاپىتىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچراپ، دۆلەت تەخمىنەن 10 مىليارد دوللار زىيان تارتتى. نەتىجىدە يېزا ئىگىلىكى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى، دۆلەتنىڭ قاتناش ۋە ئالاقە -ئۇچۇر ئاساسىي قۇرۇلمىلىرى زور بۇزغۇنچىلىققا دۈچ كەلدى.  2010 - 2012 - يىلىدا پاكىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىسبىتى %2.4 كە چۈشۈپ قالدى.  2013 - يىلىدا %3.6 كە ئۆرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما 2015 - يىلىغا كەلگەندە %2.5 كە چۈشۈپ قالدى. بۇ تەرەققىيات نىسبىتىگە ئەگىشىپ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى بولسا، %8 يۇقىرى ئۆرلىدى[13].

يىغىنچاقلاپ ئېيتقتاندا، خىتاي پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىدە نەپ ئالغان تەرەپ، يەنىلا ھىيلىگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بولدى. پاكىستاننىڭ قولغا كەلتۈرگىنى بولسا، پەقەتلا ھىندىستانغا قارشى خاتىرجەملىك تۇيغۇسىدىنلا ئىبارەت بولدى. ھىندىستان بىلەن بولغان چۈشىنىشمەسلىكلەرگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى يېرىكچىلىكلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن بارغانسېرى ئارقىغا چېكىنىشتىن ئىبارەت بولدى.

پاكىستاننىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئاخبارات ئورگانلىرىدىن بىرسى بولغان «PakistanExpres» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە كۆرە، بۇ ئەھۋالغا ئىسيان بايرىقىنى ئاچقان پاكىستانلىق ئىقتىسادشۇناشلار «خىتاينىڭ ئېغىزىدا ئىلگىرى سۈرىۋاتقاندەك پاكىستاننىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن بېلىق تۇتۇشنى ئۆگەتمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە پاكىستان خەلقىنى ئۆلۈك بېلىق يېيىشىكە زورلاۋاتقان ۋە ئادەتلەندۈرىۋاتقانلىقى» ھەققىدە ئوخشاش پىكىرگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدىمۇ ھازىرمۇ قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان ئاسىيا ئىقتىسادى كارىدورىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى بولغان يول ياساش لايىھەسى ئۈچۈن خىتاي بانكىلىرى تەرىپىدىن پاكىستانغا بېرىلگەن قەرز مەسىلىسى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. بۇ ھەقتە توختالغان پاكىستانلىق ئىقتىسادشۇناسلار خىتاينىڭ بەرگەن قەرزىنىڭ كەلگۈسىدە پاكىستان ئىقتىسادىغا چوڭ زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى ۋە كېلەچەكتە چوڭ خەۋپلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇشلاردا بولماقتا. خىتاينىڭ پاكىستان زېمىنىدا ھەممىنى قەرز ھېسابىدا ياسىماقچى بولغان بۇ ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ پاكىستان ئىقتىسادىغا ھېچ قانداق ھەسسىسى بولمايدىغانلىقى، بۇ لايىھەنىڭ پۈتۈنلەي خىتاينىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يول قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىنى خىتاي شىركەتلىرىگە ھۆددىگە بەرگەنلىكى، پاكىستان قۇرۇلۇش شىركەتلىرىنىڭ بولسا، ئىشسىز، پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇلۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا بايانات بەرگەن پاكىستانلىق مۇستەقىل پائالىيەتچى قەييۇم ئۇيغۇر بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى؛

