غۇلجا شېھىتلىرىنى ئەسلەپ

يانۋار ئېيى ئاخىرىلىشىۋاتقان، لېكىن سوغۇقنىڭ تەپتى تېخى بېسىلمىغان، بەزىدە سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان شامىلى ۋە قېلىن قارلىرى بىلەن قىشنىڭ تېخى چىقىپ كەتمىگەنلىكىنى ئادەمگە ئەسلىتىپ تۇرىدىغان بۇ كۈنلەردە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم بىر كۈننى، مۇھىم بىر ۋەقەنى خاتىرىلەش تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتتى. بۇ كۈن 5- فېۋرال كۈنى بولۇپ، 2017- يىلى 5- فېۋرالغىچە بۇنداق كۈندىن، بۇنداق قىشتىن ئونتوققۇزى ئۆتۈپ كەتتى. ئۇيغۇر ۋەتىنى ئونتوققۇز قىش، ئونتوققۇز باھار، ئونتوققۇز ياز ۋە ئونتوققۇز كۈزنى باشتىن كەچۈردى. لېكىن ئۇيغۇرنىڭ يۈزى نە ياز، نە باھار كۆرمىدى، كۈز تېخىمۇ ئۇزاقتى ئىدى. ئۇنىڭ بېشىنى بوۋايلارنىڭ چېچىدەك ئاقارتىۋەتكەن قار ئۇچقۇنلىرى كۆپەيسە كۆپەيدىكى ئازلاپ باقمىدى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇنداق خاتىرە كۈنلىرى كۆپيىۋەردى. 5- فېۋرالدىن كېيىن 5- ئىيۇل، ئۇنىڭغا ئۇلىشپلا 28- ئىيۇل يەنە قانچىلىغان كۈنلەر  ئۇيغۇرنىڭ خاترىسىگە بىر – بىرلەپ پۈتۈلدى. بۇ ئەسلىمىلەر ھەم ئاچچىق ھەم شانلىق ئىدى.

ھەيۋەتلىك تاغلىرى، كەڭ كەتكەن يايلاقلىرى، گۈل – چېچەككە پۈركۈنگەن باغلىرى، جانغا راھەت بەخىش ئەتكۈچى ساپ ھاۋاسى ۋە قىشمۇ – ياز كۆكىرىپ، قەددىنى دۈشمەنگە تىز پۈكمىگەن يىگىتلەردەك تىك تۇتۇپ تۇرغان قارغايلىرى بىلەن مەشھۇر بولغان ئىلى دىيارىنىڭ خەلقىمۇ خۇش پىئىللىقى، جەڭگىۋار ۋە ئىجادچان روھى بىلەن ھۆرمەكتە سازاۋەر. ئۆزگىچە مۇڭغا ئىگە ئىلى خەلق ناخشىلىرى بۇ خەلقنىڭ ئىجادىيەت روھىنى نامايەن قىلسا، سادىر پالۋان قوشاقلىرى ۋە غېنى باتۇرنىڭ قەھرىمانلىق ئىش – ئىزلىرى تىللاردا داستان بولۇپ، ئىلى ياشلىرىنىڭ زۇلۇمغا، تەڭسىزلىككە قارشى قەيسىرانە روھى، ئادالەت ۋە ھۆرلۈككە بولغان تەلپۈنۈشىنى ئەڭ يارقىن ئىپادىلەپ كەلدى. ئىلى دىيارىنىڭ قەھرىمان ئوغۇل – قىزلىرى تارىخنىڭ شانلىق سەھىپىلىرىگە ئۆچمەس داستانلارنى يېزىپ قالدۇرغان ھەم يېڭى داستانلارنى ئىجاد قىلماقتا. بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن 5- فۋرال كۈنىدە، دەل مۇشۇ ئىلى دىيارىدا غۇلجا ياشلىرى ھاياتى ۋە قېنى بەدىلىگە يېڭى بار داستان يېزىپ چىقتى.

