مەسئۇت ئۆزىل: «ئارسېنال كەشكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاش ئىشنى قىلغان بولسا»

مەسئۇت ئۆزىل ئارسېنال كۇلۇبىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە ئۆزىنى قوللىمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئەنگىلىيە ئارسېنال كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇمچىسى مەسئۇت ئۆزىل ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «قارا تەنلىكلەرنىڭ ھاياتى مۇھىمدۇر» ناملىق پائالىيەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان ئارسېنال كوماندىسىنىڭ، ئۆتكەن يىلى ئۆزى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا نارازىلىق بىلدۈرگەندە «سىياسىي ئىشلارغا ئارىلاشمايمىز» دېگەننى باھانە قىلىپ ئۆزىنى قوللىمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆزىل، ئامېرىكىدا قارا تەنلىك جورج فلويد ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن «قارا تەنلىكلەرنىڭ ھاياتى مۇھىمدۇر» دېگەن پائالىيەتكە ئارسېنال قاتارلىق نۇرغۇن كۇلۇبلارنىڭ ئاۋاز قوشقانلىقىنى، لېكىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زۇلۇمىنىڭ دۇنيادا بۇنداق ئىنكاس قوزغىمىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «كەشكى، ئوخشاش سۆزنى مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ سۆزلىگەن بولسا» دېدى.

گىرمانىيەلىك تۈرك پۇتبول چولپىنى ئۆزىل ھەممە ئىنساننىڭ ئىرق ۋە دىنىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر باراۋەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئارسېنالنىڭ نۇرغۇن قارا تەنلىك پۇتبولچىسى ۋە تەرەپدارلىرى بار. كىشىلەر كەشكى ئوخشاش ئىشنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈنمۇ قىلغان بولسا، چۈنكى ئارسېنالنىڭ نۇرغۇن مۇسۇلمان پۇتبولچىسى ۋە تەرەپتارىمۇ بار.»

screen-shot-2019-12-17-at-223438png

داڭلىق پۇتبول چولپىنى مەسئۇت ئۆزىل ئۆتكەن يىلى 12- ئايدا ئاممىۋى تاراتقۇلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بىر ئۇچۇر يوللىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا: «قۇرئان كۆيدۈرۈلمەكتە، مەسچىتلەر تاقالماقتا، دىنىي ئالىملار ئۆلتۈرۈلمەكتە، ئاچا-سىڭللار خىتايلارغا مەجبۇرىي ياتلىق قىلىنماقتا.» دېگەن ئىپادىلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ باستۇرۇشىنى ئەيىبلىگەن، شۇنداقلا ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

مەسۇت ئۆزىلنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرى دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن، خىتاي ئارسېنال كوماندىسىنىڭ مەسئۇت ئۆزىل قاتناشقان مۇسابىقىلىرىگە ئىمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئىلان قىلغان ئىدى.

ئارسېنال كوماندىسى بولسا، خىتاي مىكرو بىلوگىدا ئۇچۇر يوللاپ، «ئۆزىلنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئۆز كۆز قاراشلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى» ئېيتقان ۋە «سىياسىي ئىشلارغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى» تەكىتلىگەن ئىدى.

2020- يىلى 13- ئاۋغۇست