ئامېرىكا خىتايدىن ئۈچ كۈن ئىچىدە خيۇستوندىكى كونسۇلخانىسىنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىن تېكساس شىتاتىنىڭ خيۇستون شەھىرىگە جايلاشقان باش كونسۇلخانىسىنى ئۈچ كۈن ئىچىدە تاقاشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي «يەرشارى ۋاقت گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى خۇ شىجىن 22- ئىيۇل تۋىتتېردا، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىن خيۇستوندىكى باش ئەلچىخانىسىنى تاقاشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ۋە ئۈچ كۈن مۆھلەت بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. 

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 22- ئىيۇل مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا بۇ ئۇچۇرنى دەلىللىدى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ يەككە تەرەپلىك قارار چىقارغانلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە «تەڭ دەرىجىدە» ئىنكاس قايتۇرۇدىغانلىقىنى ئېيتتى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن، ئامېرىكىنىڭ تويۇقسىز خيۇستوندىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنى تاقاشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتىنى «سىياسىي ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ ئاتىدى. ئۇ خىتاي تەرەپنىڭ بۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى ھەمدە ئامېرىكا تەرەپنى مۇناسىۋەتلىك قارارنى دەرھال قايتۇرۇۋېلىشقا چاقىردى ۋە «ئۇنداق بولمىغاندا ، خىتاي چوقۇم مۇۋاپىق ۋە زۆرۈر جاۋاب قايتۇرىدۇ» دېدى. 

ئۇنىۋېرسال خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 21- ئىيۇل كەچتە، خىتاينىڭ خيۇستوندىكى باش كونسۇلخانىسىدىن ئىس-تۈتەك كۆرۈرۈلگەن. ئەتراپتىكى كىشىلەر ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىگە مەلۇم قىلغان، لېكىن ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن كونسۇلخانىغا كىرگۈزۈلمىگەن. يەرلىك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەتراپتىكى كىشىلەر يۇقىرىدىن تارتىۋالغان سىن ۋە رەسىملەردە، كونسۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا نۇرغۇن كىشىنىڭ ماي تۇڭىغا ئوت يېقىپ ھۆججەت كۆيدۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان. 

ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى كونسۇلخانىغا كىرەلمىگەندىن كېيىن، كىشىلەر ساقچىغا مەلۇم قىلغان. 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس ئامېرىكىنىڭ خىتايغا كونسۇلخانىسىنى تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈرگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئۇ كونسۇلخانىنىڭ «ئامېرىكىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى قوغداش ئۈچۈن» تاقاشقا بۇيرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئورتاگۇس يەنە «ۋيېنا ئەھدىنامىسى» نى تىلغا ئالدى. ئۇ ئەھدىنامىگە ئاساسەن، دىپلوماتلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

پەرەز قىلىنىشىچە، خىتاي تەرەپ كونسۇلخانىنى تاقاش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن مۇھىم ھۆججەتلەرنى كۆيدۈرگەن. 

سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى ئىككى خىتاي پۇقراسى ھەققىدە ئەيىبنامە ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن چەتئەلدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلايدىغان ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ خاككېرلىرى دەپ ئەيىبلىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، خيۇستوندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئامېرىكا بىلەن خىتاي 1979- يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن قۇرۇلغان تۇنجى كونسۇلخانا بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى تېكساس ۋە كالىفورنىيە قاتارلىق سەككىز شىتاتقا مۇلازىمەت قىلىدىكەن. 

2020- يىلى 22- ئىيۇل