1997- يىلى 5- فېۋرال ئادەتتىكى كۈنلەردىن بىرى ئىدى. لېكىن غۇلجا ياشلىرى بۇ كۈننى ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈنگە ئايلاندۇردى. يۈزلىگەن ياش بۇ كۈنى ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ كوچىلارغا چىقىپ تىنچ نامايىش قىلىپ، ئىشغالچى خىتاي دائىرىلىرىدىن ئەقەللىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. لېكىن، مۇستەملىكىچى جاللاتلار ئۆز ئەپت – بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ، ئۇلارنى ئوققا تۇتتى، فېۋرالنىڭ قەھرىتان سوغۇقىدا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مۇزدەك سۇ پۈركىدى، ئوقتىن ساق قۇتۇلغان ۋە توڭلىماي ھايات قالغانلارنى بولسا تۇتقۇن قىلدى، تۈرمىلەرگە قامىدى، يالغان – ياۋىداق ۋە ئويدۇرما تۆھمەتلەر بىلەن ئۇزۇن يىللىق قاماق جازالىرىغا ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى... ئۇ ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئارىمىزىدىن غايىب بولدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق قېنى، ياش ھاياتى بەدىلىگە خەلق قەلبىگە ئۆچمەس بىر ئوتنى، ئۆلمەس بىر روھنى  سېلىپ قويۇپ كەتتى.. 5- فېۋرال خۇددى جۇمھۇرىيەت بايرىمىغا ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرە كۈنلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى.

ئەلۋەتتە، غۇلجا ۋەقەسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بۇندىن بۇرۇن يۈز بەرگەن بارىن ۋەقەسىنى ۋە ئۇنىڭ داۋامى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى چۈشىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بۇلارنىڭ ئورتاقلىقى بولسا ھەممىسى مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىشغالچى مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ۋە زۇلۇمىغا قايتۇرغان ئىنكاسى ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەق بىلەن ناھەق، زالىم بىلەن مەزلۇم ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇنغا سۇزۇلغان كۈرەشنىڭ بىر قسىمى ئىدى. خەلق تەلەپ قىلغان نەرسە شۇنچىلىك ئاددى بولۇپ، پەقەتلا ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي قەدىر - قىممەت ۋە ئىززەت ئىدى. شۇم نىيەت جاللارتلار بولسا بۇ خەلقنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ ياكى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، مول يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرىغا ئىگە بۇ ئەزىز زېمىننى ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك مۇستەملىكىسى قىلىش كويىدا ئىدى. بۇلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ يىراق ئۆتمۈشىگە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قانلىق تارىخىغا مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇرمىز.

ياۋرو – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ كىندىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان دىيارى شىمالدا ئالتاي تاغلىرى، جەنۇب ۋە غەربتە كوئىنلۇن تاغلىرى ۋە پامېر ئېگىزلىكى بىلەن قورشىلىپ تۇرىدۇ. تەڭرىتاغلىرى ئۇنى شەرقتىن غەربكە توغرا كېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، شىمال ۋە جەنۇبتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا ئايرىغان. شىمالدا جۇڭغار ئويمانلىقى، جەنۇبتا تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن مۇنبەت بوستانلىقلار ئەسىرلەر بويى گۈللەپ ياشنىغان تۈرك – ئىسلام  مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكىگە ئايلانغان. قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان بۇ بوستانلىقلاردا، تۈرلۈك ئىرق ۋە رەڭگارەڭ مەدەنىيەتلەر ئۆز – ئارا ئۇچرىشىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت – سەنئەت خەزىنىسى ئۈچۈن بىباھا گۆھەرلەرنى تەقدىم قىلغان. بۇ ئەزىز تۇپراقلار سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ شانلىق زەپەرلىرىگە شاھىد بولغان. «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇبىلىك» قاتارلىق ئالامشۇمۇل ئەسەرلەرنى روياپقا چىقارغان مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ كەبى بۈيۈك ئالىم ۋە ئەدىبلەرنى يېتىشتۈرگەن. خوتەن قەغىزى، ئەتلەس ۋە گىلەم قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قول – ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى بۇ دىيارنىڭ شۆھرىتىنى دۇنيادا يەنىمۇ ئاشۇرغان... ئەپسۇسكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرقى مىللىي دۆلىتى بولغان يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ 17- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا جاھالەت ھامىيلىرى تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنىشى، قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ خارابلىشىشى ۋە دۇنيا سودا مەركەزلىرىنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقلاردىن دېڭىز بويلىرىغا يۆتكىلىشى بىلەن، مۇسۇلمان شەرقىدە باشلانغان غېرىبلىق بۇ زېمىندىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. بۇ غېرىبلىق تاكى ئىستىلاچىلار ۋە ئېكىسپېدىتسىيەچىلەر ئۇلارنىڭ دەرۋازىلىرىنى چەككەنگە قەدەر ئەسىرلەپ داۋام قىلدى...

