پاكىستانلىق مۇتەخەسىس: خىتاي – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى پاكىستاننى مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ

كاراچى ۋە كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىسادشۇناسى ئەكبەر زەيدى(Akbar Zaidi) خىتاي – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئىقتىساد كارىدورى دەپ ئېلىندى) ئەمەلگە ئېشىپ قالسا پاكىستاننىڭ خىتاينىڭ بىر مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۈمە كۈنى كەچ، ئاقىللار ئامبىرى «كالكۇتتا تەتقىقات گۇرۇپپىسى»دىكى بىر نۇتىقىدا، زەيدى خىتاي – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى تەشەببۇسىنىڭ چاغداش پاكىستاندا ئەڭ كۆپ تالاش – تارتىش قىلىنغان، لېكىن ئېنىقلىق دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەن بولغان چەتئەل قۇرۇلۇشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

«ئۇ ئەمەلىيەتتە بىر ئويۇن قائىدىسىنى ئۆزگەرتكۈچىدۇر، لېكىن بىزنىڭ ھۆكۈمران سىنىپلىرىمىز تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئەمەس. ئۇ پاكىستاننى قۇللۇققا مەھكۇم قىلىدۇ ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.»

زەيدىنىڭ نۇرغۇن كىتابلىرى، بولۇپمۇ «پاكىستاندىكى ھەربىي پۇقراۋى جەمئىيەت ۋە دېموكراتىيەلىشىش» (Military Civil Society and democratisation in Pakistan) ۋە «پاكىستان ئىقتىسادىدىكى مەسىلىلەر» (Issues in Pakistan's Economy) ئۇنى خەلقئارا سەھنىدە شۆھرەت قازاندۇرغان.

ئىقتىساد كارىدورى ھەققىدە توختالغاندا، زەيدى مۇنداق دېدى: «ئۇ خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ دۇنياۋى تەسىرىنى كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلغان بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، پاكىستان پەقەتلا بېيجىڭنىڭ پارس قولتۇقىنىڭ ئىسسىق سۈيىگە يېتىشىدىكى بىر جۇغراپىيەلىك بوشلۇقتىن ئىبارەت. لېكىن بۇ جەرياندا، بېيجىڭنىڭ پىلانى پاكىستاننى تولۇق كونتروللۇققا ئېلىش.»

زەيدى پىلان ۋە تەرەققىيات دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى تاھىر مەشھەدىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈردى. ئۇ ئىقتىساد كارىدورىنى «باشقا بىر شەرقىي ھىندىستان شىركىتى قۇرۇلىۋاتىدۇ» دەپ تەسۋىرلىگەن ئىدى.

ئىقتىساد كارىدورىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك ئاقىۋىتى پاكىستاننىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن قارار قىلىنىشىدۇر، دېدى ئۇ.

«پاكىستاننىڭ خىتاي ۋە ئىقتىساد كارىدورىغا بولغان مەپتۇنلۇقى ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى ھەر قانداق بىر يېقىنلىشىشقا توسالغۇ بولىدۇ، تاكى خىتاي ئۆزى بۇنداق بىر باسقۇچنى قوزغاتقۇچە شۇنداق بولىدۇ، ئۇلار پەقەت بۇنى ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى زور پىلانىغا ماس كەلگەندىلا ئاندىن قىلىدۇ. خىتاينىڭ پاكىستاننى ئىگىدارچىلىقىغا ئېلىپ، ئۇنى مەخپىي مەبلەغلەر بىلەن تەمىنلىشىگە ئەگىشىپ، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى تالاش – تارتىشلارغا تامامەن خاتىمە بېرىلىدۇ.»

