پومپيونىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان نۇتقى

 ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو 23- ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى كالىفورنىيەدە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ «كوممۇنىست خىتاي ۋە ئەركىن دۇنيانىڭ كەلگۈسى» ھەققىدىكى بۇ تارىخىي نۇتقىنى ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى نىكسون خاتىرە مۇزېيىدا  سۆزلىدى. بۇ نۇتۇق ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا ۋە ئامېرىكا جەمئىيىتىنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قايتىدىن باھالاشقا چاقىرغان مۇھىم پائالىيىتى دەپ قارالدى.

نېمە ئۈچۈن نېكسون خاتىرە سارىيى تاللاندى؟

پومپېيونىڭ بۇ قېتىم نوتۇق سۆزلەشكە نىكسون خاتىرە سارىيىنى تاللىشى تاساددىپىيلىق ئەمەس. ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى نىكسون ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك تىركىشىش ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەرگە خاتىمە بەرگەن ئەڭ مۇھىم شەخس. نىكسوننىڭ 1972- يىلىدىكى خىتاي زىيارىتى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا يېڭى بىر سەھىپە ئاچتى. نىكسون 1979-يىلى ئامېرىكا بىلەن خىتاي كوممۇنست ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئومۇميۈزلۈك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ۋەزىيىتىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 30 يىلدا خىتاينىڭ دۆلەت كۈچى تېز ئاشتى. پومپېيو ۋە ترامپ ھۆكۈمىتى سابىق پرېزىدېنت نىكسوننى خاتىرىلەيدىغان مۇزېيدا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش»نىڭ پەردىسىنى ئاچتى، بۇ بىر تارىخىي بۇرۇلۇش بولۇپ قالغۇسى.

_107081018_cc8d2de4-8f53-4d0f-81cd-1fc92eb464f1

پومپېيو سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېنرى كىسسىنگېرنىڭ خىتايغا بولغان مەخپىي زىيارىتىگە كېلەر يىلى 50 يىلغا بولىدىغانلىقىنى، كېيىنكى يىلى بولسا ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى رىچارد نىكسوننىڭ زىيارىتىنىڭ 50 يىللىقى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ نىكسوننىڭ ئەينى ۋاقتتا دۇنياغا ۋاكالىتە خىتاي بىلەن ئالاقە قىلىشىنىڭ «فرانكېنستېين» پەيدا قىلىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى، ئۇ نىكسوننىڭ ئەندىشىسى خىتاينىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىنى ئالدىن مۆلچەرلىگەن دېدى.

پومپېئو نېمىلەرنى دېدى؟

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو كالىفورنىيەدىكى رىچارد نىكسون پرېزىدېنت كۇتۇپخانىسى ۋە مۇزېيىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭنى «يىمىرىلگەن مۇستەبىت ئىدىيىسىنىڭ مەستانىسى» دەپ تەسۋىرلىدى.

مايك پومپېيو مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيىسى ھەر قانداق چەتئەل دۈشمىنىگە قارىغاندا خىتاي خەلقىنىڭ سەمىمىي ئىدىيىسىدىن بەكرەك قورقىدۇ. ئامېرىكا خىتاي خەلقى بىلەن ھەمكارلىشىشى ۋە ئۇلارنى كۈچەيتىشى كېرەك».

پومپېيو خىتاي مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن بىر نۇقتىدا تۇرىدىغان دۆلەتلەر ھەققىدە: «بىزدۇنيادىكى ئەركىن دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن چوقۇم خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھەرىكەت ئۇسۇلىغا قارىتا تېخىمۇ ئىجادىي ۋە ئۇلۇغۋار يوللار تېپىشىمىز كېرەك. بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتى خەلقىمىز ۋە بەخت-سائادىتىمىزگە تەھدىد سېلىۋاتىدۇ» دېدى.

پومپېيوخىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەڭ ياخشى مىسال خۇاۋېي. بىز خۇاۋېينى بىر تېلېگراف شىركىتى دەپ قاراشنى توختاتتۇق، ھازىر بىز ئۇنى دۆلەت بىخەتەرلىك تەھدىتى دەپ قارايمىز ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىمىز».

پومپېيو خىتايغا قارشى تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا باشلىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «دەل مۇشۇ ھەپتە، بىز خىيۇستوندىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسىنى تاقىدۇق، چۈنكى ئۇ جاسۇسلۇق ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئوغرىلاش مەركىزى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن».

پومپېيو يەنە خىتاي خەلقىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا چاقىردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نازارەت قىلىنغان، ئېزىلىۋاتقان ۋە قورقۇتۇلغان 1 مىليارد 400 مىليون خىتاي خەلقىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن سۆز قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ ۋېيتنام، ئاۋىستىرالىيە ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى باشقا دۆلەتلەرنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زومىگەرلىكىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يېڭى دېموكراتىك ئىتتىپاق تۈزۈشكە تەكلىپ قىلدى.