ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خەلقئارا سوتقا خىتاي ئۈستىدىن ئەرز سۇندى

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى دۈشەنبە كۈنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. 

«نيۇيورك ۋاقت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قاتتىق باستۇرۇشىغا قارىتا، تۇنجى قېتىم خەلقئارا سوتقا ئەرز سۇنۇلۇشى ئىكەن. 

 خەۋەر قىلىنىشىچە، لوندوندىكى بىر ئادۋوكاتلار ئۆمىكى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىگە ۋاكالىتەن خىتاينى ئەرز قىلغان بولۇپ، خىتاينى قانۇنسىز قولغا ئېلىش ۋە چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق، كامبودژا ۋە تاجىكىستاندىكى مىڭلىغان ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئۇرۇنغان دەپ ئەيىبلىگەن. 

ئادۋوكاتلار تاپشۇرغان 80 بەتلىك ھۆججەتتە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا جاۋابكار دەپ قارالغان 30 دىن ئارتۇق خىتاي ئەمەلدارنىڭ ئىسم تىزىملىكى بار بولۇپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭمۇ تىزىملىكتە يەر ئالغان. 

ئىگىلىنىشىچە، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ ۋەزىپىسى ئىرقىي قىرغىنچلىق، ئۇرۇش جىنايىتى ۋە باشقا زوراۋانلىقلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن ھەققانىيەت تەلەپ قىلىش ئىكەن. لېكىن خىتاي بۇ سوتنىڭ ھۆكۈمىنى ئىتىراپ قىلمايدىغان بولغاچقا، بۇ دەۋانىڭ قانچىلىك ئىلگىرلىيەلىشىگە بىر نەرسە دېيىش قىيىن ئىكەن. 

بۇ دىلوغا باشچىلىق قىلغان ئادۋوكات رودنى دىكسوننىىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ دىلونىڭ مۇھىم نۇقتىسى خىتاينىڭ كامبودژا ۋە تاجىكىستاندىكى قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەر بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بېيجىڭغا قارىتا باشقۇرۇش ھوقۇقى مەسىلىسىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدىكەن. چۈنكى كامبودژا ۋە تاجىكىستان ھەر ئىككىلىسى بۇ سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەزاسى ئىكەن. 

2020- يىلى 7- ئىيۇل