ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى: خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى چەتئەللەردىكى مۇستەقىل ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئېچىۋېتىشى لازىم

2017- يىللىق دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنىدە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاخبارات چەكلىمىلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى

2017- يىللىق دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنىدە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى (UHRP) خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندا دۇچ كەلگەن ئاتالمىش مىسلىسىز بىخەتەرلىك تەھدىتىنى ئىسپاتلاشقا چاقىرىدۇ. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭ دائىرىلىرىدىن چەتئەللەردىكى مۇستەقىل ئاخبارات خادىملىرىنىڭ توسالغۇسىز ھالدا شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋا قىلىۋاتقان ئاتالمىش مۇقىمسىزلىقنى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇلۇۋاتقان تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى باھالىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسىنىڭ باشلىقى ئۆمەر قانات باياناتىدا مۇنداق دېدى: «قاچانكى خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەقەلەر ۋە قولغا ئېلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە خەۋەر بەرسە، بىزنىڭ ئېرىشەلەيدىغىنىمىز پەقەتلا "شىنخۇا" ۋە "يەرشارى ۋاقت گېزىتى" نۇسخىسىدىكى خەۋەرلەر بولىدۇ. بۇ تاراتقۇلار تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارنىڭ ئىشەنچىلىك ئەمەسلىكى، ھەر قانداق خەۋەردىن شۈبھىلىنىشكە بولىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. دۇنيانىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ساختا ۋە يالغان ئۇچۇرلاردىن قايمۇقۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى چوقۇم چەتئەللەردىكى مۇستەقىل مۇخبىرلارنىڭ بۇ رايونغا كىرىپ، خالىغان كىشىنى ئەركىن ھالدا زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشى لازىم. مۇخبىرلار زىيارەت سەۋەبلىك ئۆچ ئېلىنىشقا ئۇچراشتىن ئەنسىرىمەسلىكى لازىم.»

ئۇ يەنە: «خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا بىرەر نەرسىنى يوشۇرۇۋاتقان بولمىسا، نېمە ئۈچۈن مۇستەقىل مۇخبىرلارنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالىدۇ؟ ئەگەر خىتاي بۇ رايوندا بىخەتەرلىك تەھدىتى بار دەپ قارىسا، ئۇنداقتا دۇنيا تاراتقۇلىرىنىڭ بۇنى ئىسپاتلىشىغا يول قويسۇن. خىتاينىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشىنى توسۇشىدىكى ھەقىقى سەۋەبىنىڭ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىقى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراشتىن قورققانلىقى ئىكەنلىكىگە دائىرى روشەن دەلىللەر بار.» دېدى.

ئالدىنقى قاتاردىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى كۆزىتىش ئورگانلىرى خىتاينىڭ ئاخباراتنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى ۋە ئاخبارات خادىملىرىغا زىيانكەشلىك قىلىش خاتىرىسىنى ئاشكارە تەنقىد قىلدى. «چېگراسىز مۇخبىرلار» تەشكىلاتنىڭ 2017- يىللىق «ئاخبارات ئەركىنلىكى كۆرسەتكۈچى»دە، خىتاي 180 دۆلەت ئىچىدە 176- ئورۇنغا تىزىلغان. «ئەركىنلىك سارىيى»نىڭ 2017- يىلى ئېلان قىلغان ئاخبارات ئەركىنلىكى يىللىق دوكلاتىدا خىتاي «ئەركىن بولمىغان» دۆلەتلەر قاتارىغا تىزىلغان. ئەركىنلىك سارىيىنىڭ 2016- يىللىق تور ئەركىنلىكى دوكلاتىدىمۇ خىتاي «ئەركىن بولمىغان» دۆلەت كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن. 2016- يىللىق مەھبۇسلار دوكلاتىدا، مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى دۇنيا بويىچە قاماقتا تۇرىۋاتقان 259 مۇخبىر ئىچىدە، 38 نەپىرىنىڭ خىتايدا (ئۇلارىن 13 نەپىرى ئۇيغۇر) تۈرمىگە قامالغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچى سىرتىدا، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشلىرىغا، بولۇپمۇ بۇ رايوندا يولغا قويۇۋاتقان ئاتالمىش تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىگە تەنقىدى باھا بېرىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ ۋە بەرگۈچىلەرنى جازالايدۇ. 2016- يىلى يولغا قويۇلغان، «ش ئۇ ئا ر نىڭ خىتاينىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش تەدبىرلىرى»نىڭ 51- ماددىسىدا، «ساختا ئۇچۇر تارقىتىش»، «سەزگۈر دىلولارنى بۇرمىلاش» ۋە «ئەسەبىيلىك مەزمۇنىدىكى» ماتېرىياللارنى ياساش ۋە كۆپەيتىشنىڭ مەنئىي قىلىنىشى، دائىرىلەرگە ھەر خىل تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەت قىلىشى ۋە ماتېرىيال توپلىشىنى چەكلەش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەقەلەرنىڭ ئوبېيكتىپ خەۋەر قىلىنىشىنى كونترول قىلىش ھوقۇقى بەرگەن.

