فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىل خەلقئارالىق ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىلىشى كېرەك

فرانسىيە مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى.

فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژان يىۋېس لې دران سەيشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە قىلغان سۆزىدە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ قارىمىقىدا تەشكىللەشكە چاقىردى.

لې درىئان سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاندا «خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق شەرتنامىسىگە كىرگۈزۈلگەن ئۇنىۋېرسال پرىنسىپلارغا زىت ئادالەتسىز قىلمىشلار بار» دېدى.

فرانسىيە مىنىستىرى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلار ھەققىدە توختالغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى، كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇلۇشى، مەجبۇرىي ئەمگەك سېلىنىشى ۋە ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ تۇغماس قىلىۋېتىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ۋە نازارەت سىستېمىسى قاتارلىقلارنى تىلغا ئالدى.

لې درىئان ئالدىنقى ھەپتە دۆلەت مەجلىسىدە قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگىرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن ئىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، بېيجىڭ لې درىئاننىڭ بايانلىرىنى رەت قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىقنى باستۇرۇش نىشانى قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى.

فرانسىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى سۆزىدە خىتاينىڭ ئىنكاسىغا قارىتا، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىچېل باچېلېتنىڭ رەھبەرلىكىدە مۇستەقىل خەلقئارالىق ۋەكىللەر ئۆمىكى قۇرۇپ، رايوننىڭ ۋەزىيىتىگە شاھىت بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. لې درىئان مۇنداق دېدى: «خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇنى قوبۇل قىلمىغاچقا، ئۇ يەرگە بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈش كېرەك».

مەنبە: ياۋروپا خەۋەرلىرى تورى

2020- يىلى 28- ئىيۇل