يولنىڭ باش ئاخىرى: بىر بەلۋاغ بىر يول ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە كۈنسايىن چەتلەشتۈرۈلۈشى

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى(UHRP)

«بىر بەلۋاغ بىر يول ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە كۈنسايىن چەتلەشتۈرۈلۈشى» ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى نەزىرىدە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسىغا قارىتا باھالاش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئەڭ يڭى دوكلاتى بولۇپ، مەزكۇر دوكلاتتا «بىر بەلۋاغ بىر يول»نىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان تەسىرى ھەققىدە ئانالىز ۋە باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەمدە بۇ تەشەببۇس بۇندىن بۇرۇن مەزكۇر رايوندا يولغا قويۇلغان باشقا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشلار بىلەن سېلىشتۇرۇلىدۇ.

«شى جىنپىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدىكى نىگىزلىك سىياسەتلەرنىڭ بىرى قىلغان. يىپەك يولى ئىقتىسادىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان بىر بەلۋاغ بىر يول شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ سىياسىي ۋە سودا جەھەتتە باشلامچىلىق ئورنىغا ئېرىشىشىدىكى مۇھىم ئۆتەڭگە ئايلاندۇردى. لېكىن دۆلەتنىڭ بارلىق چوڭ سىياسەتلىرىدە، شەرقىي تۈركىستاننى ئانا ۋەتىنى قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچقانداق گەپ – سۆز ئاڭلىمايمىز.» دەيدۇ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى ئۆمەر قانات.

ئۆمەر قانات مۇنداق دەيدۇ: «بىر بەلۋاغ بىر يول ئۇيغۇرلار چەتلەشتۈرۈلگەن، مەركىزى ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلغان يەنە بىر ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە  ئۇيغۇر كىملىكىگە قارشى بېسىم سىياسەتلىرىنى تارقىتىش ئارقىلىق، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ چوڭ دۆلەت غەرزىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى. ئەگەر بىرەر ئۇيغۇر بىر بەلۋاغ بىر يولدىن نەپكە ئېرىشىپ قالغان بولسا، بۇ خىتاي سىياسىي نىشانىدىكى تاساددىپىي بىر نەتىجە خالاس.»

گەرچە ئىسلاھات ئېچىۋېتىش بۇيان خىتاي ئىقتىسادى ئىزچىل يۇقىرى نىسبەتتە ئۆسۈش ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا بىر نەچچە قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي ئېچىش يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ غەربىي رايونلىرىدا، ئۇيغۇر، تىبەت، مۇڭغۇل ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى نامراتلىق نىسبىتى خىتاينىڭ شەرقىي رايونلىرىدىكىدىن خېلىلا يۇقىرى.

2013- يىلى 9- ئايدا، شى جىنپىڭ قازاقىستان نەزەربايېف ئۇنىۋېرسىتېتىدا نوتۇق سۆزلىگەندە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى تىلغا ئالدى. بۇ جەنۇبىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپانى قاپلىغان سودا تەشەببۇسى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ ياۋرو – ئاسىياغا ئېچىلىشتىكى تۇنجى قۇرۇقلۇق ئېغىزىغا ئايلاندۇردى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى ئۇل مۇئەسەسە قۇرۇلۇشى ۋە سودا ئارقىلىق بۇ رايونلارنى خىتاي بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى نىشان قىلغان بولۇپ، زۆرۈ بولغان قۇرۇلۇش تەننەرخىنى خىتاي ئۈستىگە ئالغان. خىتاي سىياسىي ھۆججەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستان «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغىنىڭ تۈگۈنى»گە ئايلاندۇرۇلىدۇ.

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى(SREB) ۋە دېڭىزدىكى يىپەك يولى(MSR) ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «بىر بەلۋاغ بىر يول» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، خىتاي ئۆزىنى شەرقىي يېرىم شاردىكى سودا لىنىيەسىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش نىيىتىنى ئاشكارىلىغان. بىر كۆزەتكۈچىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تەشەببۇس سىرتقى تەسىرنى كېڭەيتىپ، ئىچكى ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خىتاينىڭ ھەقىقى دەرىجىدىن تاشقىرى بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرماقچى بولغان.

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغىنىڭ ئېلان قىلىنىشى، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن بۇيان مەركىزىي ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلغان ۋە شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇلغان ئەڭ يېڭى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇندىن بۇرۇن غەربىي شىمالنى ئېچىش(1992)، غەربىنى ئېچىش(2000)، 2010 ۋە 2014- يىللىرىدىكى شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى، شاڭخەي بەشلىكى(1996) ۋە كېيىن قۇرۇلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى(2001) قاتارلىق ئىقتىسادىي تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. بۇ ئىقتىسادىي تەشەببۇسلار ئېلىپ كەلگەن ئۇل مۇئەسەسە قۇرۇلۇشى، مەبلەغ ۋە كۆچمەنلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى ئۆزگەرتەلمىدى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى تارىخىي بۇرۇلۇشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقاندا، ئۇيغۇرلار بۇ تەشەببۇسلارنى پىلانلاش، يولغا قويۇش ۋە باھالاشنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلدى. خىتاي دائىم ئۆزلىرىنىڭ تېز ۋاقتتا نۇرغۇن پۇقرانى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ غەلبىگە ئېرىشكەنلىكىنى جار سالسىمۇ، لېكىن بۇ قۇرۇلۇشلار ئېلىپ كەلگەن تەڭپۇڭسىزلىق ھەققىدە ھېچنىمە دەپ باقمىدى.

شەرقىي تۈركىستاندىكى يېڭى ئىقتىسادىي تەشەببۇس ئۇيغۇرلارغا نىسبەت پەقەت ئاللىبۇرۇن ئادەتلىنىپ كەتكەن چەتكە قېقىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى بۇرۇنلا بېيجىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېچىشلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن چەتلەشتۈرۈشكە بولغان تەسىرى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدى. مەزكۇر دوكلاتتا، ئۇيغۇرلاردىكى يۇقىرى ئىشسىزلىق نىسبىتى ۋە پۇرسەتلەرنىڭ ئاز بولۇشى قاتارلىق پولاتتەك پاكىتلار ئارقىلىق، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن بۇيان خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكى ئىسپاتلاپ بېرىلىدۇ.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى ب د ت قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى دۆلەت يېتەكچىلىك قىلغان ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش مەسىلىسىنى كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىدە تونۇشقا چاقىرىدۇ. بىر بەلۋاغ بىر يول يارىتىپ بەرگەن ئىمكانلار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا مەبلەغ سالغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ۋە شەخسىي كارخانىلار ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى ۋە مەزكۇر رايوندىكى ئۇيغۇرلارغا مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشى لازىم.

دوكلاتنىڭ ئىنگىلىزچە نۇسخسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://turkistantimes.com/uploads/2017-03-06/End-of-the-Road.pdf