دىنىي زۇلۇم دىن بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغاندا...

شەھىد بولسىن

خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى يىللاردىن بېرى دىنىي باستۇرۇشقا ئۇچراپ كەلمەكتە؛ ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانچە كىيىنىشى چەكلەنمەكتە، رامىزاندا روزا تۇرۇشى (ئوچۇق – ئاشكارا چەكلەنمىگەن بولسىمۇ) چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا، ھەتتا بىۋاسىتە ئىسلامىي ئىسىملارنى قويۇشمۇ قانۇن ئارقىلىق مەنئىي قىلىنماقتا.

بۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش مۇسۇلمانلارمۇ بار؛ ئۇلار دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلىمىسىز ھالدا داۋاملاشتۇرماقتا، ھەتتا ھۆكۈمەت، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋلادلىرى قۇرئان كەرىمنى يادلايدىغان ئەرەب تىلى مەكتەپلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە. شىنجاڭغا كەلسەك، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھىجابلىنىشى چەكلەنمەكتە. دۆلەتنىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇسۇلمان خىتاي ئاياللارنىڭ ئىنستېگرامدا ھىجابلىق سۈرەتلىرىنى تارقىتىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا دۇنيانىڭ باشقا يېرىدىكى ھەر قانداق بىر دۆلەتكە قارىغاندا خىتايدا ئاياللار مەسچىتلىرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئۇچراتماقتىمىز.

نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېغىر ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىگە دۇچار بولدىمۇ – نېمە؟

جاۋاب، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس.

بۇ يەرنىڭ ھېكايىسى خىتايدىكى باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ھېكايىسىگە ئوخشىمايدۇ؛ ئۇيغۇرلار ئۆزىنى خىتاينىڭ نورمال پۇقراسى دەپ قارىمايدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسلام ئەللىرىگە يېقىن ھېس قىلىدۇ.

ئۇلار زېمىنلىرىنى شىنجاڭ ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستان، دەپ ئاتايدۇ. ئۇلاردا مۇستەقىللىق تۇيغۇسى چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن. بۇ يەردە ئاساسىي تۈپ ئامىل بولسىمۇ، بىر تۈپ ئامىل بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىش ئىستىكىدۇر. بۇ ئىستەك ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقىنى چىقىش قىلىدۇ، ئۇلار ئىسلامنى مۇستەقىللىقىغا ئېرىشىشنىڭ ئارقىسىدىكى تۈرتكىلىك ئامىل، دەپ قارايدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئىسلام ئۇلارغا نىسبەتەن سىياسىي مەسىلىگە؛ يەنى قارشى چىقىشنىڭ ئاساسىغا ئايلانغان.

ئەلۋەتتە، خىتايدىكى مەركىزىي ھۆكۈمەت شىنجاڭنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىگە قەتئىي يول قويمايدۇ؛ چۈنكى، ئۇ خىتاي ئىقتىسادى ئۈچۈن، دىنامىكىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە بىر رايون.

 شۇڭا، مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە بېرىلگۈسى جاۋاب قاتتىق باستۇرۇش بولماقتا. بۇ باستۇرۇشنىڭ ھەرقانداق دىنىي كىملىكنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان نۇقتىلارنى يوقىتىشقا مەركەزلىشىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس.

خىتەي ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن، شىنجاڭدىكى ئىسلام ئىنقىلابىي ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ (خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ) قارىشىچە، ئىسلامىي كىملىك بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە ھۆكۈمەتنىڭ نوپۇزى شۇنداقلا دۆلەتنىڭ رايون خاراكتېرلىك بىرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.

مەيلى شىنجاڭنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايلى ياكى ئۇنىڭغا قارشى چىقايلى، باستۇرۇشنىڭ ماھىيەت جەھەتتىن ئىقتىسادىي مەنپەئەت تۈرتكە بولغان سىياسىي خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ دىنىي بېسىم شەكىلدە نامايان بولغانلىقىنى تونۇپ يېتىشىمىز زۆرۈر. ئەگەر شىنجاڭدا ئايرىلىش ئارزۇسى بولمىغان بولسا، ئىسلامغا زىت باستۇرۇش بولمىغان بولاتتى، مانا بۇ دەل ھەقىقەت. ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن دىنىي بېسىمغا دۇچ كەلمەيۋاتىدۇ. بىراق، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىقى سىياسىي جەھەتتە ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇشنىڭ مەركىزى نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ.

مىليونلارچە خىتاي مۇسۇلمانلىرى دىنى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئەركىن – ئازادە، ئوچۇق – ئاشكارا ئادا قىلماقتا، ھۆكۈمەتنىڭ ھېچقانداق نارازىلىقىغا دۇچ كەلمەستىن ئىسلامىي كىملىكلىرىنى ئىزھار قىلماقتا؛ چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئىسلامىي كىملىكلىرى سىياسىي قارشىلىق بىلەن تەڭداشلىققا ئىگە ئەمەس.

ئىسلام سىياسىي ئۆكتىچىلىكنىڭ بىر ئامىلىغا ئايلانغاندا، دۆلەتنىڭ ھەر دائىم دىنىي بېسىم ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇ.

ئەگەر سىز، ئىسلامىي ئەمەللەر مۇسۇلمان ئەمەس بىر ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەقەززا قىلىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان بولسىڭىز، ئىختىيارىڭىز. ئەمما، سىز ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا، ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرۇشىنىڭ پەردە ئارقىسىدا سىياسىي ئەمەس، دىنىي سەۋەبلەرنىڭ ياتىدىغانلىقىنى دەۋا قىلالمايسىز. ھېچقانداق ھۆكۈمەت، دىن گەۋدىلىك ئامىل بولغان تەقدىردىمۇ چېگرا تەۋەلىكىدىكى ھەرقانداق بىر ئىسيانغا يول قويمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، دىنىي پائالىيەتلەرمۇ، كىملىكمۇ بېسىمغا ئۇچرايدۇ.

بۇ ئۇلارنىڭ توغرا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. شۇنداقلا، بۇنى شىنجاڭدىكى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاقلاش، دەپ چۈشىنىۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ. بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز بولۇۋاتقان ئىشلار ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى ئىنچىكە چۈشىنىشتۇر. ئەمەلىيەتتە، ھەرقانداق ھۆكۈمەت ئىسلامغا، ئىبادەتلەرگە ئۇنى ئىپادىلەشكە يول قويۇشى مۇمكىن. بىراق، ئۇلارنىڭ يول قويالمايدىغىنى ئىسيان ۋە كوللېكتىپ قارشى چىقىشتۇر. بۇ پىرىنسىپ غەربكە، خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان باشقا ھەرقانداق ماكانغا ماس كېلىدۇ.

 

مەنبە: ئەرەبى 21 تورى