خىتاي ماركو رۇبىئو قاتارلىق 11 نەپەر ئامېرىكا ئەمەلدارىغا ئىمبارگو يۈرگۈزدى، خوڭكوڭدا تۇتقۇن باشلاندى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان 11 نەپەر خىتاي ئەمەلدارغا ئىمبارگو يۈرگۈزگەنلىكىنى ئىلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ماركو رۇبىئو قاتارلىق 11 نەپەر ئامېرىكا ئەمەلدارىغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە،  خوڭكوڭدا يېقىندا يولغا قويۇلغان ئاتالمىش «دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى» بويىچە ساقچىلار تاراتقۇ ئورگانلىرىغا بېسىپ كىرىپ ئاختۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش ئېلىپ باردى. 

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 10- ئاۋغۇست ئىلان قىلىشىچە، جازاغا ئۇچرىغان ئامېرىكىلىقلار جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى تېد كرۇز ۋە ماركو رۇبىئو قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئىككەيلەن «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇنى» ۋە «خوڭكوڭ ئاپتونومىيە قانۇنى»نىڭ تەشەببۇسچىلىرى دەپ ئەيىبلەنگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىكى ئاتالمىش خوڭكوڭنىڭ ئاپتونومىيىسىگە دەخلى-تەرۇز قىلدى دېگەننى باھانە قىلىپ، مەركەز ۋە خوڭكوڭنىڭ 11 نەپەر ئەمەلدارىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلدى، خىتاي بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە ئۇنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ.»

ئۇ خىتاينىڭ بۈگۈندىن باشلاپ «خوڭكوڭ مەسىلىسىدە ئىپادىسى ناچار بولغان» بىر قىسىم ئامېىركا كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتا ئەزالىرى بىلەن بەزى ئورگانلارنىڭ ئەمەلدارلىرىغا ئىمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار: ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ماركو رۇبىئو، تەد كرۇز، جوش خاۋلېي، توم كوتون،پات تومېي؛ ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىس؛ ئامېرىكا دېموكراتىيە فوندىنىڭ رەئىسى كارل گېرشمان، ئامېرىكا خەلقئارا دېموكراتىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دېرېك مىچېل، ئامېرىكا خەلقئارا جۇمھۇرىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى دانىيال تۋىنىڭ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى كېننىس روت، «ئەركىنلىك سارىيى»نىڭ رەئىسى مايكىل ج. ئابراموۋىتزدىن ئىبارەت. 

ئالدىنقى جۈمە كۈنى (7- ئاۋغۇست)، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خوڭكوڭنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كەررى لام، بېيجىڭنىڭ خوڭكوڭدىكى  ئالاقىلىشىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. ئامېرىكىنىڭ ئېيتىشىچە، كەررى لامغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈشتىكى سەۋەب ئۇ بېيجىڭنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىك تەرەققىياتنى باستۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا بىۋاسىتە مەسئۇل بولغان. 

يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان، سودا ۋە خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى داۋاملىق ناچارلاشتى. ئۆتكەن ئايدا، ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا مەسئۇل بولغان چېن چۈەنگو قاتارلىق تۆت خىتاي ئەمەلدارىغا ئىمبارگو يۈرگۈزگەندىن كېيىن، خىتاي بۇنىڭغا قارشى ماركو رۇبىئو ۋە تەد كرۇز قاتارلىق تۆت نەپەر ئامېرىكىلىق سىياسىئونغا ئىمباروگو يۈرگۈزۈدىغانلىقىنى ئىلان قىلغان ئىدى. 

خوڭكوڭدا تۇتقۇن باشلاندى

خوڭكوڭدا «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» يولغا قويۇلۇپ بىر ئايدىن كېيىن، خوڭكوڭ ساقچىلىرى 10- ئاۋغۇست خوڭكوڭ يىچۈەن تاراتقۇسىنىڭ قۇرغۇچىسى لى جىيڭىنى «چەتئەل ياكى چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن» دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئالغان. 

ئىگىلىنىشىچە، 200 دەك ساقچى مەزكۇر شىركەت بىناسىغا بېسىپ كىرىپ ئاختۇرغان ۋە لى جىيىڭنى قولغا ئالغان. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىمۇ تۇرالغۇسىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. 

خىتاينىڭ خوڭكودا ئاتالمىش «دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى»نى يولغا قويۇشى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى. 

2020- يىلى 10- ئاۋغۇست