نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھىيلىسى: مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى

ئۇيغۇر ئاياللار ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە پارتىيەنى سۆيۈش ئۆگىنىشىگە قاتنىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ (توردىن ئېلىندى)

شەرقىي تۈركىستاندا، خىتاي دائىرىلىرى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش نامىدا ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە دەپسەندە قىلماقتا. بىر كىيىم-كېچەك زاۋۇتىنىڭ خىتاي باشقۇرغۇچىسى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىدى.

زىمىستان تورى، 2020-يىلى 30- ئىييۇل

شەنشى ئۆلكىسىدىن كەلگەن بۇ خىتاي شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان-ت)نىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بىر كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئۇ «زىمىستان تورى»غا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ زاۋۇتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ۋاڭ خاۋ دېگەن ئۆزگەرتىلگەن ئىسىمنى ئىشلىتىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. 

ۋاڭ خاۋنىڭ زاۋۇتىدا مىڭلىغان ئۇيغۇر خىزمەتچىسى بار. خ ك پ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نامىدا ئائىلىسىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مەجبۇرلىغان، شۇنداق قىلىپ ئىشلەش ئىقتىدارى بارلارنىڭ ھەممىسى (بالا كۆتۈرۈۋالغان ئاياللارمۇ بار) مەلۇم تۆۋەن تېخنىكىلىق، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن ياسىمىچىلىق خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، «خىزمەت قىلالايدىغان ھەر بىر ئادەمنىڭ چوقۇم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا» كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، «دىنىي ئاشقۇنلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىكنى يوقىتىش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭىسى يۇيۇلۇپ، ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشىنى پارتىيەنىڭ ئىدىئولوگىيىسى بىلەن ئۆزگەرتىدۇ. داڭلىق شىنجاڭ مەسىلىسى تەتقىقاتچىلىرىدىن بىرى بولغان ئادرىئان زېنزنىڭ قارىشىچە، «بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئەمگەك "ئاشقۇنلۇق" ئىدىيىسىنى يوقىتىشنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ۋاستىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىگەن.»

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىزمەتچىلەر ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر سائەت يۈگۈرۈشى، ئاندىن 13 سائەت خىزمەت قىلىشى كېرەك. ئۇلار دائىم كېچىدە سائەت 1 گىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. كۈندىلىك خىزمەت ۋاقتىغا سېلىشتۇرغاندا ، ئۇلارنىڭ ئايلىق مائاشى بەكلا تۆۋەن: ئادەتتىكى ئىشچىلارنىڭ ئايلىق مائاشى ئاران 500 يۈەن (تەخمىنەن 70 دوللار)، نازارەتچى ۋە گۇرۇپپا رەھبەرلىرىنىڭ ئايلىق مائاشى سەل يۇقىرى. ئۇيغۇر ئىشچىلىرى زاۋۇتلاردا تۇرىدۇ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئۆيگە قايتىشقا ناھايىتى ئاز رۇخسەت قىلىنىدۇ. بەزى شىركەتلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكى ئاران 16 ياش. بۇ بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاتا ئانىسى ئاتالمىش تەربىلەپ ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىغا سولانغان.ئۇنىڭ چۈشەنچىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى مەكتەپ تەرىپىدىن خىزمەتكە ئەۋەتىلگەن، مەكتەپ شىركەت بىلەن توختام ئىمزالىغان.

 新疆新源縣許多維吾爾婦女在工廠裡加工服裝

كۈنەس ناھىيىسىدىكى بىر زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللار (توردىن ئېلىندى)

ئۇيغۇر ئىشچىلار زاۋۇتلاردا تۇرىدۇ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئۆيگە قايتىشقا ناھايىتى ئاز رۇخسەت قىلىنىدۇ. بەزى شىركەتلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكى ئاران 16 ياش. بۇ بالىلارنىڭ% 80 نىڭ دادىسى قايتا تەربىيلەش لاگېرلىرىغا سولانغان، بەزىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى قامالغان. ئۇ «بۇ بالىلار بەكمۇ بىچارە» دېدى. ئۇنىڭ چۈشەنچىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى مەكتەپ تەرىپىدىن خىزمەتكە ئەۋەتىلگەن، مەكتەپ شىركەت بىلەن توختام ئىمزالىغان.

 許多維吾爾族年輕人在工廠裡製作服裝

زاۋۇتلار ھەتتا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەكلىپ قىلىدۇ (توردىن ئېلىندى)

بۇ خىل خىزمەت شەكلىگە سېلىشتۇرغاندا، تەربىيلەپ ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارتېخىمۇ ئەرزان. «تەربىيلەپ ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسا ھەقسىز ئەمگەكچى - ئۇلارغا ئىش ھەققى بېرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق». ۋاڭ خاۋ يەنە مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت بۇ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنى سىرتقا كەسپىي تەربىيىلەش كۇرسى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇپ كونترول قىلىدۇ. ئۇلار ئەمەلىيەتتە تۈرمە. قولغا ئېلىنغانلار كۆپىنچە ۋاقىتتا ئىشلىشى كېرەك.»

ئۆتكەن يىلى يازدا، خ ك پ قايتا تەربىيلەش لاگېرىدىكى مەھبۇسلارنىڭ كۆپىنچىسى قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ «مۇۋاپىق خىزمەت» تاپقانلىقىنى ئىلان قىلدى. كېيىن، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا يۆتكىلىشكە باشلىدى. ھۆكۈمەت بۇنىڭ «ئېشىنچا ئەمگەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ»، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ۋاڭ خاۋنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى ئېلان قىلىنغاندەك ئاددىي ئەمەس، ھەمدە «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ۋاڭ خاۋ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت ئېھتىياجلىق بولغىنى ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتىش.» ھازىر ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى باستۇرۇپ، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى يوقىتىدۇ، ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشنى چەكلەيدۇ، ئۇلارنىڭ دىنىي بايراملارنى تەبرىكلىشىنى ۋە مەسچىتكە بېرىپ ئىبادەت قىلىشىنى چەكلەيدۇ. ئۇيغۇرلار چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇر بولىدۇ، پەقەت بىرلا ئېتىقاد بار: ئىشەنسىڭىز پەقەت خىتاي كومپارتىيىسىگە ئىشىنىشىڭىز كېرەك.»

 ئۇنىڭ قارىشىچە، خ ك پ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» باھانىسى بىلەن يولغا قويغان تەربىيلەش ياكى ئەمگەك سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرمىگەن، ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى تۆۋەنلەتكەن.

ۋاڭ خاۋ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى گۇاڭدۇڭدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرلار بەش-ئالتە مىڭ يۈەن (تەخمىنەن 700-840 دوللار) ئالالايتتى، بۇ ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى ھازىرقى مائاشىنىڭ 10 ھەسسىسىگە تەڭ.» ئەمما ھازىر ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى قايتۇرۇپ كەلدى. بۇ يەردە ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. كەم دېگەندە ئۈچ ئەۋلاد ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھېچقانداق جىنايەت خاتىرىسى يوقلار تەستىقلانغاندىن كېيىن شىنجاڭدىن ئايرىلالايدۇ».

ۋاڭ خاۋ بىر ئۇيغۇر ئەرنى تونۇيدىغان بولۇپ، ئۇ خىتايدا ئوقۇغان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە ئۇچۇر تېخنىكىسىدا ئىشلىگەن، ئەمما ھۆكۈمەت ئۇنى شىنجاڭغا مەجبۇرىي قايتۇرغان. ھازىر، ئۇ كىيىم-كېچەك زاۋۇتىدا ئىشلەيدۇ، پەقەت ئازغىنە ئىش ھەققى ئالالايدۇ، ھەمدە نامرات تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

ئۇ يەنە بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنى بىلىدۇ. دادىسى ۋە ئۈچ ئوغلى ئىلگىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشلەيتتى، ئەمما ئۇلارمۇ شىنجاڭغا قايتۇرۇپ كېلىندى ۋە تەربىيلەپ ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلدى. ئۇلارنىڭ ئۆيىدە ئايالى ۋە بالىلىرى بولۇپ ئونغا يېقىن ئادەم بار. ھازىر ئۇلار پەقەت بىر كىچىك ئوغلىنىڭ ئىشلىشىگە تاينىپ تۇرمۇشىنى تەستە قامدايدۇ، غورىگۈل تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

ۋاڭ خاۋ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «بەزىلەر شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇق يوق دېيىشىدۇ. ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتاي بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن ئۇلارغا قوشۇلىمەن».