گوللاندىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانسىنىڭ ئالدىدا تىنىچ شەكىللىك نامايىش قىلىمەن

3 يىلدىن ئاشتى ئاتا-ئانام ۋە ئورۇق- تۇققانلىرىم بۇلۇپ جەمئىي 19 كىشى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقەم ئۈزىلدى. ئۇلار ھاياتمۇ؟ ئۈلۈپ كەتتىمۇ؟ ياكى خىتاينىڭ جازا لاگىردىمۇ بىلمەيمەن.

بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلنىپ سۈرۈشتۈرشتۈردىم، ھەتتا گوللاندىيە پادىشاسى، باش مىنىستېرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستېرىگە بىر قانچە قېتىم خەت يېزىپ دىپلۇماتىك يوللار بىلەن خىتاي ھۈكۈمىتى بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىزدېرىكىنى قىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلدىم. گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ گوللاندىيەدىكى ئەلچىخانسى بىلەن ئالاقە قىلىپ قىلىپ سۈرۈشتۇرگەنلىكىنى، خىتاي ئەلچىخانسىنىڭ مەندىن بارلىق تۇققانلىرىمنىڭ ئىسىم-فامىلسى، كىملىك نۇمۇرى ۋە تەپسىلى ئادېرسى قاتارلىقلارنى خىتايچە يېزىپ تەمىنلسە سۈرۈشتۇرۇپ بېردىغانلىقىنى ھەقىقدىكى خەتنى تاپشۇرۇپ ئالددىم. مەن خىتاي ئەلچىخانسى تەلەپ قىلغان ماتېرىياللارنى گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرى ئارقىلىق ئىۋەرتىپ بەردىم. ئەمما ھازىرغىچە خىتاي ئەلچىخانسى ئاتا-ئانام ۋە ئورۇق-تۇققانلىرىم ھەققىدە ھىچقانداق جاۋاب بەرمىدى.

مەن گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكىگە يەنە داۋاملىق خەت يازدىم ئۇلاردىن كەلگەن جاۋاب «بىز خىتاي ئەلچىخانسى بىلەن ئالاقىلشتۇق، ئۇلار تەلەپ قىلغان ماتېرىياللارنىمۇ ئىۋەرتىپ بەردۇق، ئەمما خىتاي ئەلچىخانسى ئاتا-ئانىڭىز ھەقىقدە ھىچقانداق جاۋاب بەرمىدى، بىز داۋاملىق يەنە سۈيلەپ تۇرىمىز، ئەمما بېسىم ئىشلىتەلمەيمىز».

مەن 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 14- كۈنىگىچە خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ گوللاندىيەدىكى باش ئەلچىخانسىنىڭ ئالدىدا ئۈچ كۈن تنىچ شەكىللىك نامايىش قىلىپ خىتاي ئەلچىخانسىغا بىۋاستە خەت سۇنۇپ ئاتا-ئانام ۋە ئورۇق تۇققانلىرىمنىڭ خەۋېرىنى بىرىشنى تەلەپ قىلىمەن.

بۇ ھەقتە خەۋەر ئىشلەشنى خالايدىغان مۇخبىرلارنىڭ مەن بىلەن ئالاقە قىلشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

freeuyghur33@gmail.com
Tel:+31619965958
Zareen Hussain
zareen.hussain@pwc.com
+31639 27 77 79