بىلگىيە ۋە فرانسىيەدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بىلگىيەنىڭ پايتەختى بريۇسسېلدا يۈزلىگەن كىشى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى باستۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

«ئانادولۇ ئاگېنتلىقى»نىڭ 26- ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، بريۇسسېلدىكى مەركىزىي ۋوگزالنىڭ ئالدىغا يىغىلغان بىلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قاراتقان باستۇرۇش، زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقلىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ نامايىش ئۈرۈمچى قىرغىنچلىقىنىڭ 11 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن. 

نامايىشقا قاتناشقان 300 دەك كىشى «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات» ۋە «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى تاقالسۇن» دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان پلاكاتلارنى، شۇنداقلا لاگىرغا قامالغان ياكى غايىب بولغان ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈۋالغان ئىدى. ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا چېتىشلىق دۇنياۋى ماركىلارنىڭ لوگولىرى چۈشۈرۈلگەن بىر لوزۇنكا ئالاھىدە دىققەت تارتىپ تۇراتتى. 

خۋەردە ئېيتىلىشىچە، نامايىشتا ئىنگىلىزچە، فرانسۇزچە ۋە داچچە بايانات ئىلان قىلىندى ۋە گۇۋاھلىق بېرىلدى. تەخمىنەن 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنىڭ خىتاي تەرىپىدىن يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا قامالغانلىقى، خىتاينىڭ بۇلسا بۇ لاگىرلارنى دۇنيادىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانىقى ۋە تىلغا ئېلىندى ھەمدە بۇنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

بىلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تارقاتقان سىن ۋە رەسىملەرىدن قارىغاندا، نامايىشقا ئۇيغۇر ۋە تۈركلەردىن باشقا، ھەر خىل مىللەتلەردىن بولغان نۇرغۇن كىشى قاتناشقان. 

116253022_891081348045059_1801409767550709248_n

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، فرانسىيە پايتەختى پارىژدا شەنبە كۈنى خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. فرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەشكىللىگەن نامايشىقا يۈزلىگەن كىشى قاتناشتى. نامايىش فرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى. 

2020- يىلى 27- ئىيۇل