ئاۋىستىرالىيە پارلامېنت ئەزاسى 100 نەپەر خىتاي دىپلوماتىيە خىزمەتچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى

ئاۋىستىرالىيە باشلامچىلىق بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن خىتاينىڭ يېڭى تىپلىق كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغاندىن بۇيان، خىتاي-ئاۋىستىرالىيە مۇناسىۋىتى ئىزچىل ناچارلاشتى. ئاۋىستىرالىيە ئاممىۋى تاراتقۇلىرى ئاۋىستىرالىيە ئالاھىدە رادىئو شىركىتى ۋە ئاۋىستىرالىيە بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، كېڭەش پالاتاسىدىكى بىتەرەپ پارلامېنت ئەزاسى ھۆكۈمەتنى خىتاينىڭ ئاۋىستىرالىيەدىكى 100 دىپلوماتىيە خادىمىنى قوغلاپ چىقىرىشقا چاقىرغان.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن :رېكىس پاترىك (Rex Patrick) ئاۋىستىرالىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەسىرى زور ئەزالىرىدىن بىرى، ئۇ چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئاۋىستىرالىيە ھۆكۈمىتىنى «چىشنى چىشلەپ، بالدۇر قوللىنىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا» چاقىردى. باياناتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئاۋىستىرالىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 148 نەپەر بولۇپ، بۇ ئامېرىكا ۋە  ئەنگىلىيەنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى دىپلوماتىيە خادىملىرىدىن كۆپ.

خىتاينىڭ ئاۋىستىرالىيەدىكى دىپلوماتىيە ۋە كونسۇل ئورگانلىرىنى جىمجىت كېڭەيتىشىگە رۇخسەت قىلىندى، بۇ ئەھۋال ھەقىقەتەن كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. كېڭەش پالاتا ئەزاسى پاترىك مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن 20 يىلدا، خىتاينىڭ ئاۋىستىرالىيەدىكى ئاخبارات پائالىيەتلىرى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيدى. شۈبھىسىزكى، ئاۋىستىرالىيەدىكى خىتاي خادىملىرىنىڭ جاسۇسلۇق ياكى سىياسىغا ئارىلىشىش بىلەن شۇغۇللىنىشىدا شەك يوق. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئاۋسترالىيە چوقۇم خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قايتىدىن ئورنىتىپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم پوزىتسىيە تۇتۇشى كېرەك.

ئۇنىڭ قارىشىچە، بېيجىڭ دائىم ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەت ئەزالىرى ۋە دىپلوماتلىرىغا قارشى تۇرىدىكەن. ئاۋىستىرالىيە باشلامچىلىق بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن خىتايدىكى ۋۇخەن ۋىۇرسى يۇقۇمىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغاندىن بۇيان، خىتاي-ئاۋىستىرالىيە مۇناسىۋىتى ئىزچىل ناچارلاشتى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋىستىرالىيەدىن ئېكسپورت قىلىنغان كالا گۆشى ۋە ئارپىغا تاموژنا بېجىنى يولغا قويدى ھەمدە ئوقۇغۇچىلار ۋە ساياھەتچىلەرنى ئاۋىستىرالىيەگە بېرىشتىن ساقلىنىشقا چاقىردى، بۇ كانبېررادا نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئاۋىستىرالىيەنىڭ خوڭكوڭ ئاھالىلىرىگە پاناھلىق بېرىشى بېيجىڭنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغىدى.