ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ ب د ت بىناسىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئورتاق بايانات

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ب د ت يەرلىك خەلقلەر مەسىلىلىرى مۇنبىرىدىن چىقىرىۋېتىلدى

2017- يىلى 26- ئاپرېل، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى(UNPO)نىڭ ئەزاسى دولقۇن ئەيسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرلىك خەلقلەر مەسىلىلىرى دائىمىي مۇنبىرى(UNPFII)گە قاتنىشىۋاتقاندا مەجبۇرىي ھالدا ب د ت بىناسىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرى تەشكىلاتى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە تولۇق چۈشەنچە بېرىلىشىنى ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئىپادىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

نيۇيورك شەھىرى، 2017- يىلى 8- ماي – 2017- يىلى 26- ئاپرېلدا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى دولقۇن ئەيسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرلىك خەلقلەر مەسىلىلىرى دائىمىي مۇنبىرىگە قاتنىشىۋاتقاندا مەجبۇرىي ھالدا ب د ت بىناسىدىن چىقىرىۋېتىلگەن.

بۇ ۋەقە، يەرلىك خەلقلەر تەشكىلاتلىرى، مۇنبەر ئەزالىرى، ب د ت ئورگانلىرى ۋە دۆلەتلەر ب د ت يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھوقۇقلىرى خىتابنامىسى(UNDRIP)نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان 4- نومۇرلۇق يىغىن زالىنىڭ سىرتىدا يۈز بەرگەن. ب د ت خەۋپسىزلىك خادىملىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىدىن كىملىك گۇۋاھنامىسىنى سورىغان ۋە ئارقىدىن ئۇنىڭ ب د ت بىناسىدىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. گەرچە ئۇ سەۋەبىنى سورىغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بېرىلمىگەن.

گەرچە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى بىلەن تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، دولقۇن ئەيسا ۋە ئۇنىڭ سەبدېشى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئۆمەر قاناتنىڭ مۇنبەرنىڭ قاتناشقۇچىلىرى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولسىمۇ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىناغا قايتا كىرگۈزۈلمىگەن. ئىككى كۈندىن كېيىن يەنى 28- ئاپرېل، ئۇنىڭ ب د ت بىناسىغا قايتا كىرىپ مۇنبەرگە قاتنىشالايدىغان بىز ئىزناككا ئېرىشىش تەلىپى رەت قىلىنغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ب د ت مۇنبىرىدە سۆز قىلىشتىن توسۇپ قېلىنىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس. 207- يىلى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنى ئەسناسىدا ئۇ ب د ت دىن چىقىرىۋېتىلدى ۋە قىسقا ۋاقت توختىتىپ قويۇلدى.

خىتايدا ئىسلاھات تورى، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، تىبەت خەلقئارا ھەرىكىتى، خىتاي ئۈچۈن تەشەببۇس، ئاز سانلىقلار ھوقۇقلىرى تەشكىلاتى، زوراۋانلىقتىن خالى رادىكال پارتىيە،  ئوگادېن خەلق ھوقۇقى تەشكىلاتى، تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى، جەنۇبىي مۇڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى، دۇنيا سىندى قۇرۇلتىيى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ب د ت يەرلىك خەلقلەر مەسىلىلىرى مۇنبىرى كاتىباتلىقىنى بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە تولۇق چۈشەنچە بېرىشكە چاقىرىدۇ. ئۇلار يەنە بۇندىن كېيىن يەرلىك خەلقلەر ۋەكىللىرىنىڭ بۇ سەھنىدە ئۆزىنى ئىپادىلىشىنىڭ شەرتسىز ھۆرمەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

مەنبە: ۋاكالەتسىز خەلقلەر ۋە مىللەتلەر تەشكىلاتى(UNPO)

2017- يىلى 8- ماي