ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان 11 خىتاي شىركىتىنى ئىمبارگو تىزىملىكىگە كىردۈزدى

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روس شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارشى قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقلىرىغا چېتىشلىق 11 خىتاي شىركىتىنى ئىمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئىلان قىلدى.

مىنىستىر روس: «بۈگۈن بىز چىقارغان قارارىمىز ئارقىلىق ئامېرىكا ماللىرى ۋە تېخنىكىسىنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ قوغدىنىش ئىقتىدارى بولمىغان مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنى باستۇرۇشىدا ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق،» دېدى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى روس بۇ ھەقتە ئىلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى توپلاش قاتارلىقلاردا قولى بار بولغان خىتاي شىركەتلىرىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن 11 خىتاي شىركىتى: سانجى ئېسكېل توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى، خېفېي باۋلوڭدا ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، خېفېي مېيلىڭ چەكلىك شىركىتى، خوتەن خاۋلىن چاچ قوشۇمچە زاپچاسلىرى چەكلىك شىركىتى، خوتەن تەيدا كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى، جىنچۇاڭ پاي كونترول گۇرۇھى، نەنجىڭ شىنيې پاختا توقۇمىچىلىق بېسىش ۋە بوياش چەكلىك شىركىتى، نەنچاڭ ئوفېيگۇاڭ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، تەن يۈەن تېخنىكىسى، شىنجاڭ يىپەك يولى خۇادا گېن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، بېيجىڭ ليۇخې خۇادا گېن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئۆتكەن يىلى 10- ئايدا ۋە بۇ يىل 22- ماي، ئۇيغۇرلانىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا چېتىشلىق خىتاي شىركەت ۋە ئورگانلىرىنى ئىمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ ئۈچىنچى تۈركۈمدە خىتاي شىركەتلىرىنى ئىمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشى.