خىتاينىڭ ئىسلام ۋەھىمىسى(ئىسلاموفوبىيا)

رامىزاندا بېيجىڭ يەنە ئۆزىنىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان - ت)دا تىنچ ئىسلامىي ئىبادەتلەرگە چەكلىمە قويدى. بۇ يىل دۆلەت مەمۇرلىرىدىن دوستلىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ روزا تۇتماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى ۋە باشقا شەكىللەر ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ ئېيى نازارەت قىلىندى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ بىلدۈرۈشىچە، «بەشتە بىر بولۇش» كۈرىشى ئاستىدا، كادىرلار ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

بۇ ئاشۇرمىچىلىقلار تىبەتكە بەش يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان چېن چۈەنگۈنىڭ ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا شىنجاڭنىڭ پارتىيە سېكرىتارى بولۇپ تەيىنلىنىشى بىلەن باشلاندى. ئۇ ئۆزى تىبەتتە ئىجادقىلغان «تورسىمان جەمئىيەت باشقۇرۇش» سىستېمىسىنى يولغا قويدى، بۇنىڭدا ھۆكۈمەت ئائىلىلەرنى يېقىندىن نازارەت قىلالايتتى.

دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىك خامچوتى 2016- يىلى %19.3 ئېشىپ، 4 مىليارد 400 مىليون دوللاردىن ئاشقان، يېڭىدىن 30 مىڭ ساقچى قوبۇل قىلىنغان. فېۋرالدا، چېن چۈەنگو بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ «جىددىي» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە قوراللىق قىسىملاردىن «تېررورچىلار ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ جەسەتلىرىنى بىپايان خەلق دېڭىزىغا غەرق قىلىۋېتىش»نى تەلەپ قىلغان.

ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نىزامنامىسى»دە، چۈمبەل ۋە «بىنورمال» ساقال قانۇنسىز دېيىلگەن. ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىگە مۇھەممەد قاتارلىق «دىنىي تۈسى كۈچلۈك» ئىسىملارنى قويالمايدۇ ھەمدە پەرزەنتلىرىنى مۇسۇلمانلىق ئېتىقادىغا ئەگىشىشكە ئىلھاملاندۇرالمايدۇ. بارلىق شىنجاڭ ئاھالىسى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە پاسپورتلىرىنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلانغان ھەمدە يېڭىدىن ئىلتىماس قىلغاندا DNA ئەۋرىشكىسى تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، تېررورلۇققا قارشى مانىۋېر ئۆتكۈزۈش، قوراللىق قىسىملار ئارقىلىق كۈچ كۆرسىتىش ۋە ئاپتوموبىللارغا سۈنئىي ھەمراھ ئىز قوغلاش سىستېمىسى ئورنىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر يولغا قويۇلغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەجبۇرى پائالىيەتلىرى قەستەن جۈمە كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ مەسچىتكە بېرىپ ئىبادەت قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىنغان. ساقال قويغان ئەرلەرنى ۋە چۈمبەل تاقىغان ئاياللارنى پاش قىلغۇچىلارغا مۇكاپات بېرىلگەن.

ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى كونتروللۇق دىنىي ساھەدىن ھالقىپ كەتكەن. مەكتەپلەردە ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىنى ئىشلىتىشى دەخلىگە ئۇچرىغان ھەم ئىقتىسادىي پۇرسەتلىرى چەكلىمىگە ئۇچرىغان. ئەڭ ياخشى خىزمەتلەر خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە بېرىلگەن ھەم ئۇلار شىنجاڭغا كۆچۈپ كېلىشكە ئىلھاملاندۇرۇلغان. تىنچ يولدىكى ئۆكتىچىلەرگە كەڭچىلىك قىلىنمىغان. ئۇيغۇلارنىڭ ئاۋازى، مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئىلھام توختى 2014- يىلى بۆلگۈنچىلىكنى تەشۋىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

2009- يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا قارشى تارقاق ھالەتتىكى ھۇجۇملىرى دۋاملىشىپ كەلدى. فېۋرالدا، خوتەندە بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆيىدە ئىبادەت قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالانغاندىن كېيىن، ئۈچ ئەر كىشى پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىپ بەش ئادەمنى ئۆلتۈرگەن. گەرچە بېيجىڭ چەتئەلدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قوماندانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلسىمۇ، لېكىن بۇ ھۇجۇملارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىكىدىن ۋە پىلانسىز ھالدا ئېلىپ بېرىلغاندەك قىلاتتى.

قانداقلا بولمىسۇن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تېررورلۇق ھەرىكىتى ھەققىدىكى قورقۇنچسىى بەلكىم ئۆزى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان «كارامەت»كە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلار بۇ دۆلەتتىن قاچماقتا ھەم ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرى رادىكاللاشماقتا، «ئىسلام دۆلىتى» بۇ يىل فېۋرالدا ئېلان قىلغان بىر فىلمدە بىر ئۇيغۇر خىتايغا «قان دەرياسى» بىلەن تەھدىت سالغان. خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى سىياسەتلىرى ھىندونېزىيە قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىردىمۇ نارازىلىق شەكىللەندۈرمەتكە.

خىتاي دائىرىلىرى شىنجاڭدىكى ھەر بىر زوراۋانلىق ۋەقەسىگە قارىتا تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ھەتتا تارىختىن بۇيان مۆتىدىل يول تۇتۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ دىنىي ئىبادەتلىرىگىمۇ چەكلىمە قويۇش ئارقىلىق، بېيجىڭ ئىچكى مۇقىملىققا تەھدىت سالىدىغان بىر خەتەرلىك يول ئۈستىدە كېتىۋاتىدۇ.

مەنبە: ۋول كوچىسى ژورنىلى(The Wall Street Journal)

2017- يىلى 15- ئىيۇن