ئامېرىكا خىتاينى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلەشنى ئويلاشماقتا

ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. 

ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان ئىككى نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ئامېرىكا «Politico» تورىغا ئاشكارىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىىي قىرغىچنلىق» دەپ ئاتاشنى ئويلاشماقتا. 

بۇ ئىككى ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەت ئىچكى قىسمىدىكى خىزمەتلەر «دەسلەپكى باسقۇچتا» تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ۋە ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ خادىملىرى بۇ ھەقتە باھالاش ئېلىپ بارماقتا. 

ئەگەر ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشكە يېتەرلىك ئورتاق تونۇش ھاسىل بولمىسا، ترامپ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي رەھبەرلىكىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ياكى «مىللىي تازىلاش» قاتارلىق باشقا ۋەھشىيلىكلەر بىلەن ئەيىبلىشى مۇمكىن ئىكەن. 

2020- يىلى 25- ئاۋغۇست