«قەشقەرنى پاكىستان ئەرەب دېڭىزى ساھىلىدىكى پورتقا تۇتاشتۇرىدىغان قۇرۇغلۇق يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2200 كېلومېتىر كېلىدۇ. پاكىستان بۇ يولنىڭ قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئاچتى. ھۆددىگە ئېلىش يېغىلىشىغا خىتاينىڭ شىركەتلىرى كۆپرەك قاناشتى. پاكىستاننىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى «Karakurum and National» ناملىق قۇرۇلۇش شىركىتى بولسا، خىتاينىڭ ئېتىراز بىلدۈرىشى سەۋەبىدىن ھۆددىگە بېرىش يېغىلىشىغا قاتناشتۇرۇلمىدى. يېغىلىشقا قاتناشقان پاكىستان شىركەتلىرى لايىھە ئۈچۈن 90 مىليارد رۇپىپەلىك تەكلىپ سونغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەت خىتاي شىركەتلىرىگە 214 مىليارد رۇپىيەگە ھۆددىگە بەردى. بۇ ناۋاز شەرىف ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن خىتاي شىركەتلىرىنى ئاشكارا قوللىغانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ لايىھە ئۈچۈن خىتاينىڭ پاكىستانغا بېرىدىغان قەرزىنىڭ %90 ى ئامېرىكا دوللىرى بويىچە قايتۇرىلىدۇ. چۈنكى خىتاي بىلەن تۈزۈلگەن قەرز كېلىشىمى شۇنداق. خىتاي ئەسلىدە قەرز، ياردەم، تەرەققىي قىلدۇرۇش... دېگەندەك يالتىراق سۆزلەر بىلەن پاكىستاننى ئىقتىسادىي قورشاۋغا ئالماقتا. پاكىستان خەلقى تېخىچە بۇنى تونۇپ يەتكىنى يوق. بىراق يېقىندىن بۇيان ياسىماقچى بولغان يول بويىدا ياشايدىغان خەلق بىر ئاز ئويغاندى. چۈنكى پاكىستان خەلقتىن ئېگىلىك ھوقۇقىنى سېتىۋالغان جايلارنىڭ پۇلىنى تۆلىيەلمەيۋاتماقتا. پاكىستان خەلقى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە پوزىتسىيەلىرىدىن بەزى نەرسىلەرنى ھېس قىلماقتا. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، پاكىستان ئىقتىسادىنى مونىپول قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇ تولىمۇ خەتەرلىك بىر ئەھۋال. خىتاي «يېپەك يولى ئىقتىساد كارىدورىنى جانلاندۇرۇش» دېگەندەك بەزى شوئارلار ئاستىدا قوشنىلىرىنى بولۇپمۇ پاكىستاننى ئىقتىسادىي قورشاۋغا ئېلىۋالغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. مەن بۇ ئەھۋاللارنى كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىنتايىن خەتەرلىك دەپ قارايمەن.[14]»

ئۇزۇن يىل پاكىستاندا ياشىغان ۋە ماگېستىرلىق ئوقۇشىنى پاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۇنىۋېرسىتېتىدە تاماملىغان، ھازىر مەركىزىي ئىشخانىشى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى»نىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخانمۇ پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق پاناھلانغۇچىلارغا تۇتقان دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

پاكىستان 1997 - يىلى ماي ئېيىدا 12 نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنى قانۇنسىز بىر شەكىلدە خىتايغا تاپشۇرۇپ بەردى. پاكىستان بۇلاردىن باشقا ھازىرغا قەدەر يۈزلىگەن ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى. ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكلاتى تەرىپىدىن پاناھلانغۇچى سالاھىيىتى بېرىلگەن ۋە شىۋېتسارىيەگە يوللاش ئالدىدا تۇرغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىمۇ خىتاينىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن تۇتۇپ بەردى. ئەمدىلىكتە بولسا، قەبىلە رايونلىرىدا ھاياتىنى قوغداپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقان پاناھلانغۇچىلارنى سوئال - سوراقسىز «تېررورچى» دېگەن قالپاق بىلەن بومباردىمان قىلىپ ئۆلتۈرمەكتە. پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئارقىسىدىكى ھەقىقەتلەرنى ئۆز خەلقىدىن يوشۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى تېخى كونتروللۇقى ئاستىدىكى مېدىيا ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىپ، داۋاملىق تۈردە خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلماقتا. پاكىستان خەلقىنىڭ كۆزىگە خىتاينى چىرايلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سالماقتا. پاكىستان خەلقى دەل مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاينى يېتەرلىك دەرىجىدە بىلمەيدۇ ھەم تونۇمايدۇ. ۋەھالەنكى تونىسا ئىدى، پاكىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتە خىتايغا كېرەكلىك دەرىجىدە ئىنكاس قايتۇرالايدىغانلىقىدىن ھەرگىز گۇمانلانمايمىز.

خۇلاسە

 

مەنمۇ پاكىستاندا ئوقۇغان بىرسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن پاكىستان خەلقىنى ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. پاكىستان خەلقى مېنىڭ ئىسلامىي قېرىنداشلىرىمدۇر. ئەللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ ئۈممەت تۇيغۇسىغا ئىگە ۋە قەيەردە زۇلۇمغا ئۇچرىغان بىر مۇسۇلماننى كۆرسە، شۇنىڭ يېنىدا ئۇرۇن ئېلىشنى بىلىدىغان پاكىستان خەلقىنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۆز ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، بۇخىل پوزىتسىيەلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلايدىغانلىقىغا ئىشنىمەن.

ئەللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ «بىر بولسۇن مۇسۇلمانلار ھەرەمنى قوغداش ئۈچۈن، نىل ساھىلىدىن تارتىپ كاشغەر توپراقلىرغىچە» دەپ سېزىپ بەرگەن ئۈممەت تېررىتورىيەسىنى نېمە ئۈچۈن «كاراچى ساھىلىدىن گىلگىت توپراقلىرىغىچە» دېگەندەك شەخسىيەتچى، مەنپەئەتپەرەس بىر سەۋىيەگە چۈشۈۋالدىڭلار؟

ئەللامە مۇھەمەد ئىقبال «ھىندىستان، خىتاي ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا بىر ئىسلام دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن خىتاي فاشىزىمى، بولشىۋىزم، ئاتىئېزملىق ۋە دىنسىزلىقنىڭ خەۋپلىرى ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ چېگراسىدىن تېخىمۇ ئۇزاقلاشقان بولىدىغانلىقى بىر روشەن ھەقىقەتتۇر» دېگەن تۇرۇغلۇق سىلەر نېمە ئۈچۈن خىتاي فاشىزىمىنىڭ بۇيرۇقى ئاستىغا كىرىشكە رازى بولدۇڭلار؟

مۇھەممەد ئەلى جىنناھ «مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندىن باشقا دوستى يوقتۇر»، «خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ خىتايغا ھۆكۈمران بولۇشى ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋال» دېگەن تورۇغلۇق سىلەر قانداقسىگە، دىن دۈشمەنلىرىنىڭ دوستلۇقىنى دەپ، 25 مىليون شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىڭلارنى ئۇتقا ئىتتىردىڭلار؟ نېمە ئۈچۈن دېكتاتور ماۋزىدۇڭنىڭ شەپكىسىنى ئۆزەڭلار كېيگەننى ئاز دەپ، پۈتۈن دۆلەتكە كىيگۈزۈشكە تىرىشتىڭلار؟ دەپ ھامان بىر كۈنى ھېساب سورايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

ئى پاكىستان ھۆكۈمىتى مەسئۇللىرى! خىتاي بىلەن بولغان مەنپەئەتپەرەسلىك مۇناسىۋېتىڭلاردا ئازراق بولسىمۇ ۋىجدانىڭلارغا قولۇڭلارنى سېلىپ، ئۈممەتنىڭ مەنپئىتىنى بولمىسىمۇ، ھېچ بولمىغاندا پاكىستاننىڭ كەلگۈسى ۋە پاكىستان خەلقىنىڭ مەنپەئىتىنى چۈشىنىڭلار! غەرب ئەللىرىگە قارشى خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، تالىباننى قانداق كۇزىر قىلىپ ئىشلەتكەن بولساڭلار، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ھېچ بولمىغاندا ئەمدى بولسىمۇ خىتايغا قارشى قولىڭلاردىكى ئاخىرقى كۇزىر ئورنىدا قەدىرلەشنى باشلاڭلار!

خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلاردا ھېچ چېكىنمەستىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن قېرىنداشلىق ۋە مىڭلىغان يىللىق ئۇرۇق- توغقانچىلىق رىشتىڭلارنىڭ بارلىقىنى مەردانە ئوتتۇرىغا قويۇڭلار! شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكى سىياسەتلىرىنىڭ گەۋادىر پورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى يېپەك يولى لايىھەسىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈڭلار! خىتاينى زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتىدىن ۋاز كەچۈرۈپ، قايىل قىلىشقا تىرىشىڭلار! بۇنىڭ سىلەرگە كاتتا مەنپەئەتكە ئايلىنىپ قايتىدىغانلىقىنى ياكى ھېچ بولمىغاندا ئېزىلگۈچىلەرنىڭ ئاھۇ - پەريادى ۋە بەددۇئالىرىنىڭ نىشانى بولۇپ قىلىشنىڭ ئورنىغا، خەيرىلىك دۇئالىرىنى ئالىدىغانلىقىڭلارنى قەتئىي ئۇنتۇماڭلار!

ئاخىرىدا مۇسۇلمان بىر دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر بولۇش سۇپىتىڭلار بىلەن سىلەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈشنى توغرا تاپتىم.

