خىتاينىڭ يىراق غەربىدە «مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» شەكىللەنمەكتە (1)

ئاپتورى توم فىللىپس()

خىتاينىڭ ئەنسىز شىنجاڭ رايونى(شەرقىي تۈركىستان – ت)غا قىلىنغان بىر قېتىملىق سەپەر جەريانىدا، ھامىي(The Guardian) تورىنىڭ مۇخبىرى كومپارتىيەنىڭ رايوننى «تىنچىتىش» ئۈچۈن كۈلكىلىك ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىغا شاھىد بولدى.

جۈمە كۈنى ئىدى، يەنى ئىسلامىي يىغىلىش ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈن ئىدى، لېكىن قەشقەرنىڭ ئازادلىق يولىغا جايلاشقان ھېيتگاھ جامەسىنىڭ سىرتىدا،  ئەتراپنى مۇئەززىننىڭ مۇڭلۇق ساداسى ئەمەس بەلكى دىزېل ماتورلىرىنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك شاۋقۇن – سۈرەنلىرى قاپلىغان ئىدى.

قوراللىق قىسىملارنى توشۇغۇچى ئاپتوموبىللار بىر - بىرلەپ كېلىۋاتاتتى، بەزىلىرىنىڭ توپ مۇنارىدىن ئاپتوماتلار چىقىپ تۇراتتى، ئۇلار 12 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ماۋ زېدۇڭ ھەيكلى بار بولغان خەلق مەيدانىغا قاراپ كېتىۋاتاتتى. بۇ يەردە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر قاتار دەبدەبىلىك »تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش» يىغىلىشلىرىدىن بىرىگە تەييارلىق قىلىنىۋاتاتتى.

قوشۇننىڭ ئارىسىدا ئېغىر قوراللانغان ئەسكەرلەرنى توشىغان ئۈستى ئوچۇق يۈك ئاپتوموبىللىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككى تەرىپىگە قىزىل ۋە سېرىق رەڭلىك تەشۋىقات لوزۇنكىلىرى ئېسىلغان ئىدى.

«ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىلىق بەخت، بۆلگۈنچىلىك ۋە مۇقىمسىزلىق ئاپەت» دەپ يېزىلىق ئىدى بىرىگە.

ئىككىنچى بىرىدە :«خەلقنىڭ دۈشمىنى بولغان بارلىق تېررورچىلارنى يانچىۋېتەيلى» دەپ ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدى.

مەسىلە چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ساقچىلار يېرىم مىليون ئاھالىسى بار بولغان بۇ شەھەرنى پۈتۈنلەي قامال قىلغان ئىدى.  «بارلىق يوللار تاقالدى» دېدى مەسچىتنىڭ سىرتىدا پوستتا تۇرۇۋاتقان قارا كىيىملىك بىر ھەربىي ئەمەلدار، ئۇنىڭ مەيدىسىگە بىر قۇش مىلتىقى ئېسىقلىق ئىدى.

ھامىي گېزىتى ئاپرېلنىڭ ئاخىرلىرىدا شاھىت بولغان بۇ چوڭ يىغىلىش خىتاينىڭ ئەنسىزلىك قاپلىغان يىراق غەربىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان باستۇرۇشنىڭ يېڭى بىر قەبىھ پەللىسى ئىدى.

ئۈچ كۈن بۇرۇن، مىڭلىغان قوراللىق ئەسكەر شىنجاڭنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىگە يىغىلدى. بىر يەرلىك گېزىتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇلار ئىسلام رادىكاللىرىغا قارشى ئۇرۇشتا «بارلىقىنى پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن قۇربان قىلىش»قا قەسەم بەرگەن. بېيجىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە مەمۇرلارغا قىلىنغان بىر قاتار ھۇجۇملارنى ئۇلارغا ئارتىپ كەلدى.

بىر ھەپتە بۇرۇن، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئاقسۇ شەھىرىدە، 1000 دىن كۆپ ئەسكەر ئۈچ كۈن قوراللىق كۈچ كۆرسەتكەن ئىدى.

(داۋامى بار)

مەنبە: ھامىي(The Guardian) تورى

2017- يىلى 23- ئىيۇن