غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 20 يىللىقىدا، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى زۇلۇم ۋە كەمسىتىش داۋاملاشماقتا

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى(UHRP)

2017- يىلى 1- فېۋرال

1997- يىلى 5- فېۋرال، غۇلجا شەھىرىدە ئۇيغۇرلار تەشكىللىنىپ تىنچ شەكىلدە نامايىش         قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي بېسىم ۋە مىللىي كەمسىتىشنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى. لېكىن، خىتاي دائىرىلىرى نامايىشنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن، نامايىشقا قاتناشقان دېگەن گۇمان بىلەن زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇرنى قولغا ئالدى.

غۇلجا قىرغىنچىلىقىغا 20 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى(UHRP)  خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غۇلجىدىكى تىنچ نامايىشنى قانلىق باستۇرغان زوراۋان قىلمىشىدىن قىلچە تەپتارتماستىن، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ۋە كەمسىتىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئۆمەر قانات باياناتىدا مۇنداق دېدى: «غۇلجىدا كوچىلارغا چىقىپ تىنچ شەكىلدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، دىنىي زىيانكەشلىك ۋە كەمسىتىشكە ئېتىراز بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانلىق باستۇرۇلغانلىقىغا 20 يىل بولدى. 20 يىل جەريانىدا، خىتاي دائىرىلىرى پەقەتلا ئىزچىل ھالدا ئادەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى، لېكىن ئۇيغۇرلار نارازى بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقمىدى.»

ئۇ مۇنداق دېدى:«ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنىي چەكلىمىلەرگە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى نامراتلىق كىرىزىسىغا پېتىپ كەتكەنلىكىگە دائىر پولاتتەك پاكتىلار بار. ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئىلىم ساھەسى، چەتئەل تاراتقۇلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىزچىل ھالدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى تەڭسىزلىكنىڭ سەۋەبى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرى دەپ قارايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەرىجىدە تاجاۋۇز قىلغانلىقىدەك جىنايى قىلمىشىنى ئېتىراپ قلىمايدىكەن، غۇلجا قىرغىنچلىقى خىتاي تارىخىدىكى بىر داغ بولۇپ قالىدۇ.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ دوكلاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ۋە تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل ھوقۇقى ۋە سۆز ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىقلار خاتىرىلەنگەن. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ دوكلاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1997- يىلىدىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ئەقەللى كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ ئەھۋالى كۈنسايىن يامانلاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى خىتاينىڭ «تېرورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»دا «تېرورىزم»غا بېرىلگەن ئېنىقلىما مۈجمەل بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىنچ شەكىلدە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارغا قالايمىقان قورال ئىشلىتىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن دەپ قارايدۇ.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ «مەشرەپ» دەپ ئاتىلىدىغان ئەنئەنىۋى يىغىلىشىنى قوراللىق چەكلىشى 1997- يىلىدىكى غۇلجا نامايىشىنىڭ ئوت پىلىتىسى بولۇپ قالغان. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشرەپتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەينى ۋاقتتا ئەۋج ئالغان ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىكتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا قارىماستىن، نامايىش بولۇشتىن ئىلگىرى مەشرەپنى چەكلىگەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى غۇلجا نامايىشىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقى ۋە ئادىل سوتلانمىغانلىقىغا دائىر مەلۇماتلارنى خاتىرىلىگەن. ۋەقەدە ئوينىغان ئاتالمىش رولى سەۋەبلىك، نۇرغۇن ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئېتىۋېتىلگەن. گەرچە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە دۆلەت زوراۋانلىقى يۈرگۈزگەنلىكىگە دائىر ئىشەنچىلىك پاكىتلار بولسىمۇ، لېكىن بىگۇناھ پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش قىلمىشى ۋەقەدىن كېيىن «خىتاينىڭ تېرورىزمغا ئاكتىپ قارشى تۇرۇشى»نىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالغان.

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى بولسا كۈنسايىن يامانلاشماقتا. 2016- يىلى 1- دېكابىر، «نيۇيورك ۋاقت گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق قىلىپ سىياسەت چۈشۈرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۇلارنىڭ چەتئەللەرگە سەپەر قىلىشىنى چەكلىگەنلىكى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، پۈتكۈل رايون مىقياسىدا يوللارغا زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا ۋەتىنىدە ئەركىن يۈرۈش ھوقۇقىنى چەكلىمىگە ئۇچراتقان.

ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتى دىنغا ئالاقىدار بىر قاتار قانۇنلارنى چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئىبادەتلىرىگە چەكلىمە قويدى. كىملەرنىڭ رامىزان ئېيىدا روزا تۇتسا بولىدىغانلىقى، كىملەرنىڭ مەسچىتكە بارسا بولىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى قانۇن چىقىرىپ قاتتىق كونترول قىلدى. شەخسىي ۋە ئاممىۋى ھالەتتىكى دىنىي دىني مائارىپ يىللار بۇرۇن زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغان ئىدى. لېكىن، 2016- يىلى خىتاي دائىرىلىرى يەنە پەرزەنتلىرىنى دىنىي ئىبادەتلەرگە ئىلھاملاندۇرغان ئاتا – ئانىلارغا قارىتا مەخسۇس قانۇن چىقاردى.