خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچى: «خوڭكوڭ تۈگەشتى، تېرورلۇقنىڭ ھۆكۈمرانلىقى باشلاندى»

خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 30- ئىيۇن تالاش-تارتىشلىق «خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»نى بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى، شى جىنپىڭ ئىمزالىغاندىن كېيىن، بۇ قانۇن «خوڭكوڭ ئاساسىي قانۇنى»نىڭ قوشۇمچە 3 ھۆججىتىگە كىرگۈزۈلدى. ئامېرىكا خوڭكوڭغا دۆلەت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى سېتىشنى توختىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر بىلەن ئىمبارگو يۈرگۈزۈدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. خوڭكوڭ پائالىيەتچىلىرى بولسا، بۇنى «خوڭكوڭنىڭ ئاخىرلىشىشى، تېرورلۇق ھۆكۈمرانلىقىنىڭ باشلىنىشى» دەپ تەسۋىرلىدى.

خىتاي «خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»نى ماقۇللىدى

خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 30- ئىيۇن سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى خوڭكوڭ نۇسخسى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان. خوڭكوڭ تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇناسىۋەتلىك قانۇن خوڭكوڭ «ئاساسىي قانۇنى»نىڭ قوشۇمچە 3 ھۆججىتىگە كىرگۈزۈلۈپ، خوڭكوڭدا ئىجرا قىلىنىش ئۈچۈن تارقىتىلغان. ئارقىدىن خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇا تورى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى دەلىللەپ، «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش قانۇنى»نىڭ ماقۇللانغانلىقىنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەئىس پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ ئىلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىشخانىسى 1- ئىيۇل چارشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 10 دا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر قانۇنغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.

ئامېرىكا: خوڭكوڭنىڭ ئالاھىدە ئورنى بىكار قىلىندى

بۇندىن بىر بۇرۇن، ئامېرىكا 29- ئىيۇن دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ خوڭكوڭنىڭ ئالاھىدە ئورنىنى بىكار قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېي: خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ خوڭكوڭنى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىش قارارى ترامپ ھۆكۈمىتىنى بۇ ساھەدىكى سىياسىتىگە قايتىدىن قاراپ چىقىشقا مەجبۇرلىدى،» دېدى. ئۇ خوڭكوڭنىڭ ئالاھىدە ئورنىنى بىكار قىلىشنىڭ «خۇشاللىنارلىق» بىر قارار ئەمەسلىكىنى، ئەمما بۇ بېيجىڭنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېتىراپ قىلغان «خىتاي-ئەنگىلىيە بىرلەشمە خىتابنامىسى»گە خىلاپلىق قىلغانلىقىنىڭ بىۋاسىتە ئاقىۋىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. 

جوشۇا ۋوڭ: دۇنيا بىلىدىغان خوڭكوڭ تۈگەشتى

خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچى، خوڭكوڭ دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى جوشۇا ۋوڭ بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ بۇنىڭ دۇنيا بىلىدىغان خوڭكوڭنىڭ يوقالغانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. 

ئۇ تۋىتتېر ھېسابىدا يوللىغان ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «بېيجىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنى ماقۇللىدى. بۇ دۇنيا بۇرۇن بىلىدىغان خوڭكوڭنىڭ يوقالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.» 

Joshua wong

2020- يىلى 30- ئىيۇن