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك شارائىتى ئۇنى تارىختىن بۇيان چوڭ ئىمپېرىيەلەرنىڭ ئىستىلاچىلىق كۈرەشلىرىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك نىشانغا ئايلاندۇرغان. يىراق شەرقتە، سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئىچىدە ياشايدىغان خىتايلار ئىزچىل بۇ زېمىننى قولغا چۈشۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق غەربكە كېڭىيىش چۈشىنى كۆرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن تارىختا كۆپ قېتىم ئۇرۇنۇپمۇ بۇ مەقسىتىگە يېتەلمىگەن ئىدى. نىھايەتتە، 18- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا خوجىلار ئارىسىدىكى ئىچكى نىزا ئەينى ۋاقتتىكى مانجۇ چىڭ خاندانلىقىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەردى. لېكىن بۇ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەش ئزچىل داۋاملىشىپ سادىر پالۋان، نۇزۇگۇم كەبى قەھرىمان ئوغۇل – قىزلارنى تارىخ سەھنىسىگە چىقاردى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەڭ ئاخىرىقى قورغىنى ۋە بىرلىككە كەلگەن دۆلىتى بولغان قەشقەرىيە دۆلىتى ئەينى ۋاقتتا دۇنياۋى كۈچلەر بولغان ئەنگىلىيە ۋە ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. 19- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىدا ياقۇپ بەگنىڭ ۋاقتسىز ئۆلىمى بىلەن بۇ دۆلەت پارچىلاندى. شەرقىي تۈركىستان پۈتۈنلەي چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىشغالىغا چۈشۈپ قالدى. 1884- يىلى بۇ دىيارغا خىتايچە «يېڭى زېمىن» مەنىسىدىكى «شىنجاڭ» نامى بېرىلدى ۋە چىڭ سۇلالىسىگە قاراشلىق بىر ئۆلكە قۇرۇلدى. 1911- يىلى چىڭ سۇلالىسى يېقىلغاندىن تارتىپ، 1949- يىلىدىكى كوممۇنست ئىشغالىغىچە، بۇ زېمىن مىلىتارىستلارنىڭ قولىدىن – قولىغا ئۆتۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگىلىيە ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەسىر كۈچ تالىشىدىغان مەيدانىغا ئايلاندى.

بۇ جەرياندا، بۇ زېمىندا ئىككى قېتىم مۇستەقىل مىللىي دۆلەت قۇرۇلدى. ئۇلارنىڭ بىرى 1933- يىلى 12- نويابېر سابىت داموللام، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىقلارنىڭ رەھبەرلىكىدە قەشقەردە قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى»، يەنە بىرى 1944- يىلى 12- نويابېر غۇلجىدا قۇرۇلۇپ، تاكى 1949- يىلىغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى»  ئىدى. بۇ ئىككىلا جۇمھۇرىيەت پۈتكۈل غەربىي تۈركىستاننى ئۆز ئىشغالىغا ئالغان رۇس ۋە يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن خىتاي كوممۇنستلىرىنىڭ سۈيقەستى بىلەن قىسقا ۋاقتتا يېقىتىلدى.

«غۇلجا قىرغىنچىلىقى» دەل ئىككىنجى قېتىملىق جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ پايتەختى بولغان غۇلجىدا 1997- يىلى رامىزان ئېيىدا يۈز بەرگەن ئىدى.

