ئامېرىكا دوكلاتى: خىتاي «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش»نى سۈيئىستىمال قىلىپ ئۇيغۇرلارنى قاماپ قويماقتا ۋە باستۇرماقتا

24- ئىيۇن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەر يىلى ئېلان قىلىدىغان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىنىڭ 2019-يىللىق نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتنىڭ خىتاي بۆلىكىدە، خىتاينىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشنى سۈيئىستىمال قىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ۋە كونترول قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىندى. 

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇسۇلى ۋە ئەھۋالى باھالانغان. دوكلاتنىڭ خىتايغا ئالاقىدار قىسمىدا، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى بېكىتكەن بۆلگۈنچىلىك ۋە ئاغدۇرمىچىلىقنى باستۇرۇشى بىلەن تىنچ ھەرىكەتلەرنى ئايرىش يەنىلا قىيىن» دېيىلگەن. 

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي كومپارتىيىسى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، 2017-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭدا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا قاماپ قويغان، ھەمدە يېڭى قانۇن كۆرسەتمىلىرىنى تۈزگەن ۋە يېڭى قانۇن ئىجرا قىلىش قوراللىرىنى قوللانغان، بۇلار ئومۇمىيۈزلۈك مەۋجۇت بولغان كەڭ كۆلەمدە يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش، DNA ئۇچۇرى توپلاش ۋە كومپارىيە ئەمەلدارلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە تۇرغۇزۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ناملىق تەشكىلاتقا قارشى تۇرۇش نامىدا يۇقىرىقى باستۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، لېكىن نامى تىلغا ئلېىنغان بۇ تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە يېتەرلىك دەلىل يوقلۇقى تەكىتلەنگەن. 

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق ھالدا خىتايدا 2016-يىلدىن بۇيان زوراۋانلىق تېرورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى ئاقلىماقتا، لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇشى سەۋەبىدىن، سىرتقى دۇنيانىڭ تېرورلۇققا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتىنى دەلىللىشى قىيىن.»

2020- يىلى 24- ئىيۇن