ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتكە مەكتۇپ يېزىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچلىق ياكى ئەمەسلىكىنى بېكىتىشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ 75 تىن ئارتۇق ئەزاسى 2- ئىيۇل پەيشەنبە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو ۋە مالىيە مىنىستىرى منۇچىنغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇلاردىن ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلغان خىتاي ئەمەلدارلارىغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمتىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچلىق» شەكىللەندۈرىدىغان ياكى شەكىللەندۈرمەيدىغانلىقنى رەسمىي بېكىتىشنى تەلەپ قىلدى.

جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو باشچىلىقىدا نۇرغۇن ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى پومپېئو ۋە منۇچىنغا بىر ئوچۇق خەت يېزىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىغا قارىتا ئىمبارگو يۈرگۈزۈشكە، ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچلىق ياكى ئەمەسلىكىنى بېكىتىشكە چاقىردى.

رۇبىئو مەكتۇپتا، «ئامېرىكا ئۈچۈن ھەرىكەت ۋاقتى كەلدى» دېدى.

ئوچۇق خەتتە مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش مەسىلىسىگە جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك، چۈنكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى، مەدەنىيىتىنى ۋە دىنىي يادىكارلىقلىرىنى قەستەن ۋەيران قىلغانلىقىغا، ئۇيغۇر ئاياللىرىغا زوراۋانلىق قىلىغانلىقىغا ئائىت نۇرغۇن پاكىتلار بار».

پارلامېنت ئەزالىرى يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە بۇ تېمىدا يىغىن ئېچىشقا ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە ئەلچى تەيىنلەشكە چاقىردى.