ئۇيغۇر زىيالىي ئىلھام توختى، «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى جاۋ شىنۋېي ۋە فىرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا گوتىئېر(Ursula Gauthier)نىڭ دىلولىرى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسەتلىرىگە سوئال قويغۇچىلارغا قىلچە كەڭ قورساقلىق قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇرسۇلا گوتئېرنىڭ دىلوسىدا، شىنخۇا تورى بۇ مۇخبىرنى ئاخبارات ئەركىنلىكى نامىدا تېررورىزمنى تەشەببۇس قىلغان دەپ ئەيىبلىگەن. خىتاي چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبى، ئەڭ كېيىن دېگەندىمۇ 2008- يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە خەۋەر بەرگەن چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى خاتىرىلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە چەتئەل مەنبەلىرىدىكى خەۋەرلەرگە تەھدىت سېلىش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بايانلىرىنى قوغدىغان. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى شۆھرەت ھوشۇرنىڭ ئۈچ قېرىندىشى(ئىككىسى كېيىن قويۇپ بېرىلگەن) 2014 ۋە 2015- يىللى تۇتۇپ كېتىلگەن. ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى شۆھرەت ھوشۇرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەقەلەر ھەققىدە ھۆكۈمەتنىڭ شۈبھىلىك خەۋەرلىرى بىلەن پەرقىلىق بولغان بىر قاتار ماقالىلەرنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن. شۆھرەت ھوشۇر ۋەقەلەرنى توغرا خەۋەر قىلىدىغان ئاز سانلىق مۇخبىرلارنىڭ بىرى دەپ قارالىدۇ.

تاراتقۇلارغا خىتاينىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز قىلغان ئۇيغۇرلار دائىم جازالىنىدۇ. پاتىگۈل غۇلام 2015- يىلى 4- ئايدا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2009- يىلى 5- ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيان غايىب بولغان ئوغلىنىڭ ئىز – دېرىكىنى قىلىش ئىشىغا دائىرىلەرنىڭ ماسلىشىپ بەرمىگەنلىكىنى شىكايەت قىلغان ۋە بىر ئايدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. ئىگىلىنىشىچە، پاتىگۈل غۇلام 2016- يىلى 4- ئايدا مەخپىي سوتلانغان. ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ۋە قانچە يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.

«دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ۋە «خەلقئارا پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇقلار ئەھدىنامىسى» قاتارلىق بىر قاتار قانۇنىي ھۆججەتلەردە خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىكى ئۆلچەملىرى بايان قىلىنغان. «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساساسىي قانۇنى»نىڭ 35- ماددىسىدىمۇ سۆز ئەركىنلىكى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى

2017- يىلى 2- ماي