ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەدىن كېيىن فرانسىيە ئۇيغۇر قىرغىنچلىقىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتتى

فرانسىيەدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچلىقى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى؛ 30 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى پرېزىدېنت ۋە ھۆكۈمەتتىن خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى؛ فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينى لاگىرلارنى تاقاشقا ۋە خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشقا چاقىردى. 

فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتايدىن لاگىرلارنى تاقاشنى ۋە خەلقئارالىق تەكشۈرگۈچىلەرنى شەرقىي تۈركىستانغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى

فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 21- ئىيۇل خىتايدىن يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنى تاقاشنى ۋە خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنى شەرقىي تۈركىستانغا كىرگۈزۈشنى رەسمىي تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى. 

ئىگىلىنىشىچە، بۈگۈن فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دۆلەت مەجلىسىدە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەن. بىر پارلامېنت ئەزاسى فرانسىيەنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى سورىغان. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې درىئان سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، خىتايدىن جازا لاگېرلىرىنى تاقاشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلغان ۋە خىتاينى خەلقئارا مۇستەقىل كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ شىنجاڭغا (شەرقىي تۈركىستان-ت) كىرىپ تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشىقا چاقىرغان. 

يېڭى سول قانات سىياسىي گۇرۇھنىڭ (ئېكولوگىيە ، دېموكراتىيە ۋە ئىتتىپاقلىق) (EDS) باياناتچىسى،  پارلامېنت ئەزاسى خۇبېرت لافېررىئېر(Hubert Laferrière) تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن مۇنداق سورىغان: «بىز داۋاملىق خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى كۆرمەسكە سالامدۇق؟… سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە شېرىك بولدۇق».

لافېررىئې بۈگۈن ئەتىگەندە «ئازادلىق» (La Libération» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىنى نەقىل كەلتۈرگەن. ماقالىدە ياۋروپادا سۈرگۈندە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى «قايتا تەربىيىلەش لاگېرى» دا قولغا ئېلىنغان ۋە تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ خىتاينىڭ پىلانلىق ئىرقىي قىرغىنچلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژان يىۋېس لې درىئان (Jean-Yves Le Drian) سوئالغا جاۋابەن ئالدى بىلەن فرانسىيەنىڭ شىنجاڭدىكى «جازا لاگېرلىرى، كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇش، غايىب قىلىۋېتىش، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى، بولۇپمۇ دىنىي ئورۇنلارنى ۋەيران قىلىش، كىشىلەرنى نازارەت قىلىش ۋە بۇ رايوندىكى زۇلۇم سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا» كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. 

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «فرانسىيە ئىلگىرى رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنداقلا بۇ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشنى رەسمىي ۋە ئېنىق تەلەپ قىلدى. بۇ قىلمىشلارنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، بىز بۇ قىلمىشلارنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز».

ئۇنىڭ سۆزى تېخى ئاخىرلاشتىن، لې درىئاننىڭ سۆزى يىغىنغا قاتناشقان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. 

30 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى خىتاينى جازالاشنى تەلەپ قىلدى

30 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى فرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرونغا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ئۈچۈن خىتاينىڭ خەلقئارا سوتتا سوتلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىردى. 

«ئۇيغۇر قىرغىنچلىقى داۋاملاشماقتا»

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، فرانسىيەدىكى تراژى ئەڭ كۆپ گېزىتلەردىن «ئازادلىق گېزىتى»دە، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋاملاشماقتا» دېگەن ماۋزۇدا ماقالە ئىلان قىلىندى. 

ماقالىدە فرانسىيەدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن زىيارەت خاتىرىسى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىلىشى، يىغىۋېلىش لاگىرلىرىدىكى ۋەھشىيلىكلەر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىقلار ئاساس قىلىنغان ھالدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى يۇرۇتۇپ بېرىلگەن. 

2020- يىلى 21- ئىيۇل

مەنبەلەر: 

https://udn.com/news/story/6809/4720236 

https://tr.euronews.com/2020/07/21/frans-z-milletvekilleri-cin-in-uygur-turklerine-yonelik-bask-lar-ndan-dolay-yarg-lanmas-n 

https://www.lci.fr/international/persecution-des-ouighours-au-xinjiang-il-suffit-de-pratiquer-sa-culture-pour-etre-envoye-dans-ces-camps-2159855.html

https://www.arabnews.com/node/1708046/world