ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەربىي ئورگان «بىڭتۈەن» ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنى ئىمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە رولى بار دەپ قارالغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئورگىنى ۋە سابىق ئىككى ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنى ئىمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق تاشقى مۈلۈكنى كونترول قىلىش ئىشخانىسىنىڭ يازما باياناتىغا قارىغاندا، جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئورۇن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش ئەترىتى يەنى بىڭتۈەن. جازا تىزىملىكىدە ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىككى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بۇ ئورۇننىڭ بېشىدىكى پېڭ جيارۈي ۋە ئۇنىڭ سابىق رەھبەرلىرىدىن بىرى سۈن جىنلوڭ. پېڭ جيارۈي بىڭتۈەن پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى ۋە سىياسىي كومىسسارى؛ سۈن جىنلۇڭ بولسا بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ سابىق سېكرىتارى. 

باياناتتا، جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئورگان ۋە شەخسلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ، كوللېكتىپ خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە ئېغىر جىسمانى جەھەتتىن خورلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ جازا مەزكۇر ئورۇن ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئامېرىكىدىكى بارلىق مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەمدە ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۇلار بىلەن سودا قىلىشىنى چەكلەيدۇ.

باياناتتا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش ئەترىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە قاراشلىق يېرىم ھەربىي تەشكىلات دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن. بۇ تەشكىلات رايوننى كونترول قىلىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا بەلگىلىگەن تەسەۋۋۇرىنى يولغا قويۇشقا مەسئۇل.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى يەنە ئىجازەتنامە تارقىتىپ، 30-سېنتەبىردىن بۇرۇن ئىمبارگو يۈرگۈزۈلگەن بىڭتۈەن قارمىقىدىكى تارماق شىركەتكە ئالاقىدار سودا ۋە پائالىيەتلەرنى توختىتىش ۋە چېكىندۈرۈشكە رۇخسەت قىلدى.

ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى، ئامېرىكا خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي سىياسىي بيۇرونسىنىڭ ئەزاسى چېن چۈەنگەو قاتارلىق تۆت خىتاي ئەمەلدارىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ھەربىي قۇرۇلمىسى بار بولغان بىڭتۈەننىڭ ئون نەچچە پولكتىن تەركىب تاپقان 14 دىۋىزىيەسى بار.