نيۇيورك ۋاقت گېزىتى:  خىتاي ماسكا ئىشلەپچىقىرىشتا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا

خىتاي كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك دۇنيا مىقياسىدا ماسكا قاتارلىق قوغدىغۇچى تىببىي بۇيۇملارغا بولغان ئىھتىياج ئېشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتايدا تىببىي مەھسۇلاتلارنى دۆلەت ئىچى سىرتىغا ئېكسپورت قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدىكى بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ ماسكا ئىشلەپچىقىرىشتا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى ئورنىدا ئىشلەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

«نيۇيورك ۋاقت گېزىتى» بىر تەكشۈرۈشتە، بىر قىسىم خىتاي كارخانىلىرىنىڭ بىر تۈرلۈك تالاش-تارتىشلىق ھۆكۈمەت مەبلەغ تۈرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقىنى بايقىغان. مۇتەخەسىسلەر، بۇ ياردەم تۈرىنىڭ دائىم كىشىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

خىتاي دۆلەتلىك دورا نازارەت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، كورونا ۋىرۇس يۇقۇمىدىن بۇرۇن شەرقىي تۈركسىتاندا پەقەت تۆت شىركەت تىببىي قوغدىغۇچى ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، 30- ئىيۇندا بۇ سان 51 گە يەتكەن. دۆلەت مەتبۇئات خەۋەرلىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان نيۇيورك ۋاقت گېزىتى بۇ شىركەتلەردىن ئاز دېگەندە 17 سىنىڭ ئەمگەك كۈچى يۆتكەش تۈرىگە قاتناشقانلىقى ئېنىقلانغان.

بۇ شىركەتلەر ئاساسلىقى دۆلەت ئىچى بازىرىغا مەھسۇلات تەمىنلەيدىغان بولۇپ، نيۇيورك ۋاقت گېزىتى شەرقىي تۈركىستان سىرتىدىكى ئۇيغۇر ئەمگەكچىلەرنى ئىشلىتىدىغان بىر نەچچە شىركەتنىڭ چەتئەلگىمۇ ئېكسپورت قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇلاردىن، نيۇيورك ۋاقت گېزىتى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن خۇبېي ئۆلكىسىدىكى بىر شىركەت ئامېرىكىنىڭ گېئورگىيە شىتاتىدىكى بىر تىببىي بويۇملار شىركىتىگە ماسكا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ بۇ زاۋۇتقان تەقسىملەنگەنلىكى بايقالغان.

ئىگىلىنىشچىە، ئىشچىلار خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە مەجۇرلىنىدىكەن ھەمدە ھەپتىلىك بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدا خىتايغا سادىق بولۇش قەسىمى ئىچىدىكەن. 

بۇ پىلان نامراتلىقنى يۆلەش تۈرى شەكلىدە ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا كەڭ تەشۋىق قىلىنغان. كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى توپلىغان ئوننەچچە سىن ۋە ئاممىۋى تاراتقۇ ئۇچۇرلىرىدا، يېقىندىن بۇيانقى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ئەھۋالى خاتىرىلەنگەن. 

ئىستراتېگىيىلىك ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسىنىڭ مۇدىرى ئامىي ك.لېخ نيۇيورك ۋاقت گېزىتىگە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خىل مەجبۇرىي تەقسىملەش كىشىلەرنى ئۆزلىرى بېرىشنى خالىمايدىغان زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە ئەۋەتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن، بۇنى مەجبۇرىي ئەمگەك دەپ قاراشقا بولىدۇ.»

2020- يىلى 21- ئىيۇل