خىتايغا: 2009- يىلىدىكى 5- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن غايىب بولغان ئۇيغۇرلار قايەردە؟

ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە سەككىز يىل بولغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئائىلىلىرى يوقاپ كەتكەن ئۇرۇغ – تۇغقانلىرىنىڭ ئىز – دېرىكىنى ئالالمىدى

بايانات

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (Uyghur Human Rights Project )

2009- يىلىدىكى ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسىدىن كېيىنكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي يوق قىلىۋېتىلگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەر تاراتقۇلاردا ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي يوق قىلىۋېتىلگەن شەخسلەرنىڭ ئاقىۋىتى ھېلھەم ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىگە نامەلۇم.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىتابنامىسىدە، مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش «ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقى» شەكىللەندۈرىدۇ دېيىلگەن. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خىتاينى 2009- يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشقا ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىياسىتىنى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ماسلاشتۇرۇشقا چاقىرىدۇ.

«ئۈرۈمچى قىرغىنچلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ نامايىشىنىڭ زورلۇق كۈچى بىلەن باستۇرۇلۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يوللۇق نارازىلىقلىرىنى ھەل قىلىش چارىلىرىنىڭ چېكىگە يەتكەنلىك سىگنالىنى بەردى. 2009- يىلىدىن بۇيان، بىز دىنىي كونتروللۇقنىڭ كۈچىيىشىگە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنىنىڭ تۆۋەنلىشىگە، سۆزلەش، ئۇيۇشۇش ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكلىرىنىڭ چەكلىنىشىگە، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە كەمسىتىلىپ چەتكە قېقىلىش سۈرئىتىنىڭ ئېشىشىغا شاھىت بولدۇق.» دېدى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات.

ئۆمەر قانات ئەپەندى مۇنداق دېدى: «لېكىن، 2009- يىلىدىكى قىرغىنچىلىقتىن كېيىن، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە ئۇرۇغ – تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئائىلىلەرنىڭ قەلب يارىلىرى تاكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارلىمىغۇچە ساقايمايدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە غايىب كىشىلەرنىڭ دىلولىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىشى لازىم.»

2009- يىلى 5- ئىيۇل كۈنى، ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا يىغىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدىكى بىر زاۋۇتتا ئۇيغۇر ئىشىچىلارنىڭ  قانلىق ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىگە سەل قارىغانلىقىغا قارشى تىنچ شەكىلدە نامايىش قىلغان. شۇ كۈنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە ئايدا زادى نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ھازىرغىچە سىر بولۇپ كەلدى. بىزگە مەلۇم بولغىنى پەقەتلا شۇ كۈنى بۇ شەھەردە مىسلىسىز بىر قانلىق ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ۋە سان – ساناقسىز كىشىلەرنىڭ ئۆلگەنلىكىدۇر. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى( Amnesty International) ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى( Uyghur Human Rights Project)نىڭ دوكلاتلىرىدا، بۇ قانلىق قىرغىنچىلىقنى بېشىدىن ئۆتكۈزگۈچىلەرنىڭ خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ تىنچ شەكىلدە نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئوققا تۇتقانلىقىغا دائىرى تەپسىلىي بايانلىرى بار.

ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە سوئاللار جاۋابسىز قالدى. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن 2009- يىلى ئۆكتەبىردە ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ 6- ئىيۇلدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئىككى رايوندا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقى خاتىرىلەنگەن. دوكلاتتا، مەجبۇرىي يوق قىلىۋېتىلگەن 43 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى خاتىرىلەنگەن. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى براد ئادامس(Brad Adams)نىڭ ئېيتىشىچە، ئىسمى خاتىرىلەنگەن غايىب قىلىنغۇچىلار پەقەت «دېڭىزنىڭ بىر تامچىسى»دىنلا ئىبارەت.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ 2012- يىلى 5- ئاينىڭ 14- كۈنىدىكى بىر خەۋىرىدە، 36 ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ 2009- يىلى 5- ئىيۇلدىن بۇيان يوقاپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. بۇ 36 ئۇيغۇرنىڭ خەۋىرىدىن بۇرۇن، 11- ماي كۈنى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى غايىب بولغان مۇھەممەت ئەلى ھەققىدە بىر خەۋەر بەرگەن.  مۇھەممەت ئەلىنىڭ ئانىسى پاتىگۈل ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا، ئوغلىنىڭ 2009- يىلى 14- ئىيۇل قولغا ئېلىنغانلىقىنى، توققۇز ئايدىن كېيىن، ئۇ ئوغلى ھەققىدە تۇنجى قېتىم، شۇنداقلا ئاخىرقى قېتىم ئۇچۇرغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقان. پاتىگۈل خىتاي دائىرىلىرىدىن قولغا ئېلىنغان ئوغلىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى قەتئىي تەلەپ قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئىككى يىل قاماپ قويۇلغان. كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغىنى بولسا، 2009- يىلى 5- ئىيۇلدىن كېيىنكى دۆلەت بىخەتەرلىكى ھەرىكىتىدە قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلۇشى، تەن جازاسىغا ئۇچرىشى، قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى ۋە ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كېتىشىگە دائىر خەۋەرلەردۇر.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى شەخسلەرنى مەجبۇرىي يوق قىلىۋېتىشتىن قوغداشقا دائىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلىشقا چاقىرىدۇ. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ «شەخسلەرنى مەجبۇرىي يوق قىلىنىشتىن قوغداش بويىچە خەلقئارا ئەھدىنامە» ۋە «خەلقئارا پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇقلار ئەھدىنامىسى»گە ئىمزا قويۇشى ۋە ماقۇللىشى، شۇنداقلا «مىللەت، دىن ۋە تىل جەھەتتە ئاز سانلىققا تەۋە كىشىلەرنىڭ ھوق – ھوقۇقلىرى خىتابنامىسى»دە بەلگىلەنگەن ھەق – ھوقۇقلارنى ئەمىللەشتۈرۈشى ئۈچۈن بېسىم چۈشۈرۈشكە چاقىرىدۇ.