ئابلىمىت داموللا ھاجىمنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

مەرىپەتپەرۋەر ئابلىمىت داموللا ھاجىم قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ بۇلاقسۇ كەنتىدە تۇغۇلغان. كىچىك ۋاقتىدىلا ئاتا-ئانىسى بىلەن ئائىلىسى بويىچە قەشقەر شەھەر چاسا كوچا باشقارما جاڭقورغان ئاھالىلەر كومىتېتى تەۋەلىكىگە كۆچۈپ كەلگەن. بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ ئاتۇش ۋە قەشقەردىكى ئاتاقلىق ئۆلمالاردىن زەيدىن ئابىدىن مەۋلەۋى، ئابدۇرەشىد قارىھاجىم قاتارلىق كۆپلىگەن ئۆلمالاردىن ئىلىم تەھسىل قىلغان. دىنى ۋە پەننى ئىلىملەر بويىچە يۇقىرى بىلىمگە ئىگە بولغان ئابلىمىت داموللا ھاجىم 80- يىللاردىن 90- يىلغا قەدەر قەشقەر شەھەر جاڭقورغان مەسچىتىنىڭ ئىمامى بولۇپ نۇرغۇنلىغان مەرىپەتپەرۋەر شاگىرىتلارنى تەربىيلەپ چىققان. 84 -يىلى قەشقەر شەھەر كېرەمباغ دوختۇرخانىسى(يەنى قەشقەر شەھەرلىك 1 –دوختۇرخانا)غا يېقىن يەردىكى توققۇزتاش جۈمە مەسچىتىنى بىنا قىلىپ، 84- يىلىدىن 97 -يىلغىچە مەزكۇر مەسچىتىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. بۇ جۈمە مەسچىتىگە قەشقەر ۋە قەشقەر ئەتراپىدىكى شەھەر ناھىيەلەردىن ھەر جۈمە نامىزىغا ئۈچ مىڭ ئەتراپىدا كىشى كېلىپ جۈمە نامىزى ئوقۇغان. 97 -يىلى خىتاي كومپارتىيسى ئابلىمىت داموللا ھاجىمنىڭ ئىماملىق قىلىش، خۇتبە ئوقۇش، نىكاھ قىلىش، ئىسىم قويۇش قاتارلىق يەتتە خىل ئىشنى قىلىشىنى مەنئىي قىلغان.

مەرىپەتپەرۋەر ئابلىمىت داموللا ھاجىم ئۆزىنىڭ ناتىقلىقى، ئىسىل ئەخلاق پەزىلىتى ۋە خۇش مۇئامىلىسى بىلەن قەشقەر شەھىرى ئىچىدىكى مەرىپەتپەرۋەر، ئىلىم سۆيەر، سېخى كىشىلەرنى تەشكىللەپ ئىئانە توپلاپ، 88- يىلى 4- ئايدا قەشقەر شەھەر چاسا رايونىغا جايلاشقان، قەشقەر شەھەر خەلقى باشقۇرغان تىل-تېخنىكا مەكتىپى نامىدىكى يۈرۈشلەشكەن، 14سىنىپتىن تەركىب تاپقان ئۈچ قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسى، ئىككى قەۋەتلىك ياتاق بىناسىدىن تەركىب تاپقان خەلىق ئىگىلىكىدىكى تۇنجى «تىل ۋە تېخنىكا مەكتىپى«نى قۇرۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەكتەپ قارىمىقىدىكى بەش قەۋەتلىك خەلق باشقۇرغان «تىل-تېخنىكا مەكتىپى دوختۇرخانىسى» نامىدىكى دوختۇرخانىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.

 

1990- يىلى 6- ئاي، ئوتتۇردىكى كىشى ئابلىمىت داموللا ھاجىم

سولدىن ئىككىنجى كىشى (سېرىق ئىشتان كانىۋاي كۆينەكلىك) تۇرغۇنجان ئەمەت، سولدىن بىرىنجى كىشى ئوقۇغۇچىسى، ئوڭدىن ئىككنجى كىشى (ئاق دوپپىلىق) جالالىدىن مۇئەللىم مەزكۇر مەكتەپنىڭ 90- يىللاردىكى ئەرەب تىلى ئوقۇتقۇچىسى، ئوڭدىن بىرىنجى كىشى (قارا كاستۇملۇق) ئىمام مۇئەللىم مەزكۇر مەكتەپنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەرەب تىلى ئوقۇتقۇچىسى

1988- يىلى 4- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 1997- يىلى 9- ئايغا قەدەر ئۆزى قۇرۇپ چىققان مەكتەپنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.

قەشقەردە خەلق باشقۇرۇشىدىكى «تىل-تېخنىكا مەكتىپى» قۇرۇلغاندىن باشلاپ مەكتەپ تاقالغانغا قەدەر دوختۇرلۇق، سېستىرالىق، چىش دوختۇرلۇق، ئېنگىلىز تىلى، ئەرەب تىلى، خىتاي تىلى، ئوردۇ تىلى ۋە ياپۇن تىلى كەسىپلىرى بويىچە پۈتۈن كۈن ۋە كەچلىك كۇرۇس ئاساسىدا ئوقۇغۇچى تەربىيلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئابلىمىت داموللا ھاجىم قەشقەر توققۇزتاش جۈمە مەسچىتىدە خىزمەت قىلغان 13 يىل  ۋە ئۆزى قۇرۇپ چىققان مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىدا خىزمەت قىلغان 11 يىل ئىچىدە يۇقىرى دىنى ۋە پەننى بىلىم ۋە ناتىقلىقى بىلەن نەچچە مىڭلىغان ياشلارنىڭ ئەخلاقى، ئېتىقادى تەرەپلىرىدە توغرا دۇنيا قاراشقا ئىگە بولىشى ئۈچۈن 600 قېتىمدىن ئارتۇق جۈمە خۇتبىسى سۆزلەيدۇ.

مەكتەپتە بولسا، ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق-تاماق، ئوقۇش ۋە خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئىشلىرى ئۈچۈن توختىماي تىرىشىدۇ. دوختۇرخانىدا بولسا ئەڭ تۆۋەن ھەقتە داۋالاش، كەمبەغەللەرنى ھەقسىز داۋالاش پۇرسىتىنى يارىتىدۇ.

80- يىللىرىدىن 90- يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مەزگىلدە ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرى، جۈملىدىن قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە ياشلىرىنىڭ ئىدىيە ئۆزگىرى ئىسلاھاتى بويىچە چوڭ تەسىر قوزغايدۇ.

قەشقەر خەلقى ۋە ياشلىرىدىكى ئەخلاقى، ئېتىقادى جەھەتتىكى ئويغىنىشنى كۆرگەن خىتاي كوممۇنست ھاكىمىيىتى 96- يىلى 9- ئايغا كەلگەندە «قەشقەر خەلقى باشقۇرغان تىل-تېخنىكا مەكتپى «ھۆكۈمەتكە قارشى ئىسيانچى تەربىيلەۋاتىدۇ» دىگەن تۆھمەت بىلەن مىڭلىغان ئەسكەر بىلەن مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىنى قورشاپ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 600 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى تارقىتىۋىتىپ، مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىنى تاقىۋىتىدۇ.

97-  يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئابلىمىت داموللا ھاجىمنى قەشقەر شەھرىدىن سىرتقا چىقماسلىق شەرتى بىلەن تەقىپكە ئېلىپ ئىككى يىل سوراق قىلىدۇ. 96- يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ئۆزى 20 يىلغا يېقىن قان- تەر تۆككەن مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە مەسچىتتىن ئايرىلىدۇ.

1997- يىلدىن ھازىرغا قەدەر يەنى 2017- يىلغا قەدەر باللىرى ۋە نەۋرىلىرىنى تەربىيلەش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ.

ئابلىمىت داموللا ھاجىمنىڭ تۇتۇلۇپ كېتىلىش جەريانى

نورۋېگىيەدە تۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرى ۋە تۇغقانلىرى، تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان يېقىن دوستلىرىنىڭ تېلېفون ئارقىلىق ۋەتەندىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولىشىچە، قەشقەر شەھىرىدىكى ئاتاقلىق ئۆلىما ئابلىمىت داموللا ھاجى بۇنىڭدىن 3 ئاي ئىلگىرى پۈتۈن ئائىلىسى بويىچە تۇتقۇن قىلىنغان. ئايالى، باللىرى، كۈيئوغۇل، كېلىن ۋە نەۋرە قاتارلىقلار بىرلا ۋاقىتتا تۇتقۇن قىلىنىپ قولغا ئېلىنغان. سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئوقۇپ تىجارەتتە تۇرۇۋاتقان ئىككى

ئوغلى پەيزۇللا ۋە نۇرۇللامۇ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئۈچ ئاي ئىلگىرى چاقىرىتىلىپ، قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان.

ئۇنىڭدىن باشقا ئابلىمىت داموللا ھاجىمنىڭ بارلىق تۇغقانلىرى، دوستلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچ ئاي ئىلگىرى بىرلا ۋاقىتتا تۇتقۇن قىلىنغان.

ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتكەن بولسىمۇ، مەرىپەتپەرۋەر ئۇستاز ئابلىمىت داموللا ھاجىم، ئائىلە ئەزالىرى، تۇغقانلىرى، دوستلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەن.

تۇتۇلغانلارنىڭ تەپسىلاتى: ئابلىمىت داموللا ھاجىم

ئوغلى پەيزۇللا: شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى 91 - يىللىق تارىخ فاكۇلتېتى ۋە مەدىنە ئىسلام

ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان، ئۈچ ئاي ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن چاقىرتىلىپ تۇتۇلغان.

ئوغلى نۇرۇللا ئابلىمىت: سەئۇدى ئەرەبىستان جىددە ئابدلئەزىز ئۇنۋېرسىتېتىدا

ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ماگىستېر ئوقۇغان، 3 ئاي ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن چاقىرتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان.

داموللا ھاجىمنىڭ 20 يىل ئىلگىرى قەشقەر تىل-تېخنىكا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مۇئەللىملەردىن جالالىدىن ۋە ئىمام نىزامىدىن مۇئەللىملەر 3 ئاي ئىلگىرى ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن بىللە تۇتقۇن قىلىنغان.

ئىمام مۇئەللىمنى قەشقەردە ئىمام قارىھاجىم دەپ ئاتايدۇ. قەشقەر شەھەر قوغان يېزىسىدىن، بىلىشىمچە 10 يىل ئىلگىرى قەشقەر تاختا كۆۋرۈكتە ئۆي سېتىۋېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئىدى، بەلكىم تاختا كۆۋرۈكتىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.

جالالىدىن: قەشقەر كونا شەھەر ناھىيە بۇلاقسۇ يېزىسىدىن بولۇپ، ئۈرۈمچىدە زەرگەر دۇكىنىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.

نىزامىدىن: قۇمۇل شەھىرىدىن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى زەرگەرلىك دۇكىنىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.