خىتاي ئامېرىكىلىق تۆت سىياسىئون ۋە بىر ئورگانغا ئىمبارگو يۈرگۈزگەنلىكىنى ئىلان قىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى سەۋەبلىك چېن چۈەنگو قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئىمبارگو يۈرگۈزگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى 13- ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىغا تەڭ دەرىجىدە ئۆچ ئېلىش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.

خىتاي بۈگۈندىن (2020- يىلى 13- ئىيۇل) باشلاپ ئامېرىكا فېدراتسىيە كېڭەش پالاتا ئەزالىرى تەد كرۇز ۋە ماركو رۇبىئو، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئەلچىسى سام براۋنبەك، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى كرىس سىمىس ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى مەمۇرىي كومىتىتىغا "مۇناسىۋەتلىك ئىمبارگو" يۈرگۈزۈدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئىمبارگو يۈرگۈزگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، "ئامېرىكا تەرەپنىڭ يۇقىرىقى ھەرىكىتى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىق، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىق ۋە خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىكتۇر،" دېدى. ئۇ خىتاي تەرەپنىڭ ئەھۋالنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ئۇ "مۇناسىۋەتلىك ئىمبارگولار"نىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە چۈشەنچە بەرمىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى مەمۇرىي كومىتىتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە مەسئۇل بولۇپ، ھەر يىلى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە يىللىق دوكلات تاپشۇرىدۇ. مەزكۇر كومىتىتنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسلىرى بولغان ماركو رۇبىئو ۋە كرىس سىمىس يېقىندا ماقۇللىنىپ، پرېزىدېنت ترامپ تەرىپىدىن ئىمزا قويۇلغان "ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى"نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە ماقۇللىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.

9- ئىيۇل، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى چېن چۈەنگو قاتارلىق تۆت خىتاي ئەمەلدار ى ۋە بىر ھۆكۈمەت ئورگىنىغا ئىمبارگو يۈرگۈزگەنلىكىنى ئىلان قىلغان ئىدى. ئىمبارگو تەدبىرلىرى مۇناسىۋەتلىك كىشلەرنىڭ ئامېرىكىدىكى مال-مۈلكىنى توڭلىتىش، ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرى بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىشىغا يول قويماسلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.