«مۆئمىنلەر بىر - بىرىنى سۆيۈشتە، بىر - بىرىگە كۆيۈنۈشتە، بىر - بىرىگە شەپقەت كۆرسىتىشتە بىر تەن، بىر جىسىمغا ئوخشايدۇ. ئۇ جىسىمنىڭ بىر ئەزاسى ئاغرىسا، باشقا بارلىق ئەزالىرىمۇ ئۇ ئاغرىقنى ھېس قىلىپ، ئۇيقۇسىز قالىدۇ[15]

«مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام شۇنداق دېگەن ئىدى: ھەرقانداق كىشى ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىنى ئۆزگەرتىۋاتقان، ھالالنى ھارام ۋە ھارامنى ھالال قىلىپ قويغان، ئىلاھىي چەكلىمىلەرنى ئاياق ئاستى قىلىپ، بۇزغۇنچىلىق قىلغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىنى مۇقەددەس كۆرمەيۋاتقان زالىم بىر ھۆكۈمدارنى كۆرۈپمۇ، يەنە سادا چىقارماستىن، سۈكۈت ئىچىدە ئۆز جايىدا ئولتۇرىۋېرىدىغان بولسا، ئاللاھنىڭ بۇ سۈكۈت قىلغان كىشىنى زالىم ھۆكۈمدارنىڭ يېرىگە، يەنى جەھەننەمگە تاشلىشى ۋە ئۇ كىشىنىڭ جەھەننەمدە مەڭگۈ قېلىشى مۇھەققەقتۇر. بۇ ئىلاھىي سۈننەتتۇر[16]

 

«شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى» ژورنىلىنىڭ 2- سانىدىن ئېلىندى

 

 

[1]  مۇھەممەدئەمىن بۇغرا ئارخىپلىرى؛ 5.11.5.01 نۇمۇر

[2]  تۈركىيەدە ھەممىگە تونۇلغان شەرقىي تۈركىستان رەھبەرلىرىدىن مەرھۇم ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندى 1901 - يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كاشغەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق يېڭىسار  ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1995 - يىلى 17 - دېكابىردا ئىستانبۇلدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

[3]  ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىننىڭ كۈرەش خاتىرىلىرى؛ بىرىنچى توم 344 - بەت

[4]  ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ كۈرەش خاتىرىلىرى؛ بىىرنچى توم 345 - بەت

[5] https://tr.wikipedia.org/wiki/Yarkand_Hanl%C4%B1%C4%9F%C4%B1

[6]  ۋېي لىياڭتاۋ: «يەكەن خانلىقىنىڭ تارىخىدىن ئومۇمىي بايان» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1999 - يىلى 1 - ئاي، 134 - بەت

 

[7]  ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى» مىللەتلەر نەشىرىياتى 1991 - يىلى بىرىنچى نەشىرى (1022- بەت

[8]  مارك ئاۋرىل سىتەيىن (ئەنگىلىيە): «قۇمغا كۆمۈلگەن خۆتەن خارابىلىرى» تەجىمە قىلغۇچىلار: ماخمۇت ئابدۇۋەلى، ئەلى غوپۇر، مەردان سەيپۇللا، شىنجاڭ خەلق نەشىرىىياتى 2001 - يىلى 1 - ئاي 1 -نەشىرى 159 - بەت

 

[9]  http://archive.law.fsu.edu/library/collection/LimitsinSeas/IBS085.pdf

 

[10] Ahmad Faruqui, “Failure in Command Lessons from Pakistan’s India Wars”, Defense Analysis, 2001.

 

[11]  زۇلفىقار ئەلى بوتتۇ 1928 - يىلى 5 - يانۋاردا تۇغۇلغان ۋە 1979 - يىلى 4 ئاپرېلدا گېنېرال زىيائۇل ھەق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دارغا ئېسىلغان ئىدى. ئۇ پاكىستان خەلق پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى، پاكىستاننىڭ 9 - باش مىنىستىرى ۋە 4 - پىرېزىدېنتى بولۈپ ھېسابلىنىدۇ.

[12] http://akademikperspektif.com/2012/05/04/isa-yusuf-alptekin/

[13] http://islamabad.be.mfa.gov.tr/ShowInfoNotes.aspx?ID=214164

 

[14]  http://www.uyghurnet.org/24267-2

[15]  جەمئۇل فەۋائىد رۇدانى، ئەدەپ 7820، بۇخارى ۋە مۇسلىم

[16]  «ھاياتلىق تۇيغۇلىرى» ئوردۇچە  4 - نەشىرى، مەۋلانا يۈسۈت ئىسلاھى، «ھەرزەتى ھۇسەين رەزىيەلاھۇ ئەنھۇنىڭ كەربالىدىكى خۇتبىسى»