شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەگە كۆچۈشلەر (3)

ياردەمچى دوتسېنت دوكتۇر ئەركىن ئەمەت

ئافغانىستاننى تاللاشنىڭ سەۋەبلىرى

كۆچۈشنىڭ تۇنجى بېكىتى ئافغانىستان بولغان. چۈنكى شەرقىي تۈركىستان ئافغانىستان بىلەن چېگرالىناتتى.  كۆچمەنلەر كارۋىنى ھىمالايا تاغلىرى ۋە پامېر ئېگىزلىكىدىن ئېشىپ ئافغانىستانغا كېلىدۇ. بۇ كۆچمەنلەر توپى شۇ زاماننىڭ قاتناش قورالى بولغان ئات، ئېشەك، تۆگە ۋە قېچىلارغا مىنىپ، بۇنى تاپالمىغانلار بولسا پىيادە مېڭىپ، ئۈچ ئايلىق مۈشكۈل سەپەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىن ئافغانىستانغا يېتىپ كېلىدۇ. ئافغانىستاندا دەسلەپتە كابۇل، خانئابات، بەدەخشان ۋە قۇندۇز قاتارلىق ۋىلايەتلەرگە ئورۇنلىشىدۇ.

كۆچمەنلەر كارۋىنى ئافغانىستاننى ئۆتكۈنچى بىر بازا دەپ قارىغان. چۈنكى ئافغانىستان ئۇ ۋاقتلاردا خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىمى ئاستىدا ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ئافغانىستاندا قېلىشنىڭ كېيىنچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپ ئېلىپ كېلىش ۋەياكى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەرمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى. كۆچمەنلەر كارۋىنىنىڭ يولباشچىلىرى ئەجدادى، دىن ۋە مەدەنىيىتى ئوخشاش بولغان تۈركىيەگە كېتىشنى ئارزۇ قىلىشاتتى. شۇنداق قىلىپ تۇنجى بولۇپ ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى ۋە ب د ت پەن مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تارماقلىرىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدىكى باش ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقە ئورنىتىلىدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمەت تەرەپتىن تۇنجى ئالاقە قىلغان كىشى كايا توپەرى ئەپەندىم بولىدۇ.

يىغىپ ئېيتساق، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈشى ئىككى قېتىملىق چوڭ كۆچۈش دولقۇنى ھالىتىدە بولغان. تۇنجى كۆچۈش دولقۇنى، 1949- يىلى خىتايدا ماۋ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان يېڭى ھاكىمىيەتنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن يولغا چىققان. ئىككىنجى قېتىملىقى بولسا، 1960- يىللارنىڭ بېشىدا ئافغانىستاندا شەكىللەنگەن كۆچۈش دولقۇنىدۇر. بۇ ئىككى قېتىملىق كۆچۈش ھەرىكىتى تاساددىپىي ۋە تارقاق ھالەتتە يۈز بەرمىگەن. بەلكى رەھبەرلىرىنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا ئۇيغۇر ۋە قازاق تۈركلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا، ئىنتىزاملىق ۋە ئوپچى شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ كۆچۈش تۈركلەرنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىن غەربكە توپ – توپ بولۇپ كۆچۈشلىرىنىڭ ئەڭ ئاخرىقىسىدۇر. كېيىنچە، يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن كۆچۈش دولقۇنىدا كەلگەنلەرنىڭ ئورۇق – تۇغقانلىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئەركىن كۆچمەن سۈپىتىدە تۈركىيگە كېلىشنى داۋاملاشتۇردى.

