مەسچىتلەر ۋە دۇكانلار «خىتايچىلاشتۇرۇش» نامىدا ئۆزگەرتىلدى

جەنۇبىي دەرۋازا مەسچىتى ۋە غەربىي دەرۋازا مەسچىتىنىڭ «تۈزەش»نىڭ ئالدى-كەينىدىكى كۆرۈنۈشى.

شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان-ت) سىرتىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنى «خىتايچىلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت بەش يىللىق پىلانىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، ج ك پ ئىسلام سىمۋوللىرىنى داۋاملىق چېقىپ، ئېتىقادچىلارنى «ئۆزگەرتىدۇ».

23/6/2020، زىمىستان تورى

دالى، خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى يۈننەن ئۆلكىسىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر بولۇپ، كونا شەھەر رايونى بىلەن داڭق چىقارغان، ھەر يىلى سانسىزلىغان ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ. داڭلىق بولۇشىغا قارىماستىن بۇ شەھەرمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىرتىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنى «خىتايچىلاشتۇرۇش» پىلانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ج ك پ نىڭ دىنىي مەدەنىيەتكە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ بىر ئوبېيكتىغا ئايلاندى.

ئاپرېلنىڭ بېشىدا، ھۆكۈمەت شەھەرنىڭ جەنۇبى دەرۋاز مەسچىتى ۋە غەربىي دەرۋازا مەسچىتلىرىدىن گۈمبەز، يۇلتۇز ۋە ھىلال ئاي بەلگىلىرىنى چېقىۋەتكەن. مەسچىتلەرنىڭ ئىچى ھازىر، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تەشۋىق قىلىدىغان شوئارلار ۋە ئىسلامنى «خىتايچىلاشتۇرۇش»قا بېغىشلانغان پىلاكاتلار بىلەن تولغان. 

جەنۇبىي دەرۋازا مەسچىتىنىڭ بىر جامائىتى «زىمىستان» تورىغا مۇنداق دېدى: «دۆلەتنىڭ ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى سەۋەبىدىن بەلگىلەر بۇزۇۋېتىلىدۇ. مەسچىتتىكى ئەرەب تىلىدىكى ھەممە نەرسە ئېلىۋېتىلدى».

 Propaganda-slogans-outside-the-South-Gate-Mosque

جەنۇبىي دەرۋازا مەسچىتىنىڭ سىرتىدىكى تەشۋىقات شوئارلىرى.

مايدا، جەنۇبىي ۋۇلىچياۋ مەسچىتىدىكى ئىبادەتخانىدىن ئۈچ گۈمبەز، يۇلتۇز ۋە ھىلال ئاي بەلگىسى ئېلىۋېتىلگەن. تۇڭگان ئاھالىسىنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، بۇ مەسچىت شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ چېقىش-كۆچۈرۈش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان. كىشىلەر ۋوۇخەن ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى سەۋەبىدىن مەسچىتنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، ئەمما چېقىش پىلاندىكىدەك داۋاملاشقان.

تۇڭگان ئاھالە ئامالسىز مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت گۈمبەزلەرنى چوقۇم چېقىۋېتىش كېرەك، چۈنكى ئۇلار چەتئەل مەدەنىيىتىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دەيدۇ. بۇ تۇڭگانلارنىڭ چەتكە قېقىلىشىدۇر».

 The-South-Wuliqiao-Mosque-was-“sinicized”-in-May

جەنۇبىي ۋۇلىچياۋ مەسچىتى مايدا «خىتايچىلاشتۇرۇلغان».

ھۆكۈمەت يەنە كۈنمىىڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى دالى شۆبىسىنىڭ جەنۇبى ۋۇلىچياۋ مەسچىتىدە قۇرغان ئوقۇغۇچىلار ياتىقىنى «خىتايچىلاشتۇرغان». بىنانىڭ ئەگمە شەكىللىك دېرىزىلىرى چاسا شەكىللىك قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا، مەسچىتنىڭ يېنىدىكى ھالال يېمەكلىك كوچىسىدا، تۇڭگان رېستورانلىرىنىڭ ۋىۋىسكىسىدىكى ئەرەبچە يېزىقلار ۋە ئىسلامىي سىمۋوللار توسۇۋېتىلگەن ياكى بويالغان، ئۇلارنىڭ كىرىش ئېغىزىغا دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان.

بىر ھالال رېستوران خوجايىنىنىڭ «زىمىستان» تورىغا دېيىشىچە، ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئەرەب تىلىدىكى بارلىق ۋىۋىسكىلارنى يېپىش ياكى بوياشنى، بولمىسا دۇكانلارنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ كىشى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھازىر ھەممە ئادەم ۋىۋىسكىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، ئەرەب تىلىدىكى ھەر قانداق نەرسە تەستىقلانمايدۇ، پەقەت خىتايچە بولۇشى كېرەك. دالى ساياھەت شەھىرى، ئۇ يەنىلا دىنىي زىيانكەشلىكنىڭ نىشانى».

«ھەتتا ئۈستەل يۈزىدە ئەرەبچە يېزىلغان خەتلەرمۇ چەكلەنگەن.» دېدى ئۇ كىشى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بۇ بىزنىڭ تىلىمىز، ئەمما ئۇنى خىتايدا ئىشلەتكەندە، دۆلەت بىزنى بۆلگۈنچى دېدى. ئىسلامغا قارىتىلغان بۇ باستۇرۇش مەملىكەت مىقياسىغا يامرىغان، بۇ ئىككىنچى مەدەنىيەت ئىنقىلابىغا ئوخشايدۇ. دۆلەت دىنلارنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ، بارلىق كىشىلەرنى پەقەت كومپارتىيىگە ئىشىنىشنى خالايدۇ».

ج ك پ يەنە تەربىيىلەش ۋە باشقا پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، مەجبۇرىي تەربىيىلەش ئارقىلىق ئىسلام دىنىي خادىملىرىنىڭ «ئۆزگىرىشىنى» تېزلىتىدۇ. ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا، شىمالدىكى خېبېي ئۆلكىلىك ئىسلام جەمئىيىتى ئۆلكە مەركىزى شىجياجۇاڭدا ئىماملار ئۈچۈن «ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش» توغرىسىدا كۇرۇس ئۇيۇشتۇرغان. تەربىيلەشتە ئىشتىراكچىلاردىن «پارتىيە ۋە دۆلەتنى سۆيۈش»، دىنىي پائالىيەتلەرنى دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە، مىللىي سىياسەت، خىتاي ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، يادرولۇق سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشى ۋە باشقا تەلەپلەرگە ماسلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان. بارلىق قاتناشقۇچىلارغا «ئىسلامىي ئىشلارنى ئىچكى باشقۇرۇش تەدبىرلىرى» نىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا دىنىي خادىملارنى تاللاشنىڭ ئاساسلىق ئۆلچىمىنىڭ «خىتاي كومپارتىيىسى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى قوللاش» ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلگەن.

 Requirements-for-the-clergy-as-stipulated-in-the-“Islamic-Internal-Management-Measures

«ئىسلامىي ئىشلارنى ئىچكى باشقۇرۇش تەدبىرلىرى»دە دىنىي خادىملارغا قويۇلغان تەلەپلەر.

خېبېيدىن كەلگەن بىر ئىمام ئىلاجىسىز ھالدا مۇنداق دېدى: «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش دۆلەتنىڭ ئېتىقادچىلارنى باستۇرۇش قورالىغا ئوخشايدۇ. ج ك پ بىزنى ئېتىقادىمىزدىن ئاستا-ئاستا مەھرۇم قىلماقچى.»