خىتاينىڭ ئەنئەنىۋىي ئۇيغۇر ئۆيلىرىنى ۋەيران قىلىشى: مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ يەنە بىر قورالى

تىمۇسى گروسنىڭ تەتقىقاتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى «ئۈچنى يېڭىلاش» ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. 

زىمىستان تورى

ماسسىمو ئىنتروۋىگنى

خېلى بۇرۇنلا، مەن بىرازىلىيەلىك جەمئىيەتشۇناس گىلبېرتو فرېيرې (Gilberto Freyre، 1900-1987) دىن ئائىلە بىناكارلىق ئۇسلۇبى ۋە بېزەكنىڭ كىملىكىنى شەكىللەندۈرۈشتىكى ئەھمىيىتىنى ئۆگەنگەن ئىدىم. فرېيرې ماددىي مەدەنىيەت سىنىپ ۋە ئىدىئولوگىيەنىڭ قوشۇمچە ئامىلى دەيدىغان ماركىسىزملىق قاراشنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئەمەلىيەتنىڭ دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ھەر كۈنى قانداق ياشايدىغانلىقىڭىز، تۇرۇۋاتقان ئۆيىڭىز ۋە ئىشلىتىدىغان ئۆي جاھازىلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ كىملىكىڭىزنى ۋە تەپەككۇرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.

گەرچە كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بۇ نەزەرىيەنى ئېتىراپ قىلمىسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇلار شۇنداق قىلدى. شەرقىي ياۋروپادا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇسلۇبىدىكى بىر قىسىم تۇرالغۇ بىنالىرى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە، ئۇلار ئىچىدە ياشايدىغان ئاھالىلەرنى يېڭى سوۋېتلىكلەرگە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن سېلىنغان. بۈگۈنكى كۈندە، گەرچە بۇ تۇرالغۇ بىنالار ئەسلىدىكى ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا قۇرۇلۇش سۈپىتىدە نۇرغۇن ماختىلىشقا ئەرزىيدىغان جايلار بار.

ئامېرىكانىڭ ئىندىئانا شىتاتىدىكى روس خولمان تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ خىتاي تەتقىقاتچىسى پروفېسسور تىموسى گروس تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقات  ئوخشاش لوگىكىنىڭ بۈگۈن شىنجاڭ(شەقىي تۈركىستان-ت)دا رولىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. گروس «ئىرق ۋە ئىتنىك تەتقىقاتى» ناملىق ئىلمىي ژورنالدا ئىلان قىلغان ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ (تىلدىن دىنىي ئېتىقادقىچە) بارلىق مەدەنىيەت ئىپادىلەش شەكىللىرىنى يىلتىزىدىن قۇمۇرۇشتەك ئارقا كۆرۈنۈشىنى بايان قىلىپ بەرگەن. مىليونلىغان ئۇيغۇرلار قورقۇنچلۇق تەربىيلەپ ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بىر پەيتتە، بىر مىليوندىن ئارتۇق خىتاي «تۇغقانلىرى» ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە ئۇلارنى نازارەت قىلىش ۋە  «قايتا تەربىيلەش»كە ئەۋەتىلگەن. 

رۇشەن ئابباس يېقىندا «زىمىستان» تورىنىڭ ئوقۇرمەنلىرىگە ئېيتقىنىدەك، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆيىدە تۇرىدىغان خىتاي ئەر «تۇغقانلار» ئادەتتە ئەرلىرى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان يەرلىك ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن بىللە تۇرىدۇ. شۇنداق بولۇپلا قالماي، كومپارتىيە ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان. 

 گروسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي تۇرالغۇلىرىغا پىلانلىق بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا كۆڭۈل بۆلگەن. بۇ ئۆيلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى سۇپا بولۇپ، سۇپا يەردىن 40-50 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتە لاي ياكى ياغاچتىن ياسىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مېھمانلىرى سۇپادا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە غىزالىنىدۇ ۋە ئىسىم قويۇش، خەتنە قىلىش ۋە توي قاتارلىق دىنىي مۇراسىملارنى ئۆتكۈزىدۇ. گروسنىڭ قارىشىچە، بۇ «دىن بىلەن دۇنيانى بىرلەشتۈرگەن». ئۇيغۇرلار قىممەتلىك ئەدىيال ۋە گىلەملەرنى سۇپىغا سالىدۇ، ئۇلار يەنە سۇپا ئەتراپىغا ئېسىلىدۇ. بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە مىھراب بار بولۇپ، مەككەنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگە قىلىش، دىنىي بۇيۇملارنى، قۇرئاننىڭ ئوخشىمىغان نۇسخىلىرى ۋە كارىۋات بويۇملىرىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بەزى سۇپىلارنىڭ كاڭغا ئوخشاش كاۋاكلىرى بولۇپ، ئىسسىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ ئۈستىدە ئۇخلايدۇ.

ئۇيغۇر ئۆينىڭ ئىچكى بىناكارلىق ئۇسلۇبى سۇپادا ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، ئائىلە تۇرمۇشىمۇ بۇ يەرگە مەركەزلەشكەن، بۇ غەرب ئائىلىلىرىدىكى تۇرالغۇ ئۆي ۋە ياتاق ئۆينى ئېنىق پەرقلەندۈرۈش ئۇقۇمىغا ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭغا ماس ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى شۇ يەردىكى مەسچىتلەرنىڭ ئەتراپىغا سېلىنغان بولىدۇ، بۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يادروسى بولغان قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىش سەۋەبى.