خوڭكوڭدا ئىككى نەپەر دېموكراتچى پارلامېنت ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 كىشى قولغا ئېلىندى

خوڭكوڭ ساقچىلىرى 26- ئاۋغۇست يەنە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى، ئىككى نەپەر دېموكراتچى پارلامېنت ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 كىشى قولغا ئېلىندى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى دېموكراتىك پارتىيەنىڭ ئەزالىرى بولۇپ، ئۆتكەن يىلىقى بېيجىڭغا قارشى نامايىشتا ئوينىغان رولى سەۋەبلىك تۇتۇلغان. 

لام چەك تىڭ ۋە تەد خۇي خوڭكوڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنىنىڭ دېموكراتىك پارتىيەدىن بولغان ئەزالىرى بولۇپ، چارشەنبە كۈنى ئەتتىگەن ئۆيلىرىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. 

 لام چەك تىڭ ئۆتكەن يىلى 6- ئىيۇلدىكى بىر نامايىشتا ئۇمۇمنىڭ مېلىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە 21- ئىيۇلدىكى بىر ۋەقەگە چېتىلىپ قېلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. 

تەد خۇينىڭ پارتىيەسى ئۇنىڭمۇ ئۆتكەن يىلى 6- ئىيۇلدىكى نامايىشقا چېتىشلىق دەپ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ قانۇن ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. 

 خوڭكوڭ يەرلىك تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچىلارنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى ھەرىكىتىدە يەنە باشقا 14 كىشى قولغا ئېلىنغان. ساقچىلارنىڭ ھەرىكىتى ئاساسلىقى 2019- يىلىدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتكە قارىتىلغان. 

خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك نامايىشلار ئۆتكەن يىلى 6- ئايدا باشلانغان بولۇپ، ئۇدا يەتتە ئاي داۋاملاشقان، بۇ جەرياندا 9000 كىشى قولغا ئېلىنغان. 

پات-پات توقۇنۇشقا ئايلانغان بۇ نامايىشلار خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىدى ۋە بۇ يىل 6- ئايدا بېيجىڭنىڭ خوڭكوڭدا «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»نى يولغا قويۇشى بىلەن نەتىجىلەندى.