زەيدى پاكىستاندىكى ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ دۆلەتنى قۇللۇق يولىغا باشلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

«بىزنىڭ ھۆكۈمران سىنىپلىرىمىز، بولۇپمۇ ئارمىيىمىز، دەسلەپتە ئامېرىكا ئىمپېرىيالىزمىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ياشىدى، ئارقىدىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ۋە ئىچكى ئىشلىرىغا ئادەتتىكىدىن تاشقىرى دەرىجىدە ئارىلىشىشىغا يول قويدى. ئەمدى ئۇلار خىتاينىڭ جاھانگىرلىك پىلانى ئالدىدا تىز پۈكتى. پاكىستان ۋاقتىنچە خىتاينىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە قاتناشقا سالغان مەبلەغلىرىگە ئېرىشەلەيدۇ، بەلكىم يېڭى خىزمەت ئورۇنلىرى يارىتىلىشى مۇمكىن، توك ئىشلەپچىقىرىشتا مەنپەئەتكە ئېرىشەلىشىمىز مۇمكىن.»

«لېكىن بىز خىتاينىڭ مەبلەغلىرىنىڭ سىرىلانكا، تاجىكىستان ۋە ئافرىقىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا قانداق سەلبىي نەتىجىلەرنى بەرگەنلىكىنى ئونۇتماسلىقىمىز لازىم. سىرىلانكا ۋە تاجىكىستاندا، تەننەرخ ۋە قەرزنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، كەڭ زېمىنلار تۆلىيەلمىگەن قەرزلەرنىڭ بەدىلىگە خىتايغا ئۆتۈنۈپ بېرىلدى. پاكىستاننىڭ بېقىندى دۆلەتكە ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىشىمىزغا يېتەرلىك سەۋەبلەر بار.»

ئۇ پاكىستاننىڭ بېنگالدىن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىنىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

«بېنگال خىتاينىڭ مەبلىغىنى قوبۇل قىلدى، لېكىن ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە. ئۇلار خىتاي شىركەتلىرىدىن ئۇلار سەل قارايدىغان مۇھىت ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلىشنى قەتئىي تەلەپ قىلدى. بېنگال خىتاينىڭ ئۆز ئىشچىلىرىنى ئىشلىتىشكە ئوخشاش شەرتلىرىنىمۇ قوبۇل قىلمىدى، لېكىن پاكىستان ئۇنداق قىلالمىدى.»

زەيدى ھۆكۈمەتنىڭ تېخىچە ئىقتىساد كارىدورىنىڭ ھازىر ۋە ئالدىمىزدىكى يىللاردىكى تەننەرخىنى ئايدىڭلاشتۇرمىغانلىقىنى ئېيتتى.

«بىز بىلگەن ئازغىنە مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى تاراتقۇلاردا ئاشكارىلغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىسلامئاباد ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىدىكى بارلىق تۈرلەرنىڭ ھۆددىگەرلىكىنى مەيلى ئۇلار يەرلىك كارخانىلار بىلەن ھەمكارلاشسۇن ياكى ھەمكارلاشمىسۇن، مەيلى يەرلىك زاۋۇتلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى سېتىۋالسۇن ياكى سېتىۋالمىسۇن خىتايلارغا بېرىدۇ. ئۇلار ئالاھىدە ئىلھاملاندۇرۇش تەدبىرلىرىگە ئېرىشەلەيدۇ، لېكىن يەرلىك پاكىستان شىركەتلىرى ئۇنداق ئەمەس. ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى سەۋەبلىك ماكانلىرىدىن ئايرىلغان ئون مىڭلىغان كىشىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىمۇ تېخىچە ئىنىق ئەمەس.»

زەيدى پاكىستاننى قارار چىقىرىشتا كۈچلۈك ھەربىي تەسىرى بولغان ۋە كۆپ سانلىقلارغا ئۈستۈنلۈك ئىدىيەسىدىكى پەنجابلار باشقۇرغان بىر دۆلەت دەپ تەسۋىرلىدى.

«بۇ ئىقتىساد كارىدورىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ قاراشلىرىنىڭ ھېچنىمىگە ھېساب بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.» دېدى ئۇ.

«بىزنىڭ ھازىر ئىسلامئابادتا 5000 ئوقۇرمىنى بولغان بىر خىتايچە گېزىتىمىز بار دېسەم ئىشىنەمسىز؟» دەپ كىنايە قىلدى زەيدى.

مەنبە: بېنگال خەۋەرلىرى(bdnews24)

2017- يىلى 10- ئىيۇن