ئەنگىلىيە يەھۇدىيلار ۋەكىللەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى خىتاي باش ئەلچىسىگە خەت يېزىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان مۇئامىلىسى بىلەن ناتسىستلارنىڭ ۋەھشىيلىكى ئوتتۇرىسىدىكى «ئوخشاشلىق» نى تىلغا ئالدى

ئەنگىلىيە يەھۇدىيلار ۋەكىللەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى مارى ۋان دېر زىل بۈگۈن خىتاينىڭ ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە مەكتۇپ يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر خەلقى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان ھەر خىل ئېتنىك ۋە دىنىي زۇلۇمنى توختىتىشقا چاقىردى.

مارى خېتىدە مۇنداق دەپ يازدى: «BBC دىكى ئاندرېۋ مارنىڭ پروگراممىسىنىڭ تۈنۈگۈن سىز چىققان سانىدا ھېچكىم بۈگۈن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە يۈز بېرىۋاتىدۇ دېيىلگەن ئىشلار بىلەن 75 يىل ئىلگىرى ناتسىست گېرمانىيەسىدە يۈز بەرگەن ئىشلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقنى ھېس قىلالمىدى: كىشىلەر پويىزغا مەجبۇرى بېسىلغان، دىنىي زاتلارنىڭ ساقاللىرى چۈشۈرۈلگەن، ئاياللار تۇغماس قىلىۋېتىلگەن؛ جازا لاگېرلىرىنىڭ ۋەھشىي كۆرۈنۈشلىرى.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «باش ئەلچى ئەپەندى، بىز بۈگۈن خىتاينى ئۇيغۇر خەلقى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تۈرلۈك مىللىي ۋە دىنىي زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇشقا؛ لاگېرلارنىڭ ئىشىكى ئوچۇق ۋە تەرەپسىز خەلقئارالىق تەكشۈرۈشكە ئېچىشقا؛ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى سادىر قىلغۇچىلارغا قارىتا تەدبىر قوللىنىشقا؛ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئادىللىق قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىمىز. بۇنى دەرھال باشلاش كېرەك.

دۇنيا كۆزىتىۋاتىدۇ. تارىخنىڭ قولى تەييار. كەلگۈسى ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئۇلۇغ شان-شەرەپ بىلەن مەڭگۈلۈك نومۇس ئارىسىدا تاللىشى بار. ئالدىنقىسىنى تاللىسۇن».

2020- يىلى 20- ئىيۇل