ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتىتى: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي قىسىرلاشتۇرۇشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىسپاتى

جىددىي بايانات

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتىتى

2020- يىلى 30- ئاپرىل 

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىشنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى

ۋاشىنگىتون - ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى (USCIRF) ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي نوپۇس كونترول قىلىش تەدبىرلىرى، مەجبۇرىي قىسىرلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، خەلقئارا قانۇن بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قانۇنىي ئۆلچىمىگە يېتىشى مۇمكىن.»

«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كومپارتىيىنىڭ سىياسىتى ئېنىق قىلىپ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن.» دېدى USCIRF كومىسسارى نۇرى تۇركەل، «بىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى تۈرك مۇسۇلمان نوپۇسىنى قەستەن ۋە سىستېمىلىق ھالدا گېن ئارقىلىق ئازايتىشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىدە كۆزدە تۇتۇلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قانۇنىي ئېنىقلىمىسىغا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلىمىز. بىز يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارشى سادىر قىلغان بۇ جىنايەتلىرى توغرىسىدا ب د ت دا قارار چىقىرىشقا چاقىرىمىز.»

ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسىنىڭ 2-ماددىسىنىڭ (d) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، «گۇرۇپپا ئىچىدە تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان تەدبىرلەرنى قوللىنىش» ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ.

2017-يىلدىن باشلاپ، شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى قاماپ قويدى، ئۇلار دائىم ساقال قويۇش ياكى چۈمبەل تاقاش قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنى نىشانلىدى. ئاشكارىلانغان ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىگە قارىغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر بەك كۆپ پەرزەنتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتتا بايان قىلىنغاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇغماسلىق سىياسىتى ئۆتكەن يىلى شىنجاڭدا تۇغۇلۇش نىسبىتىنى% 24 تۆۋەنلەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا، يېرىم مىليونغا يېقىن مۇسۇلمان بالا ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇلار ئىسلام دىنىنى ئەيىبلەشكە ۋە خىتايچە سۆزلەشكە مەجبۇر بولىدۇ.»

USCIRF كومىسسارى گارى باۋئېر مۇنداق دېدى: «كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 21-ئەسىردە بىر دىنىي جامائەتنى نىشان قىلىپ مەجبۇرىي قىسىرلاشتۇرۇشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. بىز پرېزىدېنت ترامپ ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەبىھ سىياسەتكە مەسئۇل ئەمەلدارلارغا "ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى"غا ئاساسەن قاراتمىلىقى بولغان جازا يۈرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلىمىز».

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتتىى 2020- يىللىق يىللىق دوكلاتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى يەر شارى ماگنىتسكىي كىشىلىك ھوقۇق جاۋابكارلىق قانۇنى ۋە خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنىدىكى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، دىنىي ئەركىنلىككە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىشقا مەسئۇل خىتاي ئەمەلدارلىرىغا، خۇسۇسەن شىنجاڭ پارتكومىنىڭ سېكرىتارى چېن چۈەنگوغا قاراتمىلىقى بولغان جازا يۈرگۈزۈشكە چاقىردى. 

2020-يىلى 2-ئايدا، USCIRF خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى تېخىمۇ چەكلىيەلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان پاكىت جەدۋىلىنى ئېلان قىلدى.