بۇ ئىككى قېتىملىق كۆچمەنلەر دولقۇنىنىڭ تۈركىيەنى ئاخىرقى مەنزىل قىلىپ تاللىشى تاساددىپىيلىق ئەمەس، بەلكى ئاڭلىق بىر تاللاش ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ مەقسىتى تىل، دىن، مەدەنىيەت ۋە تارىخ نۇقتىسىدىن ئورتاقلىققا ئىگە بولغان تۈركىيەگە بېرىش ئارقىلىق، ئۆزلىرى يات ھېس قىلمايدىغان، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمۇ مىللىي كىملىكىنى يوقاتمايدىغان بىر مۇھىتقا ئېرىشىش ئىدى. كۈنىمىزدە، قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىققە ئېرىشىشى بىلەن بەزى قازاق ئائىلىلىرى ئانا ۋەتىنىگە قايتماقتا. 1990- يىللارنىڭ باشلىرىغىچە، تۈركىيەدىكى قازاقلار مەزلۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نىداسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئاكتىپ پائالىيەتلەردە بولغان ئىدى. بۈگۈن ئۈچىنجى ئەۋلاد قازاقلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بىلەن ھېچبىر ئالاقىسى قالمىغان دېيەلەيمىز. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 30 دەك دۆلەتكە تارقالغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئارىسىدا، تۈركىيە ئۇيغۇرلار ئۆزىنى ئەڭ بەختىيار ھېس قىلىدىغان دۆلەت دەپ قارالماقتا. چۈنكى ئۇلار ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئۆزلىرىنى ئەڭ ئەركىن ھېس قىلىدۇ.

تۈركىيەگە ئىككىنجى قېتىملىق كۆچۈش

ھاياتى بىخەتەرلىك كاپالىتىنىڭ بولماسلىقى شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈپ چىقىش سەۋەبلىرىنىڭ ئەڭ بېشىدا كېلىدۇ. بولۇپمۇ، 1949- يىلى ماۋ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان كوممۇنست ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا تەسىرىنى بارغانسىرى ئاشۇرۇشقا باشلايدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىمۇ خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاش، زىيانكەشلىك قىلىش، ئۆلتۈرۈش ۋە قىيىن قىستاققا ئېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ زۇلۇملارنىڭ يۇقىرى چەككە يېتىشى بىلەن بۇ يەردە ياشاۋاتقان كىشىلەر جانلىرىنى قوغداش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەردىن پاناھلىق تىلەشكە باشلايدۇ. شۇنداق دېيەلەيمىزكى، شەرقىي تۈركىستاندىكى سىرتقى دۇنيا خەۋەرسىز قالغان زۇلۇملارنى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقلىرى ۋە قىرغىنچىلىقلىرىنى ھۆر دۇنياغا پاش قىلىش ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىپ كېتىش ئارزۇسى ئوتتۇرىغا چىققان.

خىتاي 1959 - 1960 يىللىرىدا بىر قانۇن چىقىرىپ، باشقا دۆلەت پۇقرالىرى ئەگەر سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە تەلىپىگە ئاساسەن كەلگەن دۆلىتىگە قايتۇرۇش قارارىنى ئالىدۇ. كىشىلەر بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ شەرقىي تۈركىستاندا ئايرىلىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن 1961 ۋە 1963- يىللىرى ئىككى قېتىم توپ ھالەتتە كۆچۈش ھادىسى يۈز بېرىدۇ.

1961- يىلى چىققان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى يەكەندىن بولۇپ،، 1963- يىلى چىققان كىشىلەر قەشقەر ھەتتا غۇلجىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ئىدى. بۈگۈن قەيسەرىدە يەكەندىن كەلگەن ئۇيغۇرلار كۆپ. غۇلجا يەنى ئىلىدىن كەلگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار كۆپىنچە ئىستانبۇلدا ئولتۇراقلاشقان. ئۇلارن كۆپىنچە تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ۋە ئۆزى ياشىغان رايوننىڭ تەسىرىدە كۈچلۈك بىر سودا روھىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئىستانبۇلغان كۆچكەن.

مەنبە: «ئىلمىي قاراش ئىنىستېتۇتى»(Akademik Perspektif Enstitüsü)

 

ئاپتور  ئەركىن ئەمەت، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل، تارىخ – جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ھازىرقى زامان تۈرك دېئالىكتلىرى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى