ياۋروپا ئىتتىپاقى – خىتاي باشلىقلار يىغىنىدا كەم بولسا بولمايدىغان بەش ئىسىم

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى ناھەق تۈرمىگە قامالغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشى لازىم

لوتتې لېكت(Lotte Leicht)

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ياۋروپا بۆلۈمى ۋە بريۇسسېل ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى

تەن جازاسى، ناھەق تۈرمىگە قاماش، تىنچ شەكىلدە ئىپادىلەشتىن تارتىپ دىنىي ئىبادەتلەر ۋە توغۇلغان بالىلارنىڭ سانىغىچە بولغان چەكلىمىلەر: بۇلارنىڭ ھەممىسى بۈگۈنكى خىتايدا ئادەتكە ئايلانغان كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقلىرى. شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئالى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بۇ ھەپتە بريۇسسېلغا يېتىپ كېلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى – خىتاي باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتايدىكى يۈكسەك جاسارەتكە ئىگە بولغان كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى، ئادۋوكاتلار ۋە زىيالىيلار ئېغىر جىسمانىي زەربىگە ئۇچراۋاتقان بولىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۆۋەندىكى بەش شەخسكە قىلغان مۇئامىلىسى بۈگۈنكى خىتايدىكى مۇستەبىت سىياسەتنىڭ قىسقارتىلغان كۆرۈنىشىدۇر:

زىيالىي ۋە 2010- يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ليۇ شياۋبو، دېموكراتىك ئىسلاھاتنى تەشەببۇس قىلغانلىقى سەۋەبلىك «ئاغدۇرمىچىلىققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ھازىر تۈرمىدە.

ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئارىسىدا، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار ئاساسلىق ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا دىئالوگ ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ھازىر تۈرمىدە.

تىبەت تىلىنى قوغداش تەشەببۇسچىسى تاشى ۋاڭچۇك(Tashi Wangchuk)، «نيۇيورك ۋاقت گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان، نۆۋەتتە قاماقتا سوتلىنىشنى كۈتمەكتە.

ئادۋوكات ۋاڭ چۈەنجاڭ، 2015- يىلى ئىيۇلدا قولغا ئېلىنغان، فالۇنگۇڭچىلارنىڭ دىلوسىدا ئاقلىغۇچى ئادۋوكات بولغانلىقى ئۈچۈن ئاغدۇرمىچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن، نۆۋەتتە قاماقتا سوتلىنىشنى كۈتمەكتە.

ئاياللار ھوقۇقى پائالىيەتچىسى سۇ چاڭلەن، ئائىلە زوراۋانلىقىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىشىغا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۆچ ئېلىشقا ئۇچراپ ئاغدۇرمىچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى «ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرتكە بولىدىغانلىقى» ھەمدە «ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك» سورۇنلاردىن تارتىپ «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالىدىغانلىقى» توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئەگەر بۇ گەپ راست بولسا، بۇ قېتىمقى باشلىقلار ئۇچرىشىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە ئوچۇق ئاشكارە چاقىرىق قىلىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەتتۇر. قانداقلا بولمىسۇن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەدىلىرى پەقەت ئەمەلىي ئەھۋاللارغا قەتئىيلىك بىلەن تەتبىقلانغاندا ئاندىن رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.

ياروپا ئىتتىپاقى بۇرۇنلا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىكى ئىلگىرىلەشلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. ناھەق قامالغان كىشىلەرنى قويۇپ بېرىش ئېنىقكى بۇنىڭ تۇنجى قەدىمىدۇر. بۇ قېتىمقى يىغىن دەل زامانىۋى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق تارىخىدىكى كوللېكتىپ بىر قاباھەتنىڭ، 1989- يىلىدىكى تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ يىللىق خاتىرە كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ خىتايدىن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. ياۋروپا ئىتتىپاقى چوقۇم 2012- يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىكى ئەمەلىي كۈچى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى نامايەن قىلىشى، قەتئىي ھالدا خىتايدىن 2010- يىللىق نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبىنى، شۇنداقلا ناھەق قامالغان بارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى لازىم.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى(Human Rights Watch)

2017- يىلى 30- ماي