ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە گېرمانىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى ب د ت دا بۇلۇڭغا قىستىدى

ھىندىستان «ۋىيون» تاراتقۇسىنىڭ 26- ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە گىرمانىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش مەسىلىسىدە خىتاينى بۇلۇڭغا قىستىدى. بۇ ئۈچ دۆلەت ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش يىغىنىدا خىتاينى «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش»نى سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن سۈيئىستىمال قىلماسلىققا چاقىردى. 

ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىملىق ۋەكىلى كېللىي كرافت مۇنداق دېدى: «بىز شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىگە قاتتىق كۆڭۈل بۆلىمىز، بۇ يەردە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ساختا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا قولغا ئېلىنغان».

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە زوراۋان ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇشنى ھەرگىزمۇ سىياسىي نارازىلىقىنى ياكى پىكىر ئەركىنلىكىنى جىمىقتۇرۇش، دىنىي ئەركىنلىككە دەخلى-تەرۇز قىلىش ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشقا باھانە قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ».

ئەنگىلىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى جېيمىس روسكو مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان سىستېمىلىق، ھەددىدىن ئاشقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىمىز».

گېرمانىيە يىغىندا مۇنداق دېدى: «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى ھەرگىزمۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ باھانىسى بولماسلىقى كېرەك».

ئەلچى گۈنتېر سۇتتېر چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭغا كەلسەك، بىزنىڭ قارىشىمىزچە، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قاماپ قويۇلىشى ئورۇنسىز. ئۇزۇن مۇددەتتىن قارىغاندا، ئۇ تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خەۋىپىنى ئازايتىشقا ئەمەس، بەلكى ئاشۇرۇشقا مايىل».