فرانسىيەدە تىبەت، خوڭكوڭ ۋە يەرلىك تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى

فرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەت، خوڭكوڭ تەشكىلاتلىرى ۋە يەرلىك كىشىلەرنىڭ قاتنشىشى بىلەن خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزلدى. 

فرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فرانسىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار پارىژدىكى مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق مەيدانىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگىرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتايغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتىشكە چاقىردى. ئادەتتىكىگە ئوخشاش، تىبەت ۋە خوڭكوڭنى قوللايدىغان تەشكىلاتلارمۇ نامايىشقا قاتناشتى. فرانسىيىدىكى ماراكەشلىك مۇسۇلمانلارمۇ تۇنجى قېتىم نامايىشقا قاتناشتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئاشكارا ئىپادىلىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 8-ئاينىڭ 16-كۈنى، فرانسىيىدە ياشايدىغان نەچچە يۈز ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان شەخس ۋە تەشكىلاتلار پارىژنىڭ مەركىزىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەيدانى ئەتراپىدا نامايىش ئۆتكۈزدى، نامايىشتا يەنە تىبەت ۋە خوڭكوڭنىڭ بايراقلىرىمۇ بار ئىدى، ھەتتا بەزىلەر تەيۋەن مۇستەقىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ئىدى.

بۇ نامايىشنى فرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇردى. فرانسىيىدە ياشايدىغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار ئاممىغا ئائىلىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇتقۇن قىلىنىش كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى، ھەمدە نامايىشقا قاتناشقان فرانسىيەلىكلەرنىڭ قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

ئالجىرىيە پۇشتىدىن بولغان بىر فرانسىيەلىك نامايىشتا سۆز قىلىپ، بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە كىشىلەرنى ئىستىمال ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ماركىلارنى رەت قىلىشقا چاقىردى. ناماياىش مەيدانىدا يەنە سېرىق جىلىتكىلىك پائالىيەتچىلەرمۇ پەيدا بولدى. ئۇلار ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىك، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن خەلقئارالىق شىركەتلەر ۋە كاپىتالىستلارنىڭ ئىشىچلارنى قانداق ئىزىدىغانلىقىنى بىرگە تىلغا ئالدى. 

ئۇندىن باشقا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى فرانسىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق تەھدىت سالماقتا. فرانسىيەلىك ئۇيغۇر تەتقىقاتچى، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى دىلىنورنىڭ يېقىندا تىۋىتتېردا بىلدۈرۈشىچە، گەرچە ئۇ ئاللىبۇرۇن فرانسىيە پۇقراسى بولۇپ فرانسىيە پاسپورتىغا ئىرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن دوستىدىن ئىگىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلاردىن دىلنۇرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى تەلەپ قىلغان. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان. 

پائالىيەتكە قاتناشقان بىر قىسىم بىر تۈركۈم فرانسىيەلىك زىيالىي، خىتايشۇناس ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلىرى فرانسىيە ھۆكۈمىتى ۋە فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنى خىتاي بىلەن سۆھبەتلىشىشكە چاقىرىپ، بېيجىڭنىڭ فرانسىيە پاسپورتى بولغان فرانسىيە پۇقرالىرىغا قاراتقان تەھدىتىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى. 

Efji5NFUcAEdJzR

Efji5NFUYAcg-HR