1949- يىلى خىتاي كوممۇنستلىرىنىڭ ئىشغالىغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر تارىخنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ ۋە قانلىق سەھىپىلىرى يېزىلىشقا باشلايدۇ. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تۇنجى بولۇپ ئىشنى دىنىي ئالىملار، ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىلار ۋە يۇرت كاتتىلىرىنى يوق قىلىش بىلەن باشلايدۇ. ئۇلارغا ئوڭچى، مىللەتچى ۋە پومىشچىك دېگەن بەتناملار چاپلىنىپ، ئۆلتۈرۈلىدۇ، تۈرمىلەرگە قامىلىدۇ ۋە مال – مۈلۈكلىرى تارتىۋېلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىسادىي ئۇلى تەۋرەيدۇ. ئالىملىرى ۋە يولباشچىلىرىدىن ئايرىلغان خەلق نادانلىق، جاھالەت ۋە تەپرىقىچىلىق قاينىمىغا سۆرەپ كىرىلىدۇ. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەپ ئاتالغان قاباھەتلىك يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مىراسلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. ھەتتا، قۇرئان كەرىم ئۇچۇق – ئاشكارە كۆيدۈرۈلىدۇ.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن كېيىن، خىتايدا ئىسلاھات  ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن بىر پەيتتە، شەرقىي تۈركىستاندا مىللىي كەمسىتىش ۋە دىنىي چەكلىمىلەر يەنىلا داۋام قىلىۋاتاتتى. ئۇيغۇر خەلقنىڭ مۇستەملىكە ۋە تاجاۋۇزچىلىققا، زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىككە، ھاقارەت ۋە كەمسىتىشكە بولغان قارشىلىق كۈرەشلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتاتتى. 1990- يىلى 4- ئاپرېل ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدا قوزغالغان ۋە كېيىن «بارىن ئىنقىلابى» دەپ نام بېرىلگەن قوراللىق ھەرىكەت بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆلىمى ۋە تەسىر دائىرى چوڭراق بولغان بىر قېتىملىقى ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زاماندىكى خىتاي مۇستەملىكىسىگە قارشى كۈرىشىنىڭ يېڭى بىر سەھىپىسى ئېچىلغان.

غۇلجا ۋەقەسىدىن بىر كۆرۈنۈش. (توردىن ئېلىندى)

ئەلۋەتتە، زالىم ۋە مەزلۇم ئارىسىدىكى كۈرەش ئىلى دىيارىدىمۇ ئۆزىگە خاس رەۋشتە داۋام قىلىۋاتاتتى. غۇلجا شەھرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ۋەتەنپەرۋەر ياشلار 1994- يىلىدىن باشلاپ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىشسىز قالدۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنى ئەخلاقى جەھەتتىن چىرىكلىشىشىكە يەنى زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئىچىملىككە مۇپتىلا قىلىشتەك رەزىل قىلمىشلىرىغا تاقابىل تۇرۇپ، ياشلارنى ۋەتەنپەرۋەر ۋە ئەقىدە – ئېتىقادلىق قىلىپ تەربىيلەش مەقسىتىدە ئىلى مەشرىپىنى جانلاندۇرۇپ، مەشرەپ سورۇنلىرىنى تەشكىللىدى. ياشلىرىمىزنى گۈزەل ئەخلاق ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىككە دەۋەت قىلىشقا باشلىدى. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي ئىشغالچى كۈچلىرى بۇنىڭغا تۇسالغۇلۇق قىلىپ ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويىدى. ياشلارنىڭ تەنھەركەت پائالىيەتلىرى جۈملىدىن پۇتبول كوماندىرلىرى تەشكىللەپ مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ھەرىكىتىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. نۇرغۇنلىغان ياشلار خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا نارازى بولۇپ دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ تۇرۇۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، 1997 – يىلى 2 – ئاينىڭ 4 – كۈنى خىتاي ساقچىلىرى غۇلجىدا رامىزان ئېيىنىڭ قەدىرى كېچىسى مۇناسىۋىتى بىلەن خانىم – قىزلار توپلىشىپ ئىبادەت قىلىۋاتقان بىر ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇلارنى تۇتۇپ كېتىدۇ. دىنى ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىشتىن باشقا ھېچ بىر مەقسىتى بولمىغان بۇ ئاياللارنىڭ بىر قانچىسى شۇ يەردە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇلغان، بىر قانچە ئايال تاياق زەربىسىدىن ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ خورلىققا چىدىمىغان غۇلجا ياشلىرى 5 – فېۋرال كۈنى قوزغىلىپ كېتىدۇ. 800 دىن ئارتۇق كىشىدىن تەشكىللىنىپ تىنچ نامايىش قىلىدۇ. ئەپسۇسكى، ئۇلار خىتاي جاللات ئەسكەرلىرى ۋە قۇراللىق ساقچى كۈچلىرىنىڭ قورشاۋىغا ئېلىندى ۋە قانخورلۇق بىلەن ۋەھشىيلەرچە ئوققا تۇتۇلدى. ھايات قالغانلارنى تۇتۇپ تۈرمىگە قامىدى. شۇ كۈنىلا بىر قانچە يۈز كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. قىش پەسلى سوغاق ھاۋادا تۇتۇلغانلارنىڭ ئۈستىگە سۇ چىچىپ مۇزلاتتى، بىرمۇنچە كىشى توڭلاپ شېھىت بولدى. بۇ ۋەھشىلىكنى ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن شەھەر ئاھالىسى غەزەپتىن زىلزىلىگە كەلدى. ئەتىسى 6 – فېۋرالدا مىڭلىغان كىشى كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىپ بۇ ۋەھشىيلىككە بولغان غەزەپ – نەپرىتىنى ئىپادىلىدى ھەمدە ناھەق قامالغان ياشلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. غۇلجا خەلقىنىڭ بۇ ئۇرۇنلۇق تەلىپىگە قۇلاق سېلىش ئۇرنىغا خىتاي ئەسكەرلىرى ئاپتۇمات ۋە پىلىموتلاردىن ئوق چىقىرىپ قورالسىز خەلقنى ئوق يامغۇرىغا تۇتتى. بۇنى كۆرگەن نامايىشچىلار قولىدىن كېلىشىچە قارشىلىق قىلدى. لېكىن زامانىۋىي قۇراللار بىلەن قۇراللانغان قانخور ئەسكەرلەر خەلقنى قىرغىن قىلىش ئارقىلىق نامايىشنى قانلىق باستۇردى. ئىككى كۈنلۈك قىرغىنچىلىقتا بەزى مەلۇماتلار بويىچە 150 دىن ئارتۇق كىشى شېھىد قىلىندى، 400 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى. بەزى مەنبەلەردە شۇ قېتىملىق توقۇنۇشتا 400 دىن ئارتۇق كىشى شېھىد بولدى دېيىلگەن. غۇلجا كوچىلىرى يەنە بىر قېتىم قانغا بويالدى، شۇ كۈنلەردە ئىلى ۋىلايىتىدە تەخمىنەن 5000، پۈتۈن شەرقىي بويىچە 20 مىڭ كىشى تۇتۇلغان. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھازىر ئىز – دېرىكى يوق بولۇپ، ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى جازا مۇددىتى توشۇپ قايتىدىن يۇرۇق دۇنياغا چىقالىغان. (يۇقارقى سانلىق مەلۇماتلار مۇناسىۋەتلىك ئنتېرنېت مەنبەلىرىدىن ئېلىندى.)

