ۋاڭ يى ياۋروپادا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭ سىياسىتىنى ئاقلىدى، ئامېرىكىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى يەكشەنبە كۈنى پارىژدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭ سىياسىتىنى ئاقلاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتا بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىدىكى «چېكىدىن ئاشقان كۈچلەر» گە تاقابىل تۇرۇشقا چاقىردى، ئامېرىكىنى باشقا دۆلەتلەرنى تەرەپ تاللاشقا كۈشكۈرتتى دەپ تەنقىد قىلدى.

«بىرلەشمە ئاگېنتلىق» ۋە بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى قاتارلىق غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 30- ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى پارىژدا زىيارەتتە بولغاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگىرلىرى ۋە خوڭكوڭدا يولغا قويۇلغان ئاتالمىش «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»نى ئاقلىغان، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ئىككى مەسىلە ھەققىدە ئەندىشىلىرىنى ئىنكار قىلغان ھەمدە ياۋروپا دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. 

ۋاڭ يى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيلەش مەركەزلىرى»گە قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەت تاپقانلىقىنى تەكىتلىگەن. تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدە بولسا، ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىسى بىلەن ئالاقىلىشالمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ھېلھەم يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا قامالغانلىقىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى تەكىتلەنگەن. 

ۋاڭ يى مۇنداق دېگەن: «گەرچە شىنجاڭ كەسپىي تەربىيىلەش پروگراممىسىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھوقۇقى تولۇق قوغدىلىدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇش پۈتتۈردى، كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزىدە ھېچ قانداق ئۇيغۇر يوق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىزمەتكە ئېرىشتى».

«گىرمانىيە ئاۋازى»نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن:

ۋاڭ يىدىن «خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» توغرىسىدا سورالغاندا، ئۇ بېيجىڭنىڭ بوش تۇرالمايدىغانلىقىنى ۋە خوڭكوڭدىكى مالىمانچىلىقنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭغا ماس كېلىدىغان دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنى ئورناتقانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. ھەر ساھە كىشىلىرى «خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»نىڭ يولغا قويۇلۇشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى قاپ يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ بىرى دەپ قارايدۇ، چۈنكى بېيجىڭ بۇ قانۇننى ئىشلىتىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئومۇمىي تۈزۈمى بىلەن خوڭكوڭ قانۇن سىستېمىسى ئوتتۇرىسىدىكى توساقنى بۇزدى.

ۋاڭ يى بۇ ئىككى مەسىلىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئارىلاشماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. فرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون ئالدىنقى جۈمە كۈنى (28-ئاۋغۇست) ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە، خوڭكوڭ ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلار ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋەدىسىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى. فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى درىئان ۋە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە ئوخشاش ئەندىشىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇندىن باشقا، ۋاڭ يى يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئامېرىكىدىكى ئاشقۇن كۈچلەرگە قارشى تۇرۇشقا ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتايدىن ئايرىلىش پىلانىنى رەت قىلىشقا چاقىردى. ۋاڭ يى پارىژدا نۇتۇق سۆزلگەندە مۇنداق دېدى: «خىتاي ئەزەلدىن خەلقئارا جەمئىيەتتە "جۇڭگو بىرىنچى" ئىستراتېگىيىسىنى تەشەببۇس قىلىپ باقمىدى.»

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىرقى خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيانقى ئەڭ ناچار پەيتتە، ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەرنى داۋاملىق تەرەپ تاللاشقا كۈشكۈرتمەكتە، ھەمدە خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى توقۇنۇش ۋە قارشىلىشىشقا ئېلىپ بارماقتا. ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم پەيتىدە، خىتاي ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرلىكتە ئۆچمەنلىك ۋە قارشىلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەر قانداق دۆلەتكە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك».

ۋاڭ يى يىل ئاخىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ

يەنە بىر تەرەپتىن، ۋاڭ يى ياۋروپا زىيارىتى جەريانىدا خىتاي ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى. ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ يىل ئاخىرىغىچە نەتىجە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ۋاڭ يى سەپىرىدە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن مۇزاكىرە قىلغان مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىدە ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بازىرىغا ئوڭۇشلۇق كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساس قىلىنغان، ئەمما ئىككى تەرەپ يەنە سىجىل مەبلەغ سېلىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەمگەك نىزامى ئورنىتىش توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن.

ۋاڭ يى 29-ئاۋغۇست شەنبە كۈنى فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دېريان بىلەن كۆرۈشكەندە، كېلىمات ئۆزگىرىش، يېمەكلىك، ئاۋىئاتسىيە ۋە يادرو سانائىتى قاتارلىق تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلدى. ئىككى تەرەپ يەنە مالى، لىۋان، شىمالىي ۋە ئىران قاتارلىق دۇنياۋى مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.