دۇنياۋى ماركىلار ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ماتېرىياللارنى ئىشلەتمەسلىككە چاقىرىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان 11 خىتاي شىركىتىنى سودا ئىمبارگوسى يۈرگۈزۈلىدىغان ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن، دۇنيادىكى 190 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك تەشكىلاتلىرى دۇنياۋى سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى قوزغاپ، بارلىق كىيىم-كېچەك ماركىلىرى ۋە پارچە ساتقۇچىلارنى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا چېتىشلىق ماتېرىياللارنى ئىشلىتىشتىن توختاشقا ھەمدە شەرقىي تۈركىستاندا پائالىيەت قىلىدىغان خىتاي تەمىنلىگۈچى كارخانىلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈشكە چاقىردى. 

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 190 دىن ئارتۇق ئەمگەك ھوقۇقى تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى 23-ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى «ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئىتتىپاقى» ناملىق خەلقئارالىق ئىتتىپاقنى قانات يايدۇرۇپ، بارلىق كىيىم-كېچەك ماركىلىرى ۋە پارچە ساتقۇچىلارنى شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان-ت)دىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق خام ماتېرىيال ئىشلىتىشنى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشتىكى «شېرىكلىرى» بولۇشنى توختىتىشقا چاقىردى. 

«ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئىتتىپاقى»نىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، يەر شارى كىيىم-كېچەك ماركىلىرى ھەر يىلى شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن مىليونلىغان توننا پاختا ۋە يىپ ئىشلىتىدىكەن، دۇنيادىكى ھەر بەش پاختا كىيىم-كېچەكنىڭ بىرىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان خام ماتېرىيال بار ئىكەن. 

ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدا، دۇنيادىكى نۇرغۇن تاراتقۇلار ۋە ئاقىللار ئامبىرى شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قايتا تەربىيىلەش لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلارنى شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتايدىكى زاۋۇتلارغا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئۈچۈن يۆتكىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئاۋىستىرالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنىمۇ بۇ يىل مارتتا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خىتاي سىستېمىلىق ھالدا خىتاينىڭ 9 ئۆلكىسىدىكى زاۋۇتلارغا كەم دېگەندە 80،000 ئۇيغۇرنى يۆتكىدى. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، كەم دېگەندە 27 زاۋۇت «مەجبۇرىي ئەمگەك» پروگراممىسىغا قاتناشقان.

دوكلاتتا يەنە ئاز دېگەندە 83 خەلقئارالىق شىركەتنىڭ بۇ 27 زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلغان خام ئەشيانى تەمىنلەش زەنجىرىدە ئىشلىتىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نايك، ئادىداس، زارا ۋە Gap قاتارلىق كىيىم-كېچەك ماركىلىرى بار.

ئۇندىن باشقا، خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۇ يىل مايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي دۆلەت كېڭىشىنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» ئىستراتېگىيىسىگە ئاساسەن، بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نامرات ئائىلىلەرگە «تەشكىللىك ئىشقا ئورۇنلىشىش» نى يولغا قويغانلىقى، بۇ تۈرگە جەمئىي 292 مىڭ ئادەم قاتناشقانلىقى دەلىللەنگەن.

2020- يىلى 23- ئىيۇل