ئارىدىن 20 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، 5- فېۋرال مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەر يىل خاتىرىلىنىدىغان بىر كۈنگە ئايلاندى. كۈنىمىزدە، زۇلۇم دەستىدىن ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغان شەرقىي تۈركىستاندا ئۇ روھنى تىلغا ئېلىش ۋە خاتىرىلەش جىنايەتكە ئايلاندى.

ئەلۋەتتە، ئەسلەشتىكى مەقسەت ئۇ شېھىتلىرىمىزنى ياد ئېتىشلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىشتۇر. تۈن زۇلمىتىدىن كېيىن تاڭنىڭ ئېتىشىغا، قەھرىتان قىشتىن كېيىن ئىللىق باھارنىڭ يېتىپ كېلىشىگە قانداق ئىشەنگەن بولساق، بۇنچە زۇلۇم ۋە خورلۇقلاردىن كېيىن مۇستەقىللىق ۋە ھۆرلۈكنىڭ بىزنى كۈتۈپ تۇرۋاتقانلىقىغا شۇنداق ئىشەنچ باغلىشىمىز لازىم. بىز ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى، تاڭ ئاتقانغا قەدەر ئەجدادلار ياققان مەشئەلنى ئۆچۈرمەي، ئۇلار كۆتۈرگەن تۇغنى چۈشۈرمەي تۇرالىشىمىزدۇر.

جانابى ئاللاھتىن غولجا شېھىتلىرى ۋە باشقا بارلىق شېھىتلەرگە رەھمەت تىلەيمىز! ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ماڭىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ يېتەلمىگەن غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئىمان – ئەقىدىلىك، ئەقىل – پاراسەتلىك، جەسۇر ۋە ئەخلاقلىق ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈپ بېرىشىنى تىلەيمىز!

دىلشات سۇلتان

2017- يىلى يانۋار