«خىتاي، ئائىلەم نەدە؟»  - ئىستانبۇلدا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

خىتاي تەرىپىدىن تۈرمە ۋە يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا قامالغان ياكى غايىب قىلىۋېتىلگەن ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە يېقىنلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرگەن ئونلىغان ئۇيغۇر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشلىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

27- ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىستانبۇل بەيازىت مەيدانىغا جەم بولغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا، جۈملىدىن يىغىۋېلىش لاگىرلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چوڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى بەيازىت مەيدانىغا يىغىلغان ئۇيغۇر ياشلار تۇتقۇن قىلىنغان، كېسىلگەن ياكى يىللاردىن بۇيان ئالاقىلىشالمىغان ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يېقىنلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، رەسىملەرنىڭ ئاستىغا ئىنگىلىزچە، تۈركچە، خىتايچە ۋە ئەرەبچە «ئائىلەم نەدە؟»، «خىتاي، بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىزنى قويۇۋەت!» دېگەن مەزمۇنلاردىكى شوئارلار يېزىلغان ئىدى. ياشلارنىڭ بەزىلىرى خىتاينىڭ تۈرمە ۋە لاگىرلىرىدا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خورلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت تارتىش ۋە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن مەھبۇس كىيىمى كىيىپ، قول-پۇتلىرىنى زەنجىر بىلەن باغلىۋالغان.

نامايىشقا بىر قىسىم تۈرك كارخانىچى ۋە پائالىيەتچىلەرمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، پائالىيەتتە ئىلان قىلىنغان باياناتتا، خىتاينىڭ 2017- يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، كەڭ كۆلەمدە يىغىۋېلىش لاگىرىلىرى قۇرغانلىقى، بۇ لاگىرلاردا دىنىي ئالىم، پروفېسسور، سەنئەتكار ۋە سودىگەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىليونلىغان كىشىنىڭ «كەسپىي تەربىيلەش» نامىدا تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ پارچىلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ زۇلۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنى قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىندى، شۇنداقلا تۈركىيە ھۆكۈمىتىگىمۇ چاقىرىق قىلىندى.

نامايىش جەريانىدا يەنە، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى لاگىر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان ياكى ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشالمىغان ئۇيغۇرلار ئىنگىلىزچە، تۈركچە ۋە ئەرەبچە تىللاردا ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

يىغىۋېلىش لاگىرىدىكى جىسمانىي ۋە روھىي خورلاش ۋە قىيىن-قىستاقلار، جۈملىدىن تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى ۋە ئاياللارنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىلىشى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

پائالىيەت تۈركىيە ۋە تۈرك تىلىدىكى تاراتقۇلارنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتتى. نامايىش «ئانادولۇ ئاگېنتلىقى»، «ياۋروپا خەۋەرلىرى» قاتارلىق ئاساسلىق خەۋەر تورلىرىدا خەۋەر قىلىندى. 

1317269-beyazit-ta-uygur-turkleri-eylem-yapti-5f1ed47505ec0

Ed9iffpXYAIT6kv

thumbs_b_c_4cdc21a6668daf1fdd